ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

گېپىمىز مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولسۇن

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 25- كۈنى 03:19 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    مەن شائىر مۇھەممەت رەھىم ئاكىنىڭ ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئېلان قىلغان ‹‹بىز تىلىمىزنى بېيىتامدۇق ياكى نامراتلاشتۇرامدۇق›› ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئوقۇپ، خېلىدىن بېرى ئويلىنىپ، تۇراقلىق ئىبارىنىڭ ھازىرغىچە ئومۇملىشىپ قالغان تەرجىمىسى توغرىسىدىكى قارىشىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.

    بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك تىل ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىى ئالاقە قورالى بولۇپ، جەمئىيەتتە ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدىغان تۈرلۈك ھادىسە، ئىش – ھەرىكەتلەرگە مۇۋاپىق ئىسىم قويۇش، توغرا ئېنىقلىما بېرىش ئارقىلىق، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈشى تىلنىڭ تەرەققىياتى بولۇپ، باشقا تىلنىڭ مۇئەييەن بىر تىلغا بولغان تەسىرى تەرجىمە ئارقىلىق ئاساسىغا ياندىشىپ، شۇ تىلنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەمما، بۇ شەرتلىك بولۇپ، باشقا تىللارنى توغرا قوبۇل قىلىشنى شەرت قىلىدۇ. ئەگەر، ئەكسىچە بولسا تىلدا بۇزۇلۇش بولىدۇ. سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىجتىمائىى ھادىسىلەرگە نەزەر سېلىپ، ئاندىن دېمەكچى بولغانلارنى دەلىللەش كېرەك.

    جەمىئيەتتە كىشىنىڭ ھەققىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئوخشاش بولمىغان ماددىي بايلىق خۇددى ئاسماندىن تاشلاپ بېرىلگەندەك ئالدىغا ئۇچرىسىمۇ، ئۆز ئەجرى بىلەن كەلمىگەن بايلىققا كۆز قىزارتماي، شۇ بايلىقنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىكلەر خەنزۇ تىلىدا 昧不金拾 دېگەن تۇراقلىق ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندا، ئاخبارات ساھەسىدىكى تەرجىمانلارغا يۇقىرىدا دېيىلگەن تۇراقلىق ئىبارىلەر ئۇچرىغاندا، تەرجىمانلار بۇ ئىبارىلەرنى ئىزچىل ھالدا ‹‹ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق›› دەپ تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق تەرجىمە ‹‹خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەر لۇغىتى›› (مىللەتلەر نەشرىياتى 1993 – يىلى 3 – ئاي، 1 – نەشرى، 2001 – يىلى 2 – ئاي 2 – بېسىلىشى، 393 – بەت) نى مەنبە قىلغاچقىمىكىن، ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلاردىكى خەۋەرلىرىدە بىردەكلىكنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق تەرجىمە مۇنداقلا قارىغاندا توغرىدەك قىلسىمۇ، ئىنچىكىلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزسە، ئۇنىڭ مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئېنىقلا بىلىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ تەرجىمىدىكى ‹‹تېپىۋالسىمۇ›› دېگەن سۆز ‹‹تېپىپ›› دېگەن رەۋىشداشنىڭ پېئىلنىڭ 3 – شەخس بىرلىك شەرت رايى قوشۇمچىسى ‹‹ئالسا›› بىلەن ‹‹مۇ›› دېگەن يۈكلىمىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن ‹‹تېپىپ+ ئالسا+ مۇ›› دېگەن سۆزنىڭ فونتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساشتىن كېيىنكى ئۆزگەرگەن شەكلى. دېمەك، مەنە جەھەتتىن ئۇ ‹‹تېپىپ ئېلىش›› تەك بىر ئىش – ھەرىكەتنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇ ھالدا ‹‹كۆز قىرىنى سالماسلىق›› دېگەن سۆزلەرگە ھېچقانداق ئورۇن قالمايدۇ. چۈنكى، ‹‹تېپىپ ئېلىش›› ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك پەقەت كۆرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ. بىروسى قەيەرگىدۇر چۈشۈپ قالغان، ياكى ئۇنتۇپ قالغان ‹‹ئالتۇن›› نى كۆرۈپ، قولىغا ئالغاندا، ئاندىن ‹‹تېپىپ ئالغان›› بولىدۇ. ئەگەر ‹‹كۆز قىرىنى سالمىسا›› تېپىۋېلىنغان ‹‹ئالتۇن›› ئالدىدا، مەغرۇرانە بىر قىياپەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئېلىنغانمىكىن دېسەك، مېنىڭچە بۇنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى، خەنزۇچە تۇراقلىق ئىبارىدە ئىپادىلەنگىنى ئاللىقانداقتۇر مەغرۇرانە قىياپەت ئەمەس، بەلكى نەپسانىيەتكە بېرىلمەسلىكتەك بىر پەزىلەت. بۇ تۇراقلىق ئىبارىدىكى ‹‹昧›› دېگەن سۆزنىڭ ‹‹藏隐›› (يوشۇرۇنماق) ‹‹،瞒隐›› (يوشۇرماق) دېگەن مەنىدە كەلگەنلىكىدىن ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر‹‹ 昧›› نى ئەنە شۇ مەنىدە ئېلىپ، ‹‹昧不金拾›› دېگەن تۇراقلىق ئىبارىنى قايتا تەرجىمە قىلسا، ئۇ ھالدا ئۇنى ‹‹ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ يوشۇرۋالماسلىق›› دەپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى ئەلۋەتتە، مەنە جەھەتتىن خاتا دېگىلى بولمايدۇ، پەقەت سۆزمۇ سۆز (ئۇدۇل) تەرجىمە دېگىلى بولىدۇ. بۇنداق تەرجىمە ئوقۇرمەنلەرگە (ئاڭلىغۇچىلارغا) سۆزلەر بىر ئاز تومتاقراق تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ تەرجىمىگە بىر ئاز بەدىئىي تۈس بېرىش ئۈچۈن، ‹‹يوشۇرۋالماق›› دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ‹‹كۆزى قىزارماسلىق›› دېگەن سۆز بىرىكمىسىنى ئىشلىتىپ، تۇراقلىق ئىبارىنىڭ تەرجىمىسىنى ‹‹ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆزى قىزارماسلىق›› دەپ تۈزەتسە، مېنىڭچە، بۇ تەرجىمە كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ، مەنتىقىگىمۇ ئۇيغۇن بولۇپ، ئەسلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىدە ئىپادىلەنگەن روھى كەيپىياتمۇ ئەينەن ئىپادىلىنىدۇ.

    (ئاپتور: ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن)

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە