2013–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 27–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى .
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە:
ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە)دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 425 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 30)، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 392 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 29)، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 28)؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 342 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 35)، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 300 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 34)، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 31).
ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىچە)دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجىتمائىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 300 (پايدىلىنىش نومۇر چېكى، ماتېماتىكا نەتىجىسى 24)، مەخسۇس كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 23)؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 216 (پايدىلىنىش نومۇر چېكى، ماتېماتىكا نەتىجىسى 22)، مەخسۇس كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 21).
خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 376، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 314، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 418، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 370، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 – ، 2 – تۈركۈملەردە ۋە تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 – ، 2 – تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ.
ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە)دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى كەسپىي ماھارەت ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 80، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 185؛ مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 78، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى .150 خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلار خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە)دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى كەسپىي ماھارەت نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 117 (پايدىلىنىش نومۇر چېكى)؛ مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 90 (پايدىلىنىش نومۇر چېكى). خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلار خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.
تېخنىكا مەكتەپلىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئالىي تېخىنكوم تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3 – ئىيۇل باشلىنىپ، 30 – ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدۇ، جەمئىي ئون تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈملىرى تۆۋەندىكىچە:
1. تولۇق كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈمنىڭ ئالدىنقى تۈركۈمى (نۆلىنچى تۈركۈم)دە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 3 – ئىيۇلدىن 8 – ئىيۇلغىچە بولىدۇ.
2.نامرات رايونلاردىن مەخسۇس تۈر پىلانىدا تولۇق كۇرس تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 9 – ئىيۇل بولىدۇ.
3. تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 10 – ئىيۇلدىن 21 – ئىيۇلغىچە بولىدۇ.
4.تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 22 – ئىيۇلدىن 28 – ئىيۇلغىچە بولىدۇ.
5. تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمنىڭ ئالدىنقى تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 22 – ئىيۇلدىن 1 – ئاۋغۇستقىچە بولىدۇ.
6. تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2 – ئاۋغۇستتىن 8 – ئاۋغۇستقىچە بولىدۇ.
7. نامرات رايونلاردىن مەخسۇس تۈر پىلانىدا مەخسۇس كۇرس تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 9 – ئاۋغۇست بولىدۇ.
8.مەخسۇس كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 10 – ئاۋغۇستتىن 14 – ئاۋغۇستقىچە بولىدۇ.
9 .مەخسۇس كۇرس 1 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 15 – ئاۋغۇستتىن 21 – ئاۋغۇستقىچە بولىدۇ.
10. مەخسۇس كۇرس 2 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 22 – ئاۋغۇستتىن 29 – ئاۋغۇستقىچە بولىدۇ.
تېخنىكا مەكتەپلىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئالىي تېخىنكوم تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 15 – ئاۋغۇستتىن 19 – ئاۋغۇستقىچە بولىدۇ.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار تەپسىلاتلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.edu.cn) ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ سىنا (sina) مېكرو بىلوگى (@办招疆新)دا ئېلان قىلىنىدۇ.
بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا يەنە توردا كۆپ قېتىم قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش شەكلى قوللىنىلىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى جەريانىدا، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئېلان قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ۋە باشقا بېكىتىلگەن تور بېكىتى، تاراتقۇلاردىن قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرىنى كۆرسە بولىدۇ.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى