ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

ھالقىشقا بولمايدىغان قىزىل سىزىق

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 25- كۈنى 03:09 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    تەرەققىياتتا ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ ، بۇنى ھالقىشقا بولمايدىغان قىزىل سىزىق قىلىش شەرت . بۇ كۆپ قېتىملىق ھادىسىلەردىن ئېرىشكەن قانلىق ساۋاق ، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى . بۇ قىزىل سىزىقنى مېڭىمىزگە چىڭ ئورنىتىپ، ھەرىكىتىمىزدە قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، پاجىئەلەرنى ئەستىن چىقارماي ، كۆپكە ئىبرەت قىلىپ ، زور ، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسلەرنىڭ توختىماي يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇۋېلىشىمىز كېرەك .

    بۇ قىزىل سىزىق ھاياتلىق سىزىقى . بۇ قىزىل سىزىقتىن ئاتلىمىساقلا، ھاياتلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ھاياتلىق ھەممىدىن مۇھىم. ھاياتلىق ھوقۇقى كىشىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقى؛ ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىش، ھاياتلىقنى قوغداش ئەڭ ئەقەللىي ئىجتىمائىي ئەخلاق، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى. بۇ قىزىل سىزىقتىن ئاتلىمىغانلىق ھاياتلىق ۋە خەلققە ھۆرمەت قىلغانلىق. دۇنيادا ھاياتلىق ھەممىدىن قىممەتلىك، تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلققە بەخت يارىتىش، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدىكى ئاساسىي مەقسىتى، بۇنى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرى بەلگىلىگەن، شۇنداقلا ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. تەرەققىيات ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، ئازراقمۇ بەدەل تۆلىمەي تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بىراق تەرەققىياتتا ھاياتلىقنى قۇربان قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. بىزگە كېرىكى خەلقنى نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان تەرەققىيات، ئادەمنىڭ ھاياتىنى بەدەل قىلىدىغان تەرەققىيات ئەمەس؛ بىزگە كېرىكى ساغلاملىق ۋە ھاياتلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان تەرەققىيات بولماستىن، بەلكى خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدىغان تەرەققىيات.

    بۇ قىزىل سىزىق يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئوخشاش سىزىق. بۇ قىزىل سىزىققا تەگمەسلىك ئۈچۈن، ئادەمنى ئاساس قىلىش، بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. GDP ھەرقانچە كۆپ، خىزمەت نەتىجىسى قانچە زور بولسىمۇ، بۇ خەلقنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك زىيىنىنى تولدۇرۇپ بېرەلمەيدۇ. بۇ قىزىل سىزىققا تەگمەسلىك ئۈچۈن، بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى باشتىن – ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قۇرۇلۇش قىلغاندا ۋە تەرەققىيات يولىدا ئىزدەنگەندە، ئالدى بىلەن خەلققە پايدىلىق – پايدىلىق ئەمەسلىكىنى، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشتە خەلقنى كۆزلەش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا باھانە – سەۋەb كۆرسىتىپ، ئۇنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى قانچە تەكىتلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ.

    بۇ قىزىل سىزىق مەسئۇلىيەت سىزىقى. بۇ قىزىل سىزىقنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك. خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى. مەسئۇلىيەت ئېغىر. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەرۋاقىت قىل ئۈستىدە تۇرغاندەك جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، زور ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئالدىنى ئېلىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. ‹‹ئۆتكەلنى ئالدىغا، مەركەزنى تۆۋەنگە يۆتكەش›› تە چىڭ تۇرۇپ، خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش لىنىيەسىنى كارخانىلارنىڭ 1 – سېپىگە تارتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار 1 – سەپكە، ھادىسە كۆپ ۋە ئاسان يۈز بېرىدىغان جايلارغا بېرىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئۈزۈل – كېسىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. بايقالغان مەسىلىلەرنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باھالاش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىدىيە ۋە تونۇشنى كۈچەيتكەندىلا، تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشتە ئەتراپلىق ئىش كۆرگەندىلا، تېخنىكا مەدىتى جەھەتتە ئىلمىي ۋە ئىلغار بولۇشنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشتە ئىنچىكە ۋە كەسكىن بولغاندىلا يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى بىخ ھالىتىدە يوقاتقىلى بولىدۇ.

    تەرەققىياتتا ھاياتلىقنى قۇربان قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، بىز بۇ قىزىل سىزىقتا ھەر ۋاقىت بوشاشماي چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇنىڭدىن ھالقىماسلىقىمىز كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلمىي تەرەققىيات، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش تەلىپى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشمۇ خىزمەت نەتىجىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشمۇ خىزمەت نەتىجىسى دەيدىغان ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھارىزقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىشى كېرەك .

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە