شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنىي زاتلار ئوتتۇرىغا چىقىپ دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەننى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن سەپسەتىسىگە رەددىيە بەردى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە قوزغاۋاتىدۇ. ئۇلار بەس – بەستە مۇنداق دېدى: ‹‹دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان زوراۋان – تېررورچىلار خىيالىي دۇنيادا ياشايدۇ، قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سىياسىي مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەڭ تار، ئەڭ رەزىل تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلار يامان ئىش قىلغان ئىكەن يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ، ئۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدۇ››.
‹‹ھەر بىر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ۋە پەرزەنتلىرىگە توغرا ئېتىقادنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى ۋە دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان تونۇشى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان تونۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك›› دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات بۆلۈمى ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ كادىرى تاڭ لياڭ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹ئىسلام دىنى ئىككى ئالەملىك بەخت – سائادەتكە ئېرىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، يەنى ھەم بۇ دۇنيادا مېھنەت قىلىپ بەختلىك ئۆتۈشى، ھەم ئاخىرەتلىك بەخت – سائادەتكە مۇشەررەپ بولۇشقا ئىنتىلىشى كېرەك. ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بويىچە ئېيتقاندا، يامانلىققا يامانلىق، يامانلىق قىلغۇچىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى ئۆزىنى ھالاك قىلىپلا قالماي، يەنە ئائىلىسىدىكىلىرىنىمۇ پۈتمەس – تۈگىمەس ئازابقا دۇچار قىلىدۇ››.
ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقاھار مەخسۇت مۇنداق دېدى: ‹‹زوراۋان – تېررورچىلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلار بىگۇناھ خەلقنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ، قانۇننى دەپسەندە قىلدى، دىننى خۇنۈكلەشتۈردى، ئۇلار كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزدى، ئاللا ئۇلارنى جەزمەن جازالايدۇ. بىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى، مېھىر – شەپقەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدىيەسىنى سىڭدۈرىمىز››.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كورلا شەھەرلىك ‹‹دافاڭ›› مەسچىتىنىڭ ئاخۇنۇمى ليۇ شياۋچياڭ مۇنداق دېدى: ‹‹زوراۋان – تېررورچىلار مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، رەزىل ئۇسۇل، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بىگۇناھ پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلدى، ئۇلار دىننى ۋاسىتە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئارىسىدا ئارازىلىق پەيدا قىلدى. ئىسلام دىنىدا جانغا زامىن بولۇش قەتئىي چەكلەنگەن، شۇنداقلا ئۇرۇش ياكى باشقا قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە زىيانكەشلىك قىلىش چەكلەنگەن، چۈنكى ھاياتلىق ھەممىدىن ئۇلۇغ. دىنىي زات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دىنىي ئىشلارنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئەخلاق – مىزان قارىشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ھەق ئېتىقادلىق مۇسۇلمان بولۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك››.
توقسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ئەلىجان مۇھەببەت مۇنداق دېدى: ‹‹ھەممەيلەن <ئۈچ خىل كۈچ> نىڭ ماھىيەتلىك زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە زوراۋان – تېررورچىلار دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، ۋەتەننى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ھەر قانداق ۋاسىتە قوللىنىشتىن يانمايدۇ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئېزىقتۇرۇپ، كەينى – كەينىدىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلدى، دىن ئەسەبىيلىكى كۈچلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزىمىزلا ئېنىق تونۇپ قالماستىن، يەنە ئائىلىمىزدىكىلەرنى بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىمىزنى ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، <ئۈچ قانۇنسىز> نىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى كادىر، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەيدىغان ئۈلگىلىك ئاتا – ئانا بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك››.
ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى ئېكساق كەنتى مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئىمام ھەسەنقارى مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بەزى ياشلار ئاساسلىقى دىننى، قانۇننى، <قۇرئان كەرىم> نى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، بەزى مەسىلىلەر چىقىۋاتىدۇ، بىز پەرزەنتلىرىمىزگە توغرا ئېتىقاد، توغرا مىللەت قارىشىنى چۈشەندۈرسەكلا، ئەۋلادلار توغرا يولدا ماڭىدۇ››.
غۇلجا شەھىرى بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ خاتىپى سۇلتان يۇنۇس مۇنداق دېدى: ‹‹ئىسلام دىنى تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئاسايىشلىق ۋە كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمىز، دىنىي زاتلار زوراۋان – تېررورچىلارغا زەربە بېرىش جەھەتتە خىزمەت كۆرسىتىشى، ئومۇميۈزلۈك توغرا ۋەز ئېيتىپ، دىنىي ئەقىدىلىرىنى شەرھلەپ، ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان ۋەز – تەبلىغ قىلىپ، رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ توغرا دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا