ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 23- كۈنى 04:27 مۇھەررىر : ئامانگۈل

 يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر

    ياش يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر 1963 - يىل 10 - ئايدا مەكىت ناھىيسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1969 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئ

    ياش يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر 1963 - يىل 10 - ئايدا مەكىت ناھىيسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1969 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1980 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ مەكتتىكى شۆبە سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1981 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، يېزىلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيلىك رادىئو ئۇزېلىدا دىكتور بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1985 - يىلى قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ دىكتورلۇق قىلغان، 1988 - يىلدىن تارتىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، 1994 - يىل 8 - ئايدىن تارتىپ تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

    ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1981 - يىلى "شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <بىزنىڭ شۇجى> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ "ھېلىقى يەر" قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ھېكايە،"ئاھ، رەھىمسىز دەريا"، "زېمىن قارا ئادەملەرىڭگە"، "قىيامەتتە قالغان سەھرا"، "قۇرتلاپ كەتكەن كۆل"، "تاش مۇنار" قاتارلىق پوۋېسىتلارنى يېزىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

    ئەختەم ئۆمەر مول ھوسۇللۇق يازغۇچى. ئۇ، پروزىدىن باشقا ساھەلەردىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، "ئۇرتوقماق"، "سىرتماق"، "قارا باسقان كېچە" قاتارلىق رادىئو درامىسى ۋە درامىلارنى؛ "گۆلەخ بالىسى"، "توغراقنىڭ رىۋايىتى" قاتارلىق بىر قىسىم ئەدەبىي ئاخباراتلارنى،"يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام" ناملىق چوڭ ھەجىملىك زىيارەت خاتىرىسىنى، "ئۆزىمىزنى تونۇيلى"، "ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇمدۇق ياكى تىرىك چېغىدا پەرۋىش قىلامدۇق" قاتارلىق پوبلىستىك ماقالىلەرنى، "دولان مەشرىپىنىڭ دراماتىك ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا"، "يازغۇچى بولمىسا بولمايدۇ" قاتارلىق ئىلمىي، ئەدەبىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن "ئاھ، رەھىمسىز دەريا" ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، "قىيامەتتە قالغان سەھرا" ناملىق پوۋېسىت، ھېكايە، نەسرلەر توپلىمى، "تۇنجى ئاخشام" ، "سۆيگۈ قەدرى" ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، <يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام" ناملىق ئەسىرى قاتارلىقلار بار. "يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام" ناملىق ئەسەرنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسى 1994 - يىل شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

    يازغۇچىنىڭ <<يىگانە ئارال >>،<<باياۋاننىڭ سىرى>> ناملىق رومانلىرى ئەدەبىيات ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.يېقىنقى يىللاردا يەنە <<غېرىپ-سەنەم>> ناملىق ئىككى قىسىملىق رومانى نەشىر قىىلنىدى. ئەختەم ئۆمەر ھازىر 2 - دەرىجىلىك كەسپىي ئىجادىيەتچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە