ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

بىر دانە ئۈزۈك

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 26- كۈنى 10:04 مۇھەررىر : ئەكبەر ئابلىكىم

    سەرگەردان بىللى. خاررىس ئۆزىنىڭ بىر كېچىدىلا نامى چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىكەن.

    يۈزلىرىنى تولۇق ساقال باسقان خاررىس ئامېرىكىنىڭ كانزاس شەھىرىدىكى بىر سەرگەردان. ئۇ كۈندۈزى خەلق مەيدانىدا تىلەمچىلىك قىلىپ، كېچىسى ئىستىروللۇق كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا ياتىدىكەن. ئۇنىڭ ئىشلىرى مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋېرىدىكەن.

    بۇ يىل فېۋرالنىڭ بىر كۈنى ئۇ ئادىتى بويىچە خەلق مەيدانىدا تىلەمچىلىك قىلغان بولۇپ، يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئاقكۆڭۈل كىشىلەر پارچە پۇللارنى ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىستاكانغا تاشلاپ قويىدىكەن. قولى ئوچۇق ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال سومكىسىدىكى بارلىق پارچە پۇللارنى ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىستاكانغا ساپتۇ. خاررىس ناھايىتى مىننەتدار بولغانلىقتىن، ئۇ ئايالغا رەھمەت ئېيتىپتۇ.

    ئايال كەتكەندىن كېيىن، خاررىس ئىستاكاننىڭ ئىچىدە پاقىراپ جۇلالىنىپ تۇرغان بىر دانە ياقۇت ئۈزۈكنىڭ تۇرغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە بايقاپتۇ. بۇنى قايسى ياخشى نىيەتلىك كىشى ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈرۈپ قويغاندۇ؟، بەلكىم بايىقى بارلىق پارچە پۇللىرىنى چىقارغان ئايال چۈشۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپتۇ.

    خاررىس بىۋاستە سەزگۈسىگە ئاساسەن، بۇ ئۈزۈكنى قىممەت باھالىق تويلۇق ئۈزۈك ئىكەن، دەپ جەزىملەشتۈرۈپتۇ. ئەگەر ئۇنى سېتىۋەتسە ناھايىتى كۆپ پۇلغا ئېرىشىپ، جاپالىق تۇرمۇشىنى بىراقلا ئاخىرلاشتۇرغان بولاتتى. خاررىس گېلا ئۇزاق ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن، يەنىلا ئەسلىدىكى ئورنىدا تىلەمچىلىك قىلىپ، ئۈزۈكنىڭ ئىگىسىنى ساقلاشنى قارار قىپتۇ.

    ئۈچىنچى كۈنى بىر ئايال خاررىسنىڭ يېنىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، سىناش نەزىرى بىلەن سوراپتۇ:

    ـــ سىز مېنى ئىسىڭىزگە ئالالىدىڭىزمۇ؟، خاررىس ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بېشىنى چايقاپتۇ. ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈدىغان تۇرسا، ھەر كۈنى نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئۇنىڭغا پارچە پۇل بېرىدىغان تۇرسا، ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايالنى ئىسىگە ئالالماپتۇ.

    ئايال بىر ئاز جىددىلەشكەن ھالدا مۇنداق دەپتۇ:

    ـــ مەن سىزگە ناھايىتى قىممەتلىك بىر نەرسىنى بەرگەنغۇ دەيمەن.

    ـــ ئۇ بىر دانە ئۈزۈكنى دەمسىز؟ دەپ سوراپتۇ خاررىس.

    ھېلىقى ئايال جىددىلەشكەن ھالدا: ـــ شۇنداق ئۇ مېنىڭ تويلۇق ئۈزۈكۈم ئىدى، دەپتۇ.

    خاررىس يانچۇقىدىن ھېلىقى ئۈزۈكنى چىقىرىپ، ئۇنى ئايالغا قايتۇرۇپ بىرىپتۇ. ئايال يوقاپ كەتكەن ئۈزۈكىنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولۇپ، ھەميېنىدىكى بارلىق پارچە پۇللىرىنى خاررىسقا بىرىپتۇ.

    خاررىسنىڭ سەمىمىلىكىدىن تەسىرلەنگەن ئايال ئۇنىڭغا تور ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ ياخشى ئىش قىلىپ بىرىشنى قارار قىپتۇ. ئامېرىكىدىكى داڭلىق بىر خەير-ساخاۋەت پۇل يىغىش تور پونكىتى خاررىسنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا پۇل يىغىدىغان بىر بەت ياساپ بىرىپتۇ.

    ئايال ئەسلىدە پۇل يىغىش ئارقىلىق خاررىسقا بىر قانچە يۈز دوللار يىغىپ بىرىپ، خاررىسنىڭ ئەشۇ كونا ۋېلسىپىتىنى رىمۇنت قىلىپ بىرىشنى ئويلىغان ئىكەن. ئەگەر ئۇ 1000 دوللار يىغالىغان بولسا، ۋېلسىپىتىنى رېمۇنت قىلىۋالغاندىن باشقا، يەنە تۇرمۇشىنىڭ كېمىنى تولدۇرىۋالغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.

    ئويلىمىغان يەردىن ئىئانە قىلىدىغان پۇللارنىڭ مەنبىئى ئۈزۈلۈپ قاپتۇ. «بىر دوللار»، «بەش دوللار»، «ئون دوللار» دىگەن بۇ سانلار ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ نەچچە مىڭلىغان قەلبلەرنىڭ كۆڭلى ئىدى ...... ئىئانە قىلىنغان پۇل ناھايىتى تېزلا 1000 دوللاردىن ئېشىپ كېتىپتۇ. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 7000 دىن ئارتۇق تورداش خاررىسقا 160 مىڭ دوللار ئىئانە قىپتۇ، يەنە تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۈزلۈكسىز تۈردە بۇ سەپكە قوشۇلماقتا ئىكەن.

    بەزىدە بىر ئېغىز سۆز، بىر تۈرلۈك ھەركەتمۇ گۈزەللىكنى يارىتالىشى مۇمكىن.

    بۇ ئەسەر «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 8-مارتتىكى سانىنىڭ 23-بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.

    تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسى

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە