مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
كىچىك ۋاقتىمدا، ئەزەلدىن مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ئانامنىڭ نىمە ئۈچۈن «ئىلىم بىلىمدە تولغان » دادامنى ئۆزىگە مۇھاپىزىتچىلىككە سالغانلىقىنى تا ھازىرغىچە چۈشەنمەي يۈردۈم.
ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ نەزىرىمدە دادام ناھايىتى ئىتىدارلىق ئادەم ئىدى. ئاپام ئۇنى ناھايىتى ئەقىللىق، مەكتەپتە ئوقۇماي تۇرۇپمۇ چوڭ ئەترەتكە بوغالتىر بولالىغان؛ شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇماي تۇرۇپمۇ «مۇقەددەس كالا» ماركىلىق تىراكتورنى ھەيدىيەلىگەن؛ تامچىغا شاگىرت بولماي تۇرۇپمۇ شەھەرگە كىرىپ ئىگىز قەۋەتلىك بېنالارنى سالالىغان، دەپ ماختىغان..... ئاپام ئۆزىنىڭ چەكسىز قايىللىقى بىلەن دادامنى ئۆزىنىڭ تېغى، دېڭىزى ۋە تۈۋرۈكى دەپ ھېس قىلاتتى.
ئاپامچۇ؟، ئاپام دادامنىڭ ئالدىدا ناھايىتى دۆت قىياپەتكە كىرىۋالاتتى. ئاپام دۆت بولغاچقا، دادام ئاپامنىىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇزىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتى.
يىراق سەپەرگە چىققاندا دادام ساۋاتسىز ئاپامنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، بىر قەدەممۇ ئايرىلمايتى؛ تىياتىر كۆرىدىغاندا دادام ئاپامنىڭ ئېكراندىكى خەتلەرنى كۆرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، ھەمىشە سول تەرەپتە ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ قوياتتى؛ ھارپا تامىقى تەييارلايدىغاندا، دادام ئاپامنىڭ مادارى يوقلۇقىدىن چارچاپ قالمىسۇن، دەپ ئوچاقنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ياردەملىشەتتى؛ ياڭاق يىگەندە دادام ئاپامنى ياڭاق مېغىزىنى تاپالماسمىكىن دەپ قاراپ، ھەر بىر دانە ياڭاق مېغىزىنى تاللاپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ قوياتتى.
ئاپام ساۋاتسىز بولغانلىقتىن، دائىم دۆت قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، بالىلىرىمنىڭ دادىسىنىڭ يانفۇنىنىڭ ئىقتىدارىنى بىلەلمەيمەن، دەپ ھېس قىلاتتى. ئۇ گۆش يىيىشكە ئۆچ بولغاچقا، مېزلىك گۆشلەرنى دادامغا قالدۇرۇپ قوياتتى؛ دادام سىرتقا خىزمەتكە چىقىدىغاندا، ئارتۇق سۆزلىمەيتى، بارىدىغان ۋە تۇرىدىغان يەرلەرنى سۈرۈشتۈرمەيتى، پەقەت ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پەز ئاۋازدا: ـــ قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟ دەپ سوراپ، ئاندىن دادام ئامراقلىق قىلىپ ئىچىدىغان لوڭجىڭ چېيىدىن بىر ئىستاكان ئېلىپ چىقاتتى.
ئاپامنىڭ بۇنداق دۆت قىياپىتىگە كىرىۋالدىغىنىنى كىچىكىمدىن باشلاپ كۆزۈم كۆرۈپ قۇلۇقۇم ئاڭلاپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئۆگىنەلمىگەن ئىدىم. ئەمدىلا توي قىلغاندا مەن ئايال بىلەن ئەر ھەممە ئىشتا باراۋەر بولسا، ئايال ئېرىنىڭ ئالدىدا ناھايىتى قۇدرەتلىك ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلسا، بەزى كىچىك ئىشلاردا باشقىلارغا رەھىم قىلىشنى بىلسە، دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن، بىر قانچە قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇشلار ئارقىلىق بىزنىڭ نىكايىمىز يىمىرىلىشكە تاس قالدى.
ئاپام مېنىڭ قولۇمنى تارتىپ تۇرۇپ سىرداشقاندا، ـــ ئاياللار ئۇنچىۋالا ئەقىللىك بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، ئازراق دۆتلۈكنى ئۆگۈنۈپ قويۇش كېرەك، ئەرلەر بالىغا ئوخشايدۇ، سېنىڭ دۆتلۈكۈڭ ۋە ئاجىزلىقىڭنىڭ تەربىيەسىدە ئاستا-ئاستا چوڭ بولىدۇ، ئىش ئۇقۇدىغان ۋە ساڭا ئىچ ئاغرىتىشنى بىلىدىغان بولىدۇ، دەيتى.
مەن ئاپام بىلەن بىر قانچە قېتىم سىرداشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دۆتلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزەمنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باققان بولساممۇ، بىراق مەن تولا كۈلىدىغان بولۇپ قالدىم. مېنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈۋاتقان دوستلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىم، قېينى ئاتام -قېينىئاناملارمۇ ماڭا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان بولدى، ھەتتا ئېرىممۇ چوڭ بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلدى.
ئېرىم بىر تەرەپتىن چىن دىلىدىن ئائىلە ئىشلىرىنى قىلسا، يەنە بىر تەپتىن ناھايىتى ئاچچىقلانغان ھالدا مېنى «دۆت» دەيتى. مەن ھەمىشە ئۇنىڭ مېنى دۆت دىگىنىدىن ئارزۇلىغان بەختتىن ھوزۇرلانغاندەك بولىمەن.
شۇنداق، دۆت بۇلىۋالغان ئاياللارنى قانداقمۇ بەختلىك ئەمەس دىگىلى بولسۇن ؟.
سىز سۇسلىق قىلىش ۋە ياخشى كۆرۈشنى ئۆگۈنىۋالسىڭىز، تېخىمۇ خوشال يۈرەلەيسىز.
بۇ ئەسەر «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 1-مارتتىكى سانىنىڭ 23 -بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى