شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى قەلىمىنى ھاياتلىق ھېسسىياتىنىڭ تاتلىق سىزىملىرى بىلەن تويۇندۇرۇپ، تەپەككۇر ساھەسىدە ۋە روھتا زىلزىلە پەيدا قىلالايدىغان شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپىدۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۈچلۈك مىللىي پۇراق بىلەن رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، كىشىلەردىكى ھاياتلىق ۋە ئۇنىڭ قىممىتى، كىشىلەرنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، ئەخلاق – پەزىلىتى، ئەركى، خاسلىقى، ئۆزگىرىشچان پىسخىك خاراكتېرى، ئارزۇ – ئارمانلىرى، ۋاپادارلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، ئەلسۆيەرلىك تۇيغۇسىغا چېتىلىدىغان غۇرۇر چېقىنلىرىدىن ۋۇجۇدلانغان. شۇنداقلا، مۇئەللىپ ئۆزى ئېيتقاندەك، ئويناق قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان لىرىكىلىرى سەمىمىيەت ئىلكىدىكى نازاكەتلىك تۇيغۇلارغا كۆرە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە ئوتلۇق داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. مېنىڭچە شېئىرنى ئەنە شۇنداق مۇقامغا يەتكۈزىدىغىنى، شېئىرىي پىكىرنى جۇلالاندۇرۇپ بېرىدىغىنى، ‹‹ھاياتلىقنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى، مۇھەببەتنىڭ ھىجرانلىرىنى، دېڭىزلارنىڭ ئۇپقۇنلىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ›› غىنىمۇ يەنىلا شېئىرىي تىلدۇر.
ئۇچقۇر لىرىك ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرى ھازىرلىغان ياخشى بىر شېئىر شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىككى، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز – جۈملە ۋە بوغۇم تاۋۇشلىرىدىن ئانا تىلنىڭ جىلۋىدارلىقى بالقىپ تۇرىدۇ ھەمدە سەنئەتكە بولغان ساداقەتمەن، ئېتىقادلىق يۈرەكلەرنىڭ تەلپۈنۈشى ۋە مۇھەببەتلىك ئىماگلىرى جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. شېئىرىي تىل ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە لىرىك تىل بولۇپ، ئۇ، ئىنسانلارنىڭ، شائىرنىڭ سەزگۈسىنى ھەردەم ئويغىتىپ، ئىنسان روھىنى كۈيلەرنىڭ تىلسىملىق دېڭىزىغا شۇڭغۇتىدۇ.
گوركىينىڭ ‹‹دۇنيادا سۆزنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالايدىغانلار ساناقلىقلا، بىراق، ھەرىكەتنى سۆزگە ئايلاندۇرالايدىغانلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.›› دېگەن سۆزى دائىم يادىمدىن كېچىدۇ. بىر دانىشمەن: ‹‹شائىر بىلەن شېئىرنى بۈيۈك بىلگەن، ئۇلۇغلىغان مىللەتنىڭ تىلى مەڭگۈ يوقالمايدۇ، ئۇنىڭ دىلىنى شېئىرىي تىل بايان قىلىدۇ.›› دېگەنىكەن. خوش، مۇھاكىمىمىز مەركىزىدىكى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹يېڭى دەۋر ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرىلىرىدىن نەمۇنىلەر›› دېگەن نامدا روياپقا چىققان ‹‹ئاسمانلار – تاغلار›› نىڭ تىلى قانداقكىن؟ مېنىڭچە، بۇ توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ تىلىنى مۇنۇ تەرەپلەردىن مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ:
1. ‹‹ئاسمانلار – تاغلار››نىڭ تىلى يەڭگىل، ئىخچام، تەبئىي، جانلىق، چۈشىنىشلىك، يېقىملىق، تېتىملىق بولۇپ، شائىرنىڭ ئاتەش پىراق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە تولىمۇ ماس كەلگەن. نەتىجىدە ‹‹شېئىر – شائىرنىڭ يۈرىكى››گە ئايلىنىپ، ۋۇجۇدلارنى لەرزىگە سېلىپ، بېسىلغۇسىز ھاياجانغا ئاساس بولغان. شۇنىڭ بىلەن ھايدىگىر ئېيتقاندەك: ‹‹شېئىرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى تىل ئىچىدىلا مەۋجۇتلۇق ۋە بىرلىككە ئىگە بولۇپ››، ھېسسىي تۇيغۇ كېڭىيىپ بارغان ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، دىققىتىنى قوزغىغان:
‹‹كاراپ مەن، بۇدەمدە جەڭلەر دېڭىزىم،
ئۇپقۇنلار يارارمەن ئۆچمەسكە ئىزىم.
ھارغاندا ئۆزۈمنى قويسام زېمىنغا،
يەڭگىنىم شۇ يولدا پۈكۈلمەس تىزىم.
ئانا يۇرت ئاق سۈتى پەرزەنتكە قۇۋۋەت،
خەلق مەڭگۈ يىلتىزىم، ۋەتەن يىلتىزىم.
تاغلارغا قارايمەن، مەزمۇت قارىغاي
زېمىننى ئۇل قىلىپ كۆككە تاقاشقان.
دەريالار تېنىمسىز قىنىغا پاتماي،
سۆيۈپ قىرغاقلارنى سەكرىگەن – تاشقان.
بۈركۈت قانچە ئىگىز ئۇچقىنى بىلەن،
ئەمەس ئۆزى ئۆسكەن ئۇۋىدىن قاچقان.
بىمارغا شىپالىق بەرگۈچى گۈللەر
تۇپراق بولغاچقىلا پورەكلەر ئاچقان.
سەۋەبىنى سورىسام سۆزلەيدۇ بىر – بىر،
خەلق مەڭگۈ يىلتىزىم، ۋەتەن يىلتىزىم.››
− ‹‹ھايات يىلتىزى›› دىن
بۇ ئون ئالتە مىسرا شېئىر كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىك روھىي بىلەن سۇغۇرۇلغان چىن ھېس – تۇيغۇنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بەدىئىي (شېئىرىي) تىل ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ۋەتەن بىلەن خەلقنىڭ گىگانت ئوبرازى روشەن جۇلالىنىپ تۇرىدۇ ھەم بۇ ئون ئالتە مىسرا شېئىردا مەنىسى تۇتۇق ياكى مۇجىمەل، مەنزىلى گۇڭگا ياكى دەبدەبىلىك، تۇترۇقسىز سۆز – جۈملە ئۇچرىمايدۇ. بۇ ‹‹شائىرنى شائىر قىلىدىغان، پىشقان، تاۋلانغان، ئەلدىن كېلىپ، ئەلگە قايتقان، مىللەتنىڭ روھىدىن كەلگەن››، ئىپادىلەش ئىمكانىيەتلىرىگە خېلىلا تويۇنغان شېئىرىي تىل بولماي نېمە؟ بۇ شېئىردىكى ‹‹دېڭىز، مەن، تاغ، قارىغاي، زېمىن (ۋەتەن)، بۈركۈت، ئاسمان ۋە گۈللەر›› مۇئەييەن بىر شېئىرىي ئوبراز بولماي نېمە؟!... دېمەكچىمەنكى، ئانا تىل شېئىرىي تىلغا توغرا، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلالىغان شائىر شېئىرىي تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنى ئۆز لايىقىدا يېڭىلىغۇچى بولۇپ، ‹‹شائىر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت مەۋجۇدلۇقىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى›› بولۇشتەك ۋىجدانىي بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىغان.
2. شائىرنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتى نىسبەتەن ئۈستۈن بولۇپ، ئۇ ھەر دائىم ئۆز روھىنى قېزىپ، بەدىئىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى شېئىرىي پىكىرلىرىنىڭ رەڭدارلىقىنى پاساھەتلىك شېئىرىي تىل ئارقىلىق تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئېراسىدىكى ئۇچقۇر تەسەۋۋۇر ۋە تاۋلانغان تەپەككۇر، ئوتلۇق ھېس – تۇيغۇ، يېڭى، پاكىز، مۇكەممەل بەدىئىي دىت، مۇپەسسەل شېئىرىي قۇرۇلما ۋە مەجازى ۋاسىتىلەر بىلەن شېئىرىي تىلنى ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن ئەبەدىي ئايرىلماس بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە ئۈن – تىنسىز سىڭىپ كېتىدىغان شېئىرلارنى ياراتقان. ئاتاقلىق تەقرىزچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى: ‹‹ئالىيجاناب غايە ۋە قايناق ھېسسىيات ئۇنىڭ (شېئىرنىڭ) جېنى، ئۇ شائىرنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچى بىلەن ھاياتىي ۋىجدانىنىڭ ئوبرازلىق گەۋدىلىنىشى، ھەقىقىي بىر بەدىئىي شېئىر كەڭ ۋە چوڭقۇر لىرىك مەزمۇن ۋە يۈكسەك بەدىئىي گۈزەللىكى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ روھى ۋە ئەقلىنى تەۋرىتىپ، ئۇنىڭ ئوي – پىكرىنى ھېكمەت بىلەن بېيىتىدۇ.›› دېگەن. ئۇنداقتا، بۇ جەريانلار نېمىنىڭ ياردىمىدە شېئىرىي مىسرالارغا تىزىلىپ، ئۆز گۈزەللىكىنى ھەقىقىي نامايان قىلىپ، قىزغىن ‹‹مۇھەببەت››ىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ؟ ئېنىقكى، ئۇ پەقەت شېئىرىي تىلنىڭ ياردىمىدىلا ئىشقا ئاشىدۇ ھەم تەلەپكارلارنى تەسكىن تاپقۇزىدۇ. بىز بۇ تەرەپلەرنى ‹‹ئاسمانلار – تاغلار››نىڭ ۋۇجۇدىدىن تاپالامدۇق، قاراپ باقايلى:
‹‹مېنىڭ بارلىقىمدىن يوقلۇقۇم ياخشى،
ئەل بەرگەن جېنىمنى ئەلگە بەرمىسەم.
مەن ھاۋا، ئىچەر سۇ، يۈرەك قېنىمنى،
مەن غايە، ئېتىقاد، بۈيۈك ئارزۇنى،
ھەتتا سەن ئوقۇغان مۇشۇ شېئىرنىڭ
بېشىغا قويۇلغان ئاددىي ماۋزۇنى،
ھايات بىر رەت دېگەن ھۆكۈمدىن تارتىپ
ھەممىنى – ھەممىنى ئالدىم ۋەتەندىن.
بۇلارنى ئېرىتىپ جىسمىم ئىچىدە،
كېلەر ئەسىر ئۈچۈن تۆھپە ئورنىدا
چىقىرىپ بېرىمەن تىرىك بەدەندىن.
ئەلۋەتتە مۈكچەيگەن ئاجىز گەۋدىگە
شۇنچە قەرزنى ئارتىپ كەتمەك بەك نومۇس.
دېمەك قەرز ئۈندەيدۇ مېنى ياشاشقا،
دېمەك قەرز ئۈندەيدۇ مېنى ئىجادتىن
ئۆمۈردىن ئۇزۇنراق بىنا ياساشقا.
شۇڭا ئەي گۈزىلىم، ئۆمۈر ھەمراھىم،
خۇشالمەن بىردەملىك بولساممۇ خالىي،
كەل، بىز قېرىتايلى يىللارنى بىللە،
بىزنى قېرىتىشقا يوق يىلنىڭ ئامالى.››
− ‹‹قەرزىم مېنىڭ›› دىن
ئېنىقكى، سەمىمىيەت بولمىسا، ئىجادىيەتمۇ بولمايدۇ. ئىجادىيەت بولمىسا شېئىرىيەت بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن سەزگۈر شائىر سەمىمىيەتنى، جۈملىدىن شائىرانە سەمىمىيەتنى قەلبىگە ئالتۇن ھەل بىلەن نەقىشلەپ، ۋۇجۇد زېمىنىغا ئىجادىيەت بايرىقىنى قاداپ، شېئىرىي تىلنىڭ رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرغان.
3. ‹‹ئاسمانلار – تاغلار››نىڭ تىلى ھەرگىزمۇ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئېيتىلغان دىيالوگ ياكى بايانىي سۆز – جۈملە بولماستىن، بەلكى شېئىرغا خاس بولغان، مەجازى ۋاسىىتىلەرنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان، دىللارغا سىڭگەنسېرى مەۋج ئۇرىدىغان ‹‹ھەرىكەتچان›› شېئىرىي تىلدۇر. بۇنداق ئوبرازلىق تىلنىڭ ياردىمىدە شېئىردىكى ئاددىي مەۋجۇداتقىمۇ باشقىدىن قان كىرىپ، شېئىرىي مەنزىرە جىلۋىلىنىپ، شېئىرىي گۈزەللىك ۋە ھايات گۈزەللىكى نامايان بولىدۇ. تىل گۈزەللىكى شېئىرىي گۈزەللىكنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بولۇپ، شېئىرىيەتتىكى ھەرقانداق بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەت ۋە بالاغەتنى ئۇنىڭدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ مىسالىغا‹‹ئاسمانلار – تاغلار››دا بېشارەتلىك تىلدىن بەھرىلەنگەن مۇنۇ شېئىرنى مۇتالىئە قىلىپ باقايلى:
‹‹سايلىقتىن ئىزدىدى، قومۇردى تاغدىن،
ئوت يېقىپ كۆيدۈردى، ئەزدى ئۇن قىلىپ.
مىلىدى سۇ ئىچرە، قىينىدى ئاندىن،
پۈركىدى تاملارغا كۇمپەيكۇم قىلىپ.
ۋە لېكىن ئاقلىقى ئۆڭمىدى قىلچە،
پاك قەلبى، رۇخسارى پارلىدى يېنىپ.
ئۇ ئەسىرلەرسېرى ياشاپ كەلمەكتە،
دەۋر بىنالىرىغا گۈزەللىك بېرىپ.››
− ‹‹ھاك›› تىن
بۇ شېئىرنى ھاياجان ئىلكىدە قانچە قېتىم ئوقۇغىنىم ئېسىمدە يوق، بىراق، ھەر قېتىم ئوقۇپ بولساملا، جاھان تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ ئىجادچىسى ھەم ئاساسچسى، شاھانە قامۇس‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشىغەرىي كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. چۈنكى، ئېسىللار (خانلار) نەسلىدىن بولغان مەھمۇد كاشىغەرىي ئوردا پاراغەتلىرىدىن كېچىپ، ئىلىم زەخمەتلىرىگە ئۆزىنى پىدا قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىرلەر داۋامىدا بىرمۇنچە پادىشاھ – خانلار، ۋەزىر – ۋۇزرالار، سەركەردە – نۆۋكەرلەر ۋە زەردار بايلار... ئۆتتى، ئەمما، تارىخ كىمنىڭ نامىنى نۇرلاندۇردى؟ ئەلۋەتتە، ئىجادكار بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش قەلبى ئاتەشپىراقلارنىڭ! ئۇ گويا پاك قەلبى – رۇخسارى بىلەن دەۋر ئىمارەتلىرىگە گۈزەللىك ئاتا قىلىپ، ئەسىرلەرسېرى ياشاپ كېلىۋاتقان ‹‹ھاك››تەك قەلبىمىزدە پارلاپ كەلمەكتە. بۇنداق ئىپادىلەش، ئەلۋەتتە، شېئىرىي تىلنىڭ بېشارەتكە تويۇنغانلىقىنى تەققاسلايدۇ. يەنە بىر مىسال كۆرۈپ ئۆتەيلى:
‹‹شارقىراپ بىردىنلا قۇيۇلدى يامغۇر،
دەرەخنىڭ تۈۋىگە يۈگۈردۈم چاپسان.
ماڭا تامچە ئەمەس، گويا تەگدى ئوت،
بىر گۈزەل تۇرمامدۇ يېنىمغا باقسام.
كۈلدى ماڭا قاراپ، كۈلەلمىدىم مەن،
نامەردلىك بولاتتى ھۇدۇقۇپ قاچسام.
ئۈن – تىنسىز بىر ھازا تۇرۇشۇپ كەتتۇق،
ئويلىدىم: نە بولۇر قوينۇمنى ئاچسام.
يامغۇرمۇ توختاپتۇ، قاپتىمەن يالغۇز،
بىر تاتلىق خىيالدا ئېسىمنى تاپسام.
<ھەي، ئېست> دېدىم – دە، كۆككە توۋلىدىم:
ساڭا نە خىجىللىق، ياغمامسەن چاپسان!››.
− ‹‹ئىككىلەنگەن سۆيگۈ›› دىن
بۇ شېئىرنى شېئىر قىلىپ تۇرغىنى بىر دەملىك ھېسسىيات چېقىنىنىڭ يالداما بايانى بولماستىن، بەلكى، ئاخىرقى مىسرادىكى جانلىق شېئىرىي تىل روياپقا چىقارغان دىل خىتابىدۇر!
4. ‹‹ئاسمانلار – تاغلار››نىڭ شېئىرىي تىلى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ئاساسلىقى جانلاندۇرۇش بىلەن خاسلىققا ئىگە قىلىنىپ، ئالاھىدە شېئىرىي مۇھىت ۋە مەنە كەڭلىكىنى يارىتىشقا، شائىرنىڭ پىكىر تۇلپارىنى تېخىمۇ تېز چاپتۇرۇشقا، ئىلھام بۇلىقىنىڭ كۆزىنى يەنىمۇ چوڭراق ئېچىشقا، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قوزغىتىشقا ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ روھىنى ئويغىتىشقا ئاساس بولىدۇ:
‹‹خىيالىمغا شاماللار قانات،
ئارزۇلىرىم ئايىغىمدا ئات.
نۇرلۇق قىرغاق ئىزدىسەم بۇندا،
دەيدۇ دولقۇن قىلىمەن بەربات.
ياش تۆكۈشكەنىدى قىيالار،
مىتىن بىلەن چاپقاندا پەرھاد.
مەن ئۇپقۇننى يېرىپ ماڭغاندا،
چەككەندىمىز قايسىمىز پەرياد؟
ئايىغى يوق شورتاڭ سۇلارنىڭ
توسقۇنلىرى شۇنچە قاتمۇ قات.
بەزى ئالداپ باقىدۇ تېخى،
دەيدۇ: <كەلگىن، قۇچىقىمدا يات>.
سەيياھ قەلبى يېڭىشكە قادىر،
نىشانسىز يول مەقسىتىگە يات.
دېڭىز – ئوكيان شاماللار قوينى،
قىرغاقتىلا مەن كۈتكەن ھايات!››.
− ‹‹نۇرلۇق قىرغاقلار›› دىن
بۇ شېئىردىكى 1 –، 2 –، 4 –، 5 –، 9 –، 10 –، 12 – مىسرالاردا جانلاندۇرۇش ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ، شېئىردىكى ئىدىيەنى ئېچىپ بېرىشكە يول ئاچقان ھەمدە شېئىرنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەنە كەڭلىكىگە زېمىن ھازىرلىغان. جۈملىدىن ئىخچام تىل بىلەن رېئاللىقنى مەركەزلىك ئىپادىلەشتىن ئىبارەت شېئىرىيەت مىزانىنىڭ ئىزچىللىشىشىغا تۈرتكە بولغان.
5. ‹‹ئاسمانلار – تاغلار››دىكى شېئىرلاردا ئاساسەن دېگۈدەك شائىر پىشقان شېئىرىي تىل جەۋھەرلىرىنى ئۆز شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۇپلېتى (يېشىم)گە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەھرىلىنىشىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، شېئىرىي تىلنىڭ ھەممىگە قادىرلىقىدەك قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، بەرگەن:
‹‹ھۆركىرەپ نەرە تارتىپ كەلدى دولقۇن،
قۇچاقلاش ئىستىكىدە مەيدە ئاچتىم.
ئوق بولۇپ تەگكىنىدە مارجانلىرى،
گەۋدەمنى زەربىسىدىن ئېلىپ قاچتىم.
سوزۇلدى نازۇك قولى ئايىغىمغا،
ئەقلىمدىن جۇدا بولۇپ قىيا باقتىم.
بېلىمنى چىرمىۋالدى تال – تال چېچى،
مەھلىيا بولۇپ شۇدەم بىللە ئاقتىم.
بىلمەيمەن، مېنى تاشلاپ كەتتى قاچان،
ئەلەمدىن يۈرىكىمنى نەمگە ياقتىم.
ئۇ ماڭا ھەم مېھرىبان، ھەم رەھىمسىز،
بىرنەرسە يوقاتىممۇ ياكى تاپتىم.
قىيالار سۆزلەپ قالدى ئېغىر تىنىپ:
<ئەي نادان ئويناشقىنىڭ سۇ پەرىسى،
بىلەمسەن، باشتا ھەۋەس، ئاخىر ئازاب،
ھەرقانداق مۇھەببەتنىڭ شەجەرىسى>.››
− ‹‹سۇ پەرىسى›› دىن
بۇ شېئىردىكى ئويناق تەسەۋۋۇر ۋە قايناق تەپەككۇرنىڭ ئاخىرقى ئالتە مىسراسى ناھايىتى لەرزان، ماتانەتلىك، كۆركەم، جەلپكار، تارتىملىق، تەسىرلىك ئىپادىلىنىپ، شېئىرىي مەنە شېئىرىي تىلنىڭ ياردىمىدە پەلسەپىۋى پىكىر بىلەن تۈگەللەنگەن.
قىسقىسى، شائىر ئىمىن ئەھمىدىنىڭ ‹‹ئاسمانلار – تاغلار›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلار تىل ماتانىتى جەھەتتىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان بولۇپ، 56 پارچە مۇكەممەل شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ توپلام شېئىرلاردا بولۇشقا تېگىشلىك باشقا تەرەپلەردىنمۇ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى