ـــ دادا، ئەمدە ئۇزاتماڭ، قايتىپ كېتىڭ، دەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى ئۇ دادىسىغا، دادىسى ئۈندىمەستىن ئۇنىڭ كەينىدىن داۋاملىق ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.
ئۇ يەنە: ـــ دادا سىز قايتىپ كېتىڭ، مەن يالغۇز كېتەلەيمەن، دېدى. ئۇ دادىسىنى سۈيلىگەنلىكى ئۈچۈن دادىسى يەنە ئۈندىمەيلا قەدەملىرىنى توختاتتى.
دادىسى ئۇنىڭغا: ـــ ئېھتىيات قىلغىن، زېرەك بولغىن، دەپ يەنە بىر قېتىم تاپىلىدى، ئاندىن كېيىن كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتىپ ماڭدى. دادىسى ياش ۋاقتىدا تاغ پارتىلاتقاندا بىر پارچە تاش ئۇنىڭ پۇتىنىڭ دۈمبىسىگە چۈشۈپ مەجرۇھ بولۇپ قالغان بولغاچقا، يول ماڭغاندا دىڭگاقلاپ ماڭاتتى.
ئۇ يىراقلاپ كېتىۋاتقان دادىسىنىڭ گەۋدىسىگە قاراپ كۆڭلى يېرىم بولدى. بۇ قېتىم ئالىي مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرىدىغاندا دادىسى ئەسلىدە ئۇنى ئاپىرىپ قويىدىغانغا دىيىشىپ قويغان. بىراق، يولغا چىقىدىغاندا دادىسى نىيىتىدىن يېنىۋالدى. بەلكىم، دادىسى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوغلىنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن.
دادىسى ئانچە ئۇزاق ماڭمايلا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن «ئوغلۇم توختاپ تۇر» دەپ توۋلىدى. دادىسىنىڭ قاچانلاردا كەينىگە يېنىپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتى، قارىغاندا دادىسى ناھايىتى جىددىلەشكەنلىكتىن، يول مېڭىشى خۇددى بىر دانە چاقپېلەككە ئوخشاپ قالغان ئىدى.
دادىسى: ـــ مەن يەنىلا سېنىڭ ئوقۇش پۇلۇڭدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن، دېدى-دە، كۆينىكىنىڭ يانچۇقىغا تىكىپ قويغان پۇلنى سىلاپ بېقىپ، پۇلنىڭ دومباق ۋە قاتتىق تۇرغانلىقىنى بىلدى. بۇ ئوقۇش پۇلىنى دادىسى ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ ئارىيەتكە ئالغان. دادىسى مۇشۇ بىر قانچە مىڭيۈەننى دەپ قانچىلىغان يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ چىققان، ئۆزىنىڭ تاغ يولىدا قانچىلىك ماڭغانلىقىنى، قانچىلىك ياخشى سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. دادىسى پۇلنى ئوغلىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ خاتىرجەم بولالماي، باشقا يەرگە سېلىپ قوياي دەپ، ئوغلى بىلەن مەسلەھەتلىشىپ باقتى، ھەم ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتى. زادى قەيەرگە سالسا ئەڭ بىخەتەر بولىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ، سەل قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى جېنىدىن مۇھىم بىلىدىغان بۇ پۇلنى قويىدىغان ھېچقانداق ياخشى جاينىڭ يوقلۇقىنى ئويلاپ يەتكەن ئىدى.
دادىسىنىڭ كۆزلىرىدە خۇشاللىق ئالامەتلىرى ئەكس ئەتكەندەك بولدى-دە، پۇلنى پايپاقنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويساق بۇ ناھايىتى بىخەتەر جاي بولغىدەك، دېدى.
دادا-بالا ئىككەيلەن تاغ يولىدا كۆينەككە زىچراق تىكىپ قويغان تىكىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۈكۈپ، پۇلنى ئىككى بۆلەككە ئايرىپ، پايپاقنىڭ ئىچىگە سالدى. ئاندىن ئوغلى ئاياقنى كىيىپ ئاياقنىڭ بۇغۇچىنى چىڭ تارتتى. دادىسى ئۇنىڭ ئايىقىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
ـــ بۇ قېتىم چاتاق چىقمايدۇ.
دادىسى راستىنلا خاتىرجەم بولغان بولۇپ، پىشانىسىدىكى كېڭىيىپ كەتكەن يول-يول قورۇقلار ئىچىگە توپلۇشۇپ قالغان تەرلەر پەسكە ئېقىپ چۈشىۋاتاتتى.
دادىسى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئايرىلىپ ئانچە ئۇزاق ماڭمىغان ئوغۇل ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا پۇتىنىڭ ئاستىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى سەزدى. بۇ تاغ يولى گەرچە 12 چاقىرىم بولسىمۇ، بىراق بازاردىكى ئاپتوۋوز بېكىتىگىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان-بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتى. چۈنكى پۇتىنىڭ ئاستى تېيىلغاق ۋە ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، پۇتىنىڭ ئاستىدىكى پۇل ئاللابۇرۇن تەرگە چۆمۈپ كەتكەندەك تۇيۇلدى.
ئۇ بىر تاغنىڭ چوققىسىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئاۋال ئايىقىنى، ئاندىن پايپىقىنى ئاۋايلاپ سېلىپ چۆچۈپ كەتتى. پۇتىنىڭ تەرلىگەنلىگى ۋە پۇتنىڭ ئاستى يېپىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۈستىدىكى بىر قانچە ۋاراق پۇلنىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ، پۇلدىكى سۈرەتلەرنىڭمۇ تۇتۇق بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئالاقزادە بولۇپ، دەرھال يەنە بىر ئايىقىنى ۋە پايپىقىنى سېلىپ، ئىچىدىكى پۇلنى سۇغۇرۇپ ئالدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ پۇت قولى كالۋالىشىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئەسنادا بىر سالقىن شامال كېلىپ، پۇللارنى خۇددى كېپىنەككە ئوخشاش لەيلىتىپ تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇرىۋەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا گۈم قىلغان ئاۋاز ياڭراپ يەر-جاھان چۆگىلەۋەتقاندەك بولۇپ كەتتى.
پۇللار خۇددى ئالۋاستىغا ئوخشاش بىر ۋاراق-بىر ۋاراقتىن تەرەپ-تەرەپتە پىقىراۋاتاتتى.
ئۇ دەرھال ھەممە تەرەپنى ئىزدەشكە باشلىدى. تاشنىڭ ئاستى، ئوت-چۆپلۈك، دەرەخنىڭ ئازگىلى، يىراق-يېقىن، ئىگىز-پەس، ئىشقىلىپ ھەمما يەرنى ئالىقويماي ئىزدىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئىزدەپ، بىر تەرەپتىن يىغلاپ، قايتىپ بېرىپ دادىسىغا قانداق ئېيتىشتىن قورقتى. دادىسىنىڭ بۇنداق چوڭ زەزبىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقىدىنمۇ ئەنسىرىدى. چۈشتىن كېيىن بولغان ۋاقىتتا ئاران 500 يۈەننى تېپىپ قالغان پۇلنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالمىدى. قالغان پۇللارنى ئىزدەشتىن ۋاز كىچىپ، تاپالىغان پۇلنى كۆينىكىنىڭ يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن كېيىن پۇلنى چىڭ باسقىنىچە ئۇدۇل بازاردىكى ئاپتوۋۇز بېكىتىگە قاراپ يول ئالدى، ئۇ قىلالايدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.
ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، ھېلىقى كۆينىكى ۋە كۆينىكىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى چىڭ بېسىپ يۈردى. ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىىن، تۇرمۇشىغا ئىشلىتىشكە بىر سىنىتمۇ پۇل ئاشمىدى. ئۇ يول ئۈستىدە بولغان ئىشلارنى مەكتەپكە ئېيتقاندىن كېيىن، مەكتەپ «ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، شۇڭا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەشكە مۇھتاج بولدى» دەپ، مەكتەپ ئاشخانىدىن بىر كىشىلىك خىزمەت تېپىپ بەرگەندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتتى.
ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئۇ دادىسىغا بىر پارچە خەت يازدى، ئۇ خېتىدە يول ئۈستىدە ئاپتوۋوزغا ئولتۇرۇپ، پويىزغا ئالمىشىپ ئوڭۇشلۇق بېرىۋالغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپنىڭ ناھايىتى ياخشى ئەكەنلىكى، پاكولتېتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى، ھەممە ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقانلىقى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.
خەتنى ئەۋەتىپ ئۇزاڭ ئۆتمەي، دادىسىنىڭ جاۋاپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. دادىسى خېتىدە: ئالدىنقى كۈنلەردە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پۇلىنىڭ شامالدا ئۇچۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا گەپ تارقالدى. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئوقۇغۇچى دەل سەن ئىكەنسەن، مەن بۇنىڭغا ئىشەنمىدىم، بۇنداق ئىشنىڭ سېنىڭدە يۈز بەرمەيدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولىۋاتىمەن، دەپ يېزىپتۇ. ئانچە كۆپ خەتلەرنى تونۇمايدىغان دادا ئەگرى-بۈگرى قىلىپ مۇشۇ بىر قانچە قۇر خەتنى يېزىپ، خەتنىڭ ئاخىرىغا: ئۇغلۇم، سەن ئەمدى چوڭ بولۇپسەن، دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۇنىڭ يۈزلىرى كۆز يېشى بىلەن ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ.
بۇ ئەسەر «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2012-يىل 18-دىكابىر سانىنىڭ 15-بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى