مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
مەن خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، دادامغا ناھايىتى ئاز تېلېفۇن قىلىدىغان، ھەر ئايدا مائاشىمنى ئالغاندىن كېيىن پەقەت 500 يۈەنلا پۇل ئەۋەتىدىغان بولدۇم. مەن ھەر قېتىم پوچتىخانىغا بارغىنىمدا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا دادامنىڭ ماڭا پۇل ئەۋەتكەن كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. تۆت يىلدىن بۇيان ئۇ ھەر ئايدا كېرەكسىز بۇيۇملارنى سېتىپ تاپقان پارچە پۇللىرىنى كەمتەرلىك بىلەن پوچتىخانىنىڭ پۇكىيىگە قوياتتى...... بىراق بۈگۈنكى كۈندە مەن دادامغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ھەر ئايدا پۇل ئەۋەتىپ بىرىدىغان بولدۇم. پوچتىخانىدىكىلەر بىلەن تونۇشۇپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇلار ماڭا ھەمىشە: ـــ يېرىم يىلدا بىر قېتىم پۇل ئەۋەتسىڭىز ياكى دادىڭىزغا كارتا بېجىرىپ بەرسىڭىز بىۋاستە مېمۇرىيال قىلغىلى بولاتتى، مۇشۇنداق بولغاندا بىر قانچە قېتىم ئادرېس تولدۇرىدىغان ئاۋارىچىلىقمۇ بولمايتى، دەيتى.
ھەر قېتىم مەن كۈلۈپ قوياتتىم، ئۇلار بۇنى چۈشەنمەيتى. مەن دادامنىڭ كىچىككىنە شۆھرەتپەرەسلىكىدىن قانائەتلىنەتتىم. يېشىل پوچتا سومكىسى ئېسىۋالغان پوچتىكەش ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، دادامنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ، ئۇنى پۇل فېرۋوت تالۇنىغا ئىمزا قويۇپ ئېلىۋىلىشنى ئۇقتۇرغاندا، قوشنىلارنىڭ ھەممىسى باشلىرىنى چىقىرىشىپ، دادامنىڭ بۇ تەرتىپلەرنى سالاپەتلىك بىلەن تاماملىغانلىقىغا قىزىقىپ قارايتى.
ھەر قېتىم بازارلىق پوچتىخانىغا پۇل ئالغىلى بارىدىغاندا، ئۇ مۇھىم يىغىنغا قاتنىشىدىغاندەك پاكىز كىيىملىرىنى كىيىپ، پىيادە مېڭىپ باراتتى. يول ئۈستىدە بىرەرسى ئۇنىڭدىن نىمە ئىش قىلغىلى بارىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ قولىدىكى پۇل فېرۋوت تالۇنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ـــ ئوغلۇم پۇل ئەۋەتىپتۇ، پوچتىخانىغا پۇل ئالغىلى ماڭدىم، دەيتى.
بۇ دادامغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق بەختلىك سەپەر بولسا كېرەك. باشقىلار دادامدىن بىر قېتىم ئەھۋال سورىسا، ئۇ بىر قېتىم بەخت تويغۇسىغا چۈمەتتى. بىراق ئۇ ھەر ئايدا خەجلەشكە يىتىدىغان 500 يۈەن پۇلغا شۈكرى قىلىپ، ئۇنىڭغا قانائەت قىلاتتى.
مەن پۇل فېرۋوت قىلىش قەغىزىنىڭ سۆز قالدۇرۇش كاتەكچىسىنى دادامغا ئوخشاش ھەمىشە بوش قالدۇراتتىم. مەن «دادا سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ»، ياكى «كەچتە بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ» دەپ يېزىپ قوياتتىم، بىراق ھەر قېتىم يىزىپ بولۇپ يىرتىۋېتەتتىم. پوچتىخانىدىكى قىزچاق كۈلۈپ تۇرۇپ، مەندىن ھەمىشە مۇنداق دەپ سورايتى: ـــ خەتنى شۇنداق چىرايلىق يازىدىكەنسىز، دادىڭىز بۇنى كۆرسە خۇش بولۇپ كېتەتتى، بىراق بۇنى نىمىشقا يىرتىۋېتىسىز؟.
مەن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ كۈلۈپ قوياتتىم، ئىزاھات بەرمەيتىم. بۇ دادام بىلەن ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلىگىنىمىز ئەمەس ئىدى.
بىر قېتىم پوچتىخانىدىكى قىزچاق مېنىڭ ئالاھىدە سەمىمگە سېلىپ: ـــ سىز بۇ قېتىم سۆز قالدۇرۇش كاتەكچىسىگە كەم دىگەندە بىر جۈملە سۆز يىزىپ قويۇڭ، دېدى.
مەن گاڭگىراپلا قالدىم. ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ـــ دادىڭىز فېرۋوت پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغىچە دادىلار بايرىمى كېلىپ قالىدۇ، سىز بىر نەچچە جۈملە بەخت تىلەش سۆزلىرىنى يېزىپ قويسىڭىز، 500 يۈەن پۇل ئەۋەتكىنىڭىزدىن ياخشى بولىدۇ.
پۈتكۈل بازاردىكىلەر دادىلار بايرىمىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر بايرام شەھەرلىكلەرگە تەئەللۇقتەك تۇيۇلاتتى. بىراق مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزىگە بىنائەن سۆز قالدۇرۇش كاتەكچىسىگە: «دادىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ يېزىپ قويدۇم.
بىراق بۇ پۇل فېرۋوت تالۇنى ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، دادام نىمە ئۈچۈنكىن پۇلنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. ئىككى ئايدىن كېيىن پۇل قايتىپ كەلدى. مەن دادامغا تېلېفۇن قىلىپ سورىسام، دادام خىجىل بولغان ھالدا «ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەپ جاۋاپ بەردى. مېنىڭ كۆڭلۈم بىر ئاز غەش بولۇپ قالدى. چۈنكى مەن بەخت تىلەيدىغان سۆزنى يازسام، دادام بىر ئېغىز جاۋاپ قايتۇرماقتا يوق، تېخى پۇلنى ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ.
مەن پوچتىخانىغا بېرىپ پۇلنى قايتا ئەۋەتمەكچى بولدۇم، ھەمدە بۇ ئىشنى ھېلىقى قىزچاققا سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ماڭا: ـــ مېنىڭچە دادىڭىز ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ فېرۋوت قەغىزىنى خاتىرە ئۈچۈن ساقلاپ قويغان بولۇشى مۈمكىن، دېدى.
مەن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. شۇئان قولۇم بىلەن ئىشارەت قىلىپ: ـــ بۇ قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن، ئۇ ئەزەلدىن ئۇنداق ئىنچىكە ئادەم ئەمەس ئىدى، دېدىم.
ئەمما ئەمەلىيەتتە دادام ھەقىقى ئىنچىكە ئادەم بولغاچقا، بۇ مەخپىيەتلىكنى باشتىن-ئاخىر ھېچكىمگە دىمىگەن ئىكەن.
ئەينى يىلى چاغاندا مەن ئىختىيارسىز ھالدا دادامنىڭ تارتمىسىنى ئېچىپ، يىغىپ ساقلاش قۇتىسىدىكى ھېلىقى پۇل فېرۋوت قەغىزىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەسلىدە دادام ئەشۇ «بەخت تىلەش» سۆزىنى كۆرۈپ، ئۇ سۆزنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا قەلبىنىڭ قېتىدا ساقلىغان ئىكەن.
بۇ ئەسەر «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2012-يىل 18-سىنتەبىردىكى سانىنىڭ 15 -بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى