مۇھەممەد تۇراپ تەرجخمىسى
تەيۋەندە 60 ياشتىن ئاشقان بىر ئانا بار بولۇپ، ھەر كۈنى قىزىنىڭ يانفۇنىغا تېلېفۇن قىلىپ: ـــ كەچۈرۈڭ، مەن ھازىر ئالدىراش، ئىشىڭىز بولسا سۆز قالدۇرۇپ قويۇڭ، دىگەن سۆزنى ئاڭلايدىكەن. بىراق شۇنداق تاتلىق ۋە شوق ئاۋاز ئانىغا تەبەسسۇم چىراي ئاتا قىلالماپتۇ. قىزىنىڭ تېلېفۇننى ئالمىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ئانا يەنىلا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇنداق جاۋاپ بىرىدىكەن:
ـــ بولىدۇ، سەن ئىشىڭنى قىلىۋەرگىن، مەن ئەتە ساڭا يەنە تېلېفۇن قىلاي.
ئەمەلىيەتتە بۇ يانفۇننىڭ ئىگىسى بىر يىل بۇرۇن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئىكەن. بۇ تونۇش ۋە سەمىمى سۆز ئانىنىڭ قىزىنى تېپىشىدىكى بىردىن-بىر ئۇسۇل بولۇپ قاپتۇ. ئۇ خۇددى بىر سىرلىق ئاچقۇچقا ئوخشاش خالىغان ۋاقىتتا مەخپى باغچىنىڭ ئىشىكىنى ئاچالايدىكەن. ئۇ يەردە قىزىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق يېقىملىق ئەسلىمىلەر ئېچىلىپ تۇرىدىكەن.
قىزى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ يانفۇننى ھېچكىم ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئانا بۇ يانفۇننىڭ ئايلىق ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرۇپ تۇرىدىكەن. ھەر كۈنى بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئانا قىزىنىڭ تېخى يىراققا كەتمىگەنلىگىنى، يەنىلا بۇرۇنقى شىركەتتە ئىشلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن. ئانا ئۆزىنى قىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندەك سىزىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارايدىكەن، قىزىنىڭ نازۇك قولىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا ئۇرۇلغانلىقىنى، قىزىنىڭ مەجلىسخانىدا خىزمەتداشلىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتقان سىماسىنى، قىزىنىڭ بىر پارچە ھۆججەتنى نۇسخائالغۇغا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولىدىكەن....... ئانا مانا مۇشۇنداق تاتلىق سىزىم ئىچىدە ئۇزۇن بىر كېچىنى ئۆتكۈزىدىكەن.
بىراق بىر كۈنى ئۇ ئادىتى بويىچە قىزىنىڭ يانفۇنىغا تېلېفۇن قىلىپ، تېلېفۇننىڭ ئىتىلىپ قالغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قىزىنىڭ ئاۋازى يوقاپ كەتكەنلىكىنى سىزىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانا ئالاقزادە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئىتىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپتۇ.
ئانا شۇ ھامان قىزىنىڭ يانفۇنىنىڭ ئابونتچىلار مۇلازىمەت تېلېفۇن نومۇرىنى تېپىپتۇ، تېلېفۇن ئۇلانغاندا يىغلاپ ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈپ كېتىپتۇ. قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپتۇ. ئەسلىدە تىلگىراف شىركىتى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئابونتچىلارغا تىل سېستىمىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئابونتچىلارنىڭ بۇرۇن قالدۇرۇلغان سۆزنى يېڭى سېستىمىغا ئالماشتۇرۇپ ساقلاپ قويۇشىنى، ئۇنداق قىلمىغاندا بۇرۇن قالدۇرۇلغان سۆزنىڭ يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇختۇرغان ئىكەن. بىراق ئانا يانفۇندىكى قىسقا ئۇچۇرنى كۆرمىگەنلىكتىن، يېڭى سېستىما ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، قىممەتلىك سۆزلەر يوقاپ كېتىپتۇ. ئانا بىئارام بولغان ھالدا خۇددى ياردەمچىسى يوق بالىغا ئوخشاش يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
ـــ بۇ تۈگەپ كەتكەن قىزىمنىڭ سۆزى ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن قانداق قىلارمەن......
ئابونتچىلار مۇلازىمەت خادىملىرى بۇ ئىشنى مۇدىرغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، مۇدىر تېز سۈرئەتتە شىركەتنىڭ خەۋەرلىشىش بۆلۈمىگە دوكلات قىلىپتۇ. خىزمەتچى خادىملار بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، نەچچە مىليون ئابونتچىلارنىڭ بۇرۇن قالدۇرغان بىر قانچە مىليون سۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن، ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىنى تېپىپ چىقىپتۇ.
ئۇلار دەرھال ئەسلىدىكى ئاۋازنى قانداق قىلغاندا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشقا باشلاپتۇ. خىزمەتچى خادىملار ئىپتىدائىي ئۇسۇل بىلەن شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تېلېفۇنغا تېلېفۇن قىلىپ، مۇھىم سۆزلەرگە ئېرىشىپتۇ؛ ئاندىن ئابونتچىلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئۈنئالغۇ سېستىمىسىدىن بۇ سۆزنى ئاغدۇرۇپ چىقىرىپ، يېڭى ئۈنئالغۇ سېستىمىسىغا كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ.
ئانا ئاخىرى ئەشۇ يېقىملىق ئاۋازنى ئاڭلىيالاپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇ ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا: ـــ ئاڭلىيالىدىم، ئاڭلىيالىدىم، دەپ ئۆزىنى قىزىنىڭ يېنىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا يىقىلىپتۇ ھەم قىزىنى قۇچاقلىغاندەك بولۇپتۇ.
بۇ سۆزنىڭ مەڭگۇ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، شىركەت خادىملىرى بۇ ئۈنئالغۇ سۆزىنى نۇر دېسكىغا كۆچۈرۈپ، بۇ ئانىغا تەغدىم قىلىپتۇ.
بىز ئادەتتىكى ئادەملەرمىز، تەبىئى ئاپەت ۋە غايىپتىن كەلگەن بالا-قازالارنىڭ يۈز بىرىشىنى توسىيالمايمىز، بىراق ئۇزاققا سوزۇلغان سەۋىرچانلىق ۋە غەمخوتلۇقتىن پايدىلىنىپ، بىر ئانىنىڭ تىتىلىپ كەتكەن يۈرىكىنى تىكىپ، ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد ئاتا قىلالايمىز.
بۇ ئەسەر «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2012-يىل 13-ئىيۇلدىكى سانىنىڭ 15 -بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى