ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قوشنا ئەللەر

قىرغىزىستاندىكى‹‹مەدىنە››

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 06 - ئاينىڭ 30- كۈنى 03:51   |    ئاپتور : ئىمىنجان داۋۇت  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    بېشكەك شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ‹‹ئالمائاتا›› كوچىسىغا جايلاشقان ‹‹مەدىنە›› رەخت توپ تارقىتىش بازىرى قىرغىزىستانغىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەت كارخانىچىلىرىغىمۇ ناھايىتى تونۇشلۇق. بۇ بازار بېشكەكتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر كارخانىچى، ھازىر قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى تۇرسۇن تاينىڭ قىزى مەدىنەنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇ بازاردىكى دۇكانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن دېگۈدەك جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئىجارە ئالغان بولۇپ، ئۇلار جېجياڭ، خاڭجۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ رەختلىرىنى قىرغىزىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە توپ تارقىتىدىكەن. بۇ بازاردىكى دۇكانلارنىڭ ھەممىسى ئىككى قەۋەت كونتېينېر بىلەن قۇراشتۇرۇلغان، بازارنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز، ئۆزىڭىزنى چەت ئەلدە ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹بۇلاقبېشى›› ياكى ‹‹دۆڭكۆۋرۈك›› بازىرىدىكى رەخت بازىرىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز.

    18 – مارت ‹‹مەدىنە›› بازىرىدا مېنى بۇ بازارنىڭ ئامانلىق خادىملىرى بازار دىرېكتورى، بېشكەكتىكى قىزىلسۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن خېلىلغا ئۇچراشتۇرۇپ قويدى. ئوتتۇرا بوي، خۇش پېئىل كەلگەن تۇرسۇن ئاكا 1993 – يىلى ئاتۇش شەھىرىدىن بېشكەككە كېلىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، نەچچە يىللاردىن بېرى نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، مەيلى ياقا يۇرتتا سودا قىلىش ياكى ئەلچىخانا بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئارا ئالاقە قىلىش جەھەتتە بولسۇن، خېلىلا تەجرىبە – ساۋاققا، تېگىشلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بوپتۇ. ئۇ ئاۋۋال مېنى بازارنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىردى. كونتېينېردىن ئاستى – ئۈستى قىلىپ يانداشتۇرۇپ سېلىنغان دۇكانلار تولىمۇ رەتلىك بولۇپ، بازار ئاۋات ئىدى، ئۇيغۇر سودىگەرلەر قىزغىن ھەم قىزىقارلىق سۆزلەر بىلەن خېرىدار چاقىرىشسا، كىچىك ھارۋىلاردا توپ رەختلەرنى بېسىشقان قىرغىز ئىشلەمچىلەر ‹‹يول، يول›› (پوش، پوش، دېگەن مەنىدە) دەپ توۋلاشقىنىچە ئۇياقتىن – بۇياققا ئالدىراش ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بۇ مەنزىرىنىڭ شىنجاڭدىڭى مەلۇم بىر ئاۋات رەستىدىن ئاساسىي جەھەتتىن پەرقى يوق ئىدى. تارىختىن بۇيان پەم – پاراسەت ۋە سەمىمىي – ساداقەت بىلەن سودا – سېتىق قىلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىدا ئۆچمەس ئىزلارنى، پەخىرلىك ناملارنى قالدۇرغان خەلقىمىز قەيەرگە بارسا، شۇ يەردە تېزلا ئاۋات بازارلار شەكىللىنىدىكەن. يەنى ‹‹ئۇيغۇر بار يەردە بازار بار›› دېگەندەك ‹‹مەدىنە›› رەخت توپ تارقىتىش بازىرى ئەتراپىدا يەنە بۇ بازاردىكى تىجارەتچىلەر ۋە خېرىدارلارنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجىغا ماس ھالدا ئۇيغۇر تائاملىرى ئاشخانىلىرى، ناۋايخانا، مېۋە – چىۋە، كۆكتات، گۆش دۇكانلىرى قاتار ئېچىلغان ئىكەن. بولۇپمۇ، بەس – بەستە خېرىدار چاقىرىۋاتقان ئاشخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىڭىزدە، پولۇ، مانتا، سامسىلارنىڭ ھىدى سىزنى چەت ئەلدە ئەمەس، بەلكى قەشقەرنىڭ ‹‹ئۆستەڭبويى›› كوچىسىدا كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىكەن.

    ئەبەيدۇللا روزى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى ئىشتاچى كەنتىدىن بولۇپ، بېشكەككە كېلىپ، بۇ بازاردا رەخت دۇكىنى ئېچىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بوپتۇ. ئۇنىڭ دادىسى روزى قۇربانمۇ ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئاكىسى ئىسمائىل قۇربان بىلەن بېشكەك ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە رەخت سودىسى قىلىپ، ھازىر ئاتۇشتىكى داڭلىق بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ. ئەبەيدۇللامۇ جۇڭگو شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بېشكەككە كېلىپ دادىسىنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار رەختنى ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلاردىن بىۋاسىتە ئەكەلگەچكە، باھاسى ئانچە يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدىكەن، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدىمۇ سۈپەت ۋە باھا جەھەتتە پۇت دەسسەپ تۇرالايدىكەن. ئۇلار بىلەن ئېلىمىزدىكى مال تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىقى بولۇپ، ئىككى تەرەپتە ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇلغاچقا، يېرىم پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرۇپ مال سېتىۋالالايدىكەن. بۇ بازاردا تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەنە شۇ تەرىقىدە بىر تەرەپتىن ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ سوممىلىق سودىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۆز ئەجرىگە لايىق تاپاۋەتكە ئېرىشىپ كېلىۋېتىپتۇ.

    تۇرسۇن خېلىل ماڭا بۇ بازارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگودىن كەلگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئىلگىرى ‹‹تۇر بازار›› دېگەن جايدا دۇكان ئاچاتتى. ئۇ بازارغا ئوت كېتىپ، ماللىرى كۆيۈپ كەتكەندىن كېيىن، 2002 – يىلى مۇشۇ بازارغا ئورۇنلىشىپ، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلىدى. بۇ بازارنىڭ كۆلىمى 800 مودىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۇكان، ئىسكىلات، ئىشخانا ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى بازىرى بار. ھازىر بۇ بازاردا 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سودىگەر دۇكان ئاچىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىن كەلگەن. دۇكان ئاچىدىغان ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنى قوشقاندا، بۇ بازاردا 4000 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەپ كىرىم قىلىدۇ. بۇ بازار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قىرغىزىستاندىكى رەخت سودىسى ۋە كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇشۇ دۆلەتتىكى 200 مىڭدەك ئادەمنىڭ كىرىمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

    ئىگىلىشىمچە، ھازىر قىرغىزىستاندا سودا قىلىۋاتقان ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان تەخمىنەن 30 مىڭچە ئۇيغۇر بار بولۇپ، تەخمىنەن 500 دىن 800 گىچە ئائىلە ‹‹مەدىنە›› بازىرىدىكى تىجارەت ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن. ‹‹مەدىنە›› بازىرىنىڭ ئاساسلىق رەختلىرى قىرغىزىستان ۋە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىغا سېتىلىدىكەن. رەختتىن باشقا، تۈگمە، يىپ قاتارلىقلارمۇ توپ سېتىلىدىكەن.

    تۇرسۇن خېلىلنىڭ دېيىشىچە، بۇ بازاردىكى بىر كانتيىنېرنىڭ ئايلىق ئىجارىسى بىلەن باج قاتارلىق چىقىملارنى قوشقاندا، بىر دۇكاننىڭ ئايلىق ئىجارىسى 440 دوللار بولىدىكەن. ‹‹مەدىنە›› بازىرىغا ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6000 توننا، يىلدا 80 مىڭ توننا مال كىرگۈزۈلۈپ، مال ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن. مۇشۇ بازاردىلا بىر كۈندە 1 مىليون 200 مىڭ دوللاردىن كۆپرەك ئوبوروت بولىدىكەن.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە