كۆزلىرىڭىز سىزنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن!! كەلمەيدىغان كۋانت ماگنىت مەيدانىدىكى جىسىمنىڭ لەيلىمە ھالىتى!

quantum-levitation

كۆپچىلىك بەلكىم فانتازىيە تەسىۋىرلەنگەن كىنولاردا كەلگۈسىدىكى ھاۋادا لەيلەيدىغان ماشىنا ياكى باشقا نەرسىلەرنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ Tel Aviv University مەكتىۋىدىكى كۋانت لەيلىمە تەجرىبىسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش يۈز بېرىپ، بىز بىلەن ھەقىقى لەيلىمە تېخنىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرغان. كەلگۈسىدە، بەلكىم ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى تامامەن مۇمكىن!!!

مەزكۇر سىندىكى ئاق رەڭلىك لەيلىمە جىسىم بولسا سۇيۇق ھالەتتىكى ئازوتنى قاتۇرغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق ماگنىتلىق تۆمۈر بولۇپ، بوشلۇقتىكى ماگنىت مەيدانىدا بەلگىلەنگەن ئوربېتا بويىچە ئايلىنىلايدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆرۈپ قويغان ھالەتتىمۇ ئوخشاش ئوربېتا بويىچە ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلالايدىكەن.

پۈتكۈل سىناق جەريانىنى كۆرگەن كىشى ئىختىيارسىز ھالدا ھەيران قالماي تۇرالمايدۇ، بۇ خىلدىكى لەيلىمە تېخنىكا بىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزغا قاچان يېتىپ كېلەر؟ بىراق ھازىر كۆپچىلىك ئەڭ قىززىقىدىغان مەسىلە ئېھتىمال تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل بولۇشى مۇمكىن. 1: بۇ سىندىكى تېخنىكا نۆۋەتتە ئەڭ ئىلغار تېخنىكا بولۇپ ھېسابلىنامدۇ؟ 2. نېمىشقا سىناق قىلغۇچىنىڭ قولى سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوت بىلەن بۇنچە يېقىن ئارىلىقتا تۇرالايدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى مۇتەخخەسسىس تورداشلارنىڭ بۇ نەرسىنىڭ پرىنسىپى توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ بېرىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمەن!!!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. دىۋان 2011.12.08 , 18:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان

  2. دىۋاننىڭ ئۈستىدە 2011.12.08 , 20:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاننىڭ ئۈستىدىكى مەن

  3. دىلخۇش 2011.12.08 , 21:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇ نىمىشقا ئەينەك ئۈستەلنى ئۆرۈپ قويغاندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ئۈستى تەرەپتە چۆرگىلەتمەي ئاستى تەرپىدە چۆرگىلىتىدۇ … ؟ مەسلە … ؟

  4. ياۋايى 2011.12.09 , 11:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يوو ئاسماندا لەيلەپ تۇرۇپ ئىش قىلىدىغانغىمۇ ئاز قاپتۇدە …

  5. سەھرالىق 2011.12.09 , 19:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئازوتنى قولىدا تۇتسا شۇ ھامان ئۈششۈپ قالار دەيمەن:arrow:

  6. بۆرەيار 2011.12.10 , 20:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پرىنسىپىنى بىلىشكە ئاجىزلىق قىلدىم….. ھەيرانلىقتىن باشقا يەنىلا ھەيرانلىق:shock:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量