ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بۇ يىل 6 – ئاي مەملىكەتلىك 13 – قېتىملىق ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى››، 16 – ئىيۇن مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەشۋىق قىلىش – مەسلىھەت بېرىش كۈنى، بۇ قېتىم قانات يايدۇرۇلىدىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى ‹‹قىزىل سىزىق ئېڭىنى كۈچەيتەيلى، بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى›› تىن ئىبارەت. مەركەز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ بىر مەزگىللىك باش كۆرسەتكۈچى ۋە باش پىرىنسىپى. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى زىچ چۆرىدەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىل سىزىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ قاتتىق تەلەپ بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى ۋە ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
بىرىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك
پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە دائىر بىر قاتار يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركەزنىڭ ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىكى يادرولۇق مەيدانىنى نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹ئادەمنىڭ ھاياتى ھەممىدىن ئەلا، ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىياتنى قوغلىشىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، بۇنى چوقۇم ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق قىلىش كېرەك.›› قىزىل سىزىق دەل يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى بولۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشكە بولمايدۇ، بولمايدىكەن ئېغىر بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەر تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسى، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، بىخەتەرلىك بولمىغاندا، ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار ۋە تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدا سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.46، ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 37.23 ئازىيىپ، ئاپتونوم رايونىمزدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئومۇميۈزلۈك ئازايدى، زاۋۇت، كان، سودا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت خاراكتېرلىك يول قاتنىشى قاتارلىق كۆپ قىسىم نۇقتىلىق كەسپىي ساھەلەردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. بىراق ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. شۇڭا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم روھىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان تونۇشىمىزنى يېڭى يۈكسەكلىككە ۋە يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچى قىلىشىمىز كېرەك. قىزىل سىزىقتىن قەتئىي ئاتلىماسلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيىدىكى ‹‹قىزىل سىزىق ئېڭىنى كۈچەيتەيلى، بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەندىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئارقىلىق، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ‹‹ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىياتنى قوغلىشىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ›› دېگەن بۇ قىزىل سىزىقتىن قەتئىي ئاتلاپ ئۆتمەي، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىىش ئېيى پائالىيىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى›› مەركەزلىك تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتى بولۇپلا قالماي، يەنە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچەيتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئېيى. جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە چەكلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى نىشان قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتتىن تۈزەشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كۆمۈر كان، يول قاتنىشى، كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، نېفىت – تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپىي ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي قۇرۇلۇشى يىلى، كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ‹‹ئالتە چوڭ سىستېما›› قۇرۇلۇشى، ‹‹قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش››، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ تۈزەش ۋە بىخەتەرلىك مەدەنىيىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى، مەكتىپى، مەھەللىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات ئارقىلىق خىزمەتنى، پائالىيەت ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاقىت ۋە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ كەلكۈن مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار بۇ خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھوشيارلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ‹‹ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، تەخىرسىز بولۇش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش›› ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، بىر قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نېفىت – تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، كۆمۈر كان، كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، قاتناش – تىرانسپورت، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، پوجاڭزا، خەلق ئىشلىرىغا كېرەكلىك پارتلىتىش بۇيۇملىرى، رەڭلىك مېتال قاتارلىق نۇقتىلىق كەسپىي كارخانىلارغا قارىتىلغان قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، مەخسۇس تۈزەش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ تۈزەش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك
رايونلار، تارماقلار، ئورۇنلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دوكلات يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، تەربىيەلەش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، تېلېۋىزىيە، گېزىت، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ كەڭ تەشۋىق قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. تاراتقۇلارغا تايىنىش ۋە ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، كەسپىي خىزمەت بىلەن تەشۋىقات خىزمىتىنى بىللە تۇتۇشتا، بىرىنچى قول مەسئۇل ئۆزى تۇتۇش، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدىغان رەھبەر ئىزچىل ئۇزاق ۋاقىت تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى، تارماقلار ماسلىشىپ بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى بىرلىكتە پۇختا، ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەڭرىتاغ سەپىرى››، ‹‹ئامانلىق لوڭقىسى››، ‹‹ياشلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى›› قاتارلىق تەسىرگە ئىگە پائالىيەتلەرنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ‹‹ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، بىخەتەرلىك بىرىنچى›› ئىدىيەسىنى مەكتەپ، مەھەللە، كارخانىلارغا كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بىخەتەرلىك ئاممىنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجى، ئەڭ زور خەلق تۇرمۇشى، ئامما ۋە تاراتقۇلارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. تاراتقۇ ۋە جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەپ، تىپ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، تېلېۋىزىيە، رادىيو، گېزىت، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس تېما ۋە چوڭقۇر ئانالىز سەھىپىلىرىنى ئېچىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ‹‹بىخەتەر تەرەققىي قىلىش›› ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش كېرەك. ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى›› پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئادەمنى ئاساس قىلىش، بىخەتەر تەرەققىي قىلىشتىكى ئاكتىپ كۈچنى قوزغاپ ۋە مۇجەسسەملەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پايدىلىق جامائەت پىكرى مۇھىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك.
رايونلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، زىچ ماسلىشىپ، ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى›› پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك. ساھە، كارخانىلار ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس تەشۋىقات پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىللىق ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى›› پائالىيىتىنى تىرىشىپ تېخىمۇ جانلىق قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ قىزىل سىزىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى؛ پۇلاتتەك ئىرادە، ئۈنۈملۈك تەدبىر، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق ئېغىر، پەۋقۇلاددە زور ۋەقەلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم بولۇشى ۋە ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا