ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندە، ئاساسىي قاتلامغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلەيلى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 25- كۈنى 03:07 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيەمىزنىڭ تۈپ خىزمەت لۇشيەنى ۋە تۈپ خىزمەت ئۇسۇلى. ئاممىۋى لۇشيەندە تەۋرەنمەي مېڭىش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىش، تىرىشىپ ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىش __پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل تەشەببۇسى ۋە تەلىپى.

    لېكىن، بەزى پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىدە سەل ئېغىش بولدى، ئۇلارنىڭ ئامما بىلەن بولغان ئالاقىسى ئازىيىپ، باشلىقلار بىلەن بولغان ئالاقىسى كۆپىيىپ قالدى، ئۇلار ھەتتا ئاساسلىق زېھىن كۈچىنى ‹‹باشلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش›› كە قاراتتى، باشلىقلارنىڭ رازى بولۇش – بولماسلىقى، خۇشال بولۇش – بولماسلىقى، قوشۇلۇش – قوشۇلماسلىقىنى پىرىنسىپ قىلىۋالدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ئېغىر خىلاپ. بىز ئاممىۋى قاراشنى تىكلەپ، ئاممىۋى لۇشيەندە قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز، ‹‹باشلىقلارنىڭ يېنىغا ئازراق قاتراپ››، ئامما بىلەن يېقىنلىشىشىمىز، ئامما ئۈچۈن چىن دىلىمىزدىن مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

    ھەر ۋاقىت ئاممىنى ئويلايدىغان ھېسسىياتتا بولۇشى كېرەك. ئاممىۋى لۇشيەننى قەتئىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش پارتىيەمىز ئىشلىرىدا داۋاملىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى ئەڭگۈشتەر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئامما بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش پارتىيەمىزنىڭ يېڭىلمەسلىكىنىڭ ئاساسى››. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن ئامما توپلىشىپ سادىر قىلغان بەزى ۋەقەلەر بىزگە ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا سەل قاراش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۇنتۇپ قېلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشتەك مەسىلىلەرنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى، بۇنداق ئىشلارنى ھەرگىز قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھېسسىياتىدا بولۇش، ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈش، ھەر ۋاقىت ئاممىنى ئويلاپ تۇرۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ھەرقانداق ئىشتا ئامما تەرەپتە تۇرۇپ ئويلىنىش، ئاممىنىڭ پايدا – مەنپەئەتكە ئېرىشكەن – ئېرىشمىگەنلىكىنى ئويلاش، قانداق قىلغاندا ئاممىنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈش، ئاممىنىڭ يۈكىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىش – كەتمەسلىكىنى ئويلاش، ئاممىنىڭ رازى بولغان – بولمىغانلىقىنى ئويلاش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا يۇقىرقى بۇ بىر نەچچە مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلغىلى، ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ كېتىش كېرەك. ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇش بىر خىل پوزىتسىيە، بىر خىل ھېسسىيات، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىدىكى رىشتە ۋە ئاساس. پوزىتسىيەمىز دۇرۇس بولسىلا ھېسسىيات جەھەتتىن ئامما بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغىلى، ئىدىيەدە ئامما بىلەن ئورتاق ھېسسىياتتا بولغىلى، ھەرىكەتتە ئامما بىلەن ماسلاشقىلى بولىدۇ. بىر جەھەتتىن، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەسلىمىزنى ئۇنۇتساق بولمايدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەسلىدىنلا ئاممىنىڭ بىر قىسمى، ئۇلار ئامما ئارىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، شۇڭا ئامما بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ نۇقتا ئۇنتۇلسا، ھېسسىياتتا ئامما بىلەن بىر يېقىنلىشىپ، بىر يىراقلىشىپ، ئاخىرى ئاممىغا ئاسىيلىق قىلىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىغا بولغان ھېسسىياتى چوڭقۇر بولسىلا، خىزمەتلەردە سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايدۇ، ئاممىنىڭ ساداسىنى بىرىنچى ئۇچۇر بىلىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى تاللاش قىلالايدۇ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى تۇنجى بولۇپ ئويلايدىغان بولىدۇ، ئاممىنىڭ رازىلىقىنى باش ئۆلچەم قىلىدۇ.

    ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئېغىزدىلا سۆزلىمەي، تۆۋەنگە چۆكۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. ئاممىنىڭ جىددىي ئىشىنى، قىيىن ئىشىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئامما كادىرلارغا قارايدۇ، يەنە كېلىپ كادىرلارنىڭ بايانىغا قارىماستىن ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە قارايدۇ. ‹‹ماشىنىدا ئولتۇرۇپ،دېرىزىدىن قاراش››، سەيلە – ساياھەت قىلىش شەكلىدىكى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش ئوسۇلى ئاممىدىن يىراقلاشقانلىقنىڭ، ئاممىدىن چەتنىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بۇنداق ئىشلاردىن قاتتىق يىرگىنىدۇ. خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ئەۋزەل ئورۇنغا، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلاملارنى مۇھىم بىلىشتىن ئىبارەت يېتەكچى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلاملارغا كۆپرەك بېرىش، ئامما بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇش، ئامما بىلەن تەڭ ئەمگەك قىلىش، ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىش، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئاممىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا قولىدىن كەلگۈچە ياردەملىشىش، ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇشىدىكى بەزى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ جىددىي ئىشلارغا جىددىي تۇتۇش قىلىش، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئاممىنىڭ دىتىغا ياقىدىغان ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك.

    سىرداش بولغاندىلا ئاممىغا تېخىمۇ ئىللىقلىق يەتكۈزگىلى بولىدۇ، سەمىمىي بولغاندىلا خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقىلى بولىدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە خەلق ئۈچۈن كونكرېت ئىش قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەلىم – تەربىيە پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ. بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بارلىق ئىشىمىز ئامما ئۈچۈن بولۇشى، ئاممىغا تايىنىشىمىز، ئىدىيە جەھەتتىن ئاممىنى ھۆرمەتلىشىمىز، ھېسسىيات جەھەتتىن ئامما بىلەن سىرداش بولۇشىمىز، ھەرىكەتتە ئامما بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىشىمىز، چىن دىلىمىز بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىمىز، ئاممىنىڭ قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىمىز ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئاممىنىڭ سەمىمىي ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشىمىز كېرەك.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە