ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت ساھەسىدىكىلەر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى
لى خەن، جاڭ بېي، لى چىڭچىن
قەشقەر شەھىرىدە جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا – جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىۋاتقان ‹‹پەلەك شاھى›› ئادىل ھوشۇر 29 – ئىيۇن ئاپتونوم رايونىمىزدا يېقىندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكىتىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ يامان غەرىزى ، يامان مەقسىتى بارلىقى ئېنىق. ئۇلار جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، كۆپچىلىكنىڭ ئىتتىپاقلىق، خاتىرجەملىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى. بولۇپمۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، يۇرتىمىزدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. مۇشۇنداق ۋەقەنىڭ يەنە يۈز بەرگەنلىكى ئەقلىمگە پەقەتلا سىغمىدى. لېكىن، ھەرمىللەت خەلقنىڭ جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل››.
شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭلىق داڭلىق سەنئەتكار جاۋ گوجۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ تېررورچىلار كىشىلەرنى ھەقىقەتەن بىزار قىلدى، ئۇلار مىللەت ئايرىماي بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈردى، كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلار ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ھازىر ھەرمىللەت خەلق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ تېررورچىلار ئەلرايىغا قارشى ھەرىكەت قىلدى، ئۇلارنى يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ كۈشكۈرتكەنلىكىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ››.
3 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نومۇر ئورۇنلاش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلنار ئابدۇللا غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ بىر ئوچۇم تېررورچىلارنىڭ زوراۋانلىق ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، ئۇلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن. كىچىكىمدە، ئاتا – ئانام دائىم كاماندىروپكىغا چىقاتتى، بۇنداق چاغلاردا ھەرمىللەتتىن بولغان قوشنىلىرىمىز ھالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئالاتتى. بىرقانچە ئون يىلدىن بۇيان، مەيلى خىزمەتتە ياكى تۇرمۇشتا بولسا، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كىشىلىرى ئارىسىدا قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق – ئېجىل ئۆتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. رولىمنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتىنىمىز ۋە شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىمەن››.
شىنجاڭلىق داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت پىچاندىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى، خوتەن ناھىيەسىدىكى توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئەسلا خالىمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۇ ئىككى يىلدا شىنجاڭ تېز راۋاجلاندى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بەزى زوراۋان – تېررورچىلار مۇشۇنداق ۋەقەلەرنى كۆپلەپ سادىر قىلىش ئارقىلىق تەرەققىياتىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىپ، پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىز ھەرمىللەت كىشىلىرى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۈشمەنلەرنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاممىۋى خىزمەتنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى ئىغۋا تارقاتماسلىققا، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىككە، ئومۇمىيەت ئېڭى تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشكە چاقىرىق قىلىمەن››.
شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان مەمتىمىن مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى قوغدىلىپ داۋاملاشتۇرۇلغانلىقى ھەم بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىز ئازسانلىق مىللەتلەرگە، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى ۋە مەدەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىل – ئىسپاتى. يېقىندا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ۋەقە دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىقىدۇر، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تەرەققىياتىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماقچى. ھەرمىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشسىلا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۈشمەنلەرنىڭ سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، قۇرۇلۇش، تەرەققىيات قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ››.
تۇرپان ‹‹شادلىق – تەنتەنە›› مەدەنىيەتكە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن جۇڭيى 28 – ئىيۇن ئالتايدىن تۇرپانغا ئالايىتەن كېلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىگە مەدەت بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى قېتىملىق ۋەقە سەۋەبىدىن تۇرپانغا كېلىپ ‹‹تۇرپاندىكى كاتتا مەرىكە››نى كۆرىدىغان ساياھەتچىلەر ئازىيىپ كەتكەنىدى. لىن جۇڭيى مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى، كۆڭۈلسىز ئىشلار ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. تۇرپان، قاناس قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق ساياھەت رايونلىرى يەنىلا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ، ساياھەت، ئويۇن قويۇش بازارلىرىمىزنىڭ ناھايىتى تېزلا جانلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل››.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى