خاسىيەت جۈمەنىڭ شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ ئىدارە 1 – مايدىن 31 – ئۆكتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىمپورت قىلىنغان پاختا تېرىش ماشىنىسىنى تاللاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ بازىرىدا ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان پاختا تېرىش ماشىنىسىدىن تەخمىنەن 2000ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت قىلىنغان ماشىنا تىپى تەخمىنەن 1600، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنا تىپى تەخمىنەن 400 ئىكەن. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمپورت قىلىنغان پاختا تېرىش ماشىنىلىرىدا ئۇدا بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىمپورت قىلىنغان پاختا تېرىش ماشىنىلىرىدا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ مەركەزلىك كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەبنىڭ ئاساسلىقى پاختا تېرىش ماشىنىلىرى لايىھەسىدىكى نۇقسانلار، خادىملارنىڭ مەشغۇلاتى ۋە ئاسراش ئىشلىرىنىڭ نامۇۋاپىقلىقى، مۇھىت ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللار ئىكەنلىكى بايقالغان.
ئىمپورت قىلىنغان پاختا تېرىش ماشىنىلىرىدا ھادىسە كۆپ كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنى رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش، مال قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بەلگىلىمىسى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۈچنى ھۆددە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەكىتلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساتقۇچىلاردىن ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تاپشۇرغاندا، ئىشلەتكۈچىلەرنى تاموژنا چىقىرىپ بەرگەن مال ئىمپورت قىلىش ئىسپاتى ۋە پىرىيوم – كارانتىن ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرگەن چېگرادىن كىرگەن ماللارنى پىرىيوم – كارانتىن قىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا