ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

قانداق قىلغاندا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %7.5 لىك تۆۋەن چەكتە ئېشىشىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 25- كۈنى 02:43 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    ئاۋامنىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو ئىقتىسادىغا دائىر يېرىم يىللىق دوكلات 15 – ئىيۇل ئېلان قىلىندى. ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاستىلىشى جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، شۇنىڭدەك قۇرۇلما تەڭشەشنىڭ زۆرۈرىيىتى. مۇھىت مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان، ئېشىش سۈرئىتى سىجىل سۇسلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، قانداق قىلغاندا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %7.5 لىك تۆۋەن چەكتە ئېشىشىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

    ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق دائىرىدىن ھالقىپ كەتمىدى

    دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ 2 – پەسلىدە جۇڭگو ئىقتىسادى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشقان بولسىمۇ، ئېشىش سۈرئىتى 1 – پەسىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت ئاستىلىغان. 1 – پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇر 4 – پەسىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت ئاستىلىغان.

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇلتۇر 4 – پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلىگەندىن سىرت، 2011 – يىلى 1 – پەسىلدىن باشلاپ 2012 – يىلى 3 – پەسىلگىچە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا يەتتە پەسىل ئاستىلىغان. ئېشىش سۈرئىتىنىڭ سىجىل ئاستىلىغانلىقى كىشىلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

    ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ئېلىپ كەلگەن ئەندىشە ۋە ۋەھىمىگە قارىتا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىقتىسادشۇناس ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىرقى %8 – %7 لىك ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەن ئەمەس، بولۇپمۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا مۇشۇنداق ئېشىش سۈرئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس، بۇنىڭدىن زىيادە ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

    ئەمەلىيەتتە 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كۆزلىمە نىشانى %7، بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا %7.5 قىلىپ بېكىتىلدى، شۇڭا ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا كۆزلىگەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتمىدى، دېيىشكە بولىدۇ.

    ‹‹بەزىلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يوققا چىقتى دېيىشىدۇ، بۇنداق ناچار ئەھۋال تېخى كۆرۈلمىدى. ھازىرقى ھالەتنى <سۇس ئېشىش> ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدا ئېشىش ئاجىز، چېكىنىش كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا ئەسلىگە كېلىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك››، دېدى جۇڭگو ماكرو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش دەۋرىنى ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلغان جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى ليۇ شۇچېڭ.

    ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈش خەۋپىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

    جۇڭگو ئىقتىسادىدىن زىيادە ئەنسىرەش ياكى ھودۇقۇپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلاش بېسىمى ۋە خەۋپىنىڭ كۆپىيىشىدىن ھوشيار بولۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

    جۇڭگو ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى زىبىن: ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي كۆزلىمىگە قارىتا ئىشەنچىسى يوق، مانا بۇ كىشىنى ھەممىدىن بەك ئەنسىرىتىدۇ، دېدى.

    تېز ئېشىش ھالىتىدىن ئوتتۇراھال ئېشىش ھالىتىگە ئۆتۈشتەك ‹‹خوت ئالماشتۇرۇش پەيتى››دە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادى نۆۋەتتە مۇرەككەپ ھەم قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. پايدىلىق شارائىت ۋە تاشقى بازاردا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئېشىپ قېلىش مەسىلىسى گەۋدىلەندى، كارخانىنىڭ تىجارىتى قىيىنلاشتى، ئەنئەنىۋى مەبلەغ سېلىشنىڭ تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسى داۋاملىق كۈچ بەرمىدى؛ ئۆي – زېمىن كەسپىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش تىركىشىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، قىسمەن چوڭ شەھەرلەردە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلغانلىقتىن، ئىستېمالنىڭ ئېشىشى ‹‹توسقۇنلۇق››قا ئۇچرىدى.

    ‹‹ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئازراق ئاستىلاپ، ئېشىش ھالىتى كۆرۈلمىدى. بۇ ۋەزىيەتنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ سىياسەت ۋە تۈر زاپىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەن چەككە چۈشكەن ھامان قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك››، دېدى جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالاقە مەركىزى مەسلىھەت بېرىش، تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈن.

    ئىچكى ئېھتىياجدا يەنىلا غايەت زور بوشلۇق بار، لېكىن سىياسەت جەھەتتە ‹‹جىق سۇنى ئاز – ئازدىن قۇيۇپ سۇغىرىش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. 12 – ئىيۇل ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا: ئېنېرگىيە تېجەر، مۇھىت ئاسرار كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، ئۇچۇر ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇش مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ قېتىم ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتا تاللانغان باشلىنىش نۇقتىسى توغرا بولۇپ، بازارنىڭ سۇبيېكتىپلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى، بۇ ھەم ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا، ھەم قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ.

    قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تايىنىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى تۆۋەن چەكنى ساقلاپ قېلىش كېرەك

    جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەر، يەنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش مەسىلىسى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قۇرۇلمىنى تەڭشەش مەسىلىسى ۋە بۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئايدىڭلاشتى. بۇ ئۈچ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

    گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز ھازىر ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ناھايىتى مۇھىم.

    ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سەل قارىماسلىق، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يەنە بىر تۆۋەن چېكى ھېسابلىنىدۇ.

    جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى ئىسلاھاتقا باغلىق. 4 – ئايدىن 6 – ئايغىچە ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ ئۈچ قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا 165 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئىسلاھاتى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدىغان قەتئىي ئىرادىسى نامايان بولدى.

    − جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل، - دېدى شېڭ لەييۈن.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە