«مودا» سېلىنغان ھاجەتخانا شەكىللىك تاماقخانىغا بېرىپ باققانمۇ؟ ۋاقتىڭىز بولسا بىللە تاماق يەپ كېلەيلى قانداق؟!
ھاجەتخانا تېمىسىدىكى تاماقخانا، ھاجەتخانا مەدەنىيىتىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ لايىھەلەش ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان رېستۇران، تاماقخانىدا تەرەت قاچىسى شەكىلىدە ياسالغان نەرسىلەرگە تاماقلار قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ تاماقخانىدىن ھەتتا چوڭ تەرەت شەكلىدىكى ماروژنىلارنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ! غىزالانغۇچىلار بولسا تەرەت تۇڭى شەكلىدىكى ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ، ئۆزگىچە ياسالغان قاچىلاردىكى ئاجايىپ «تەملىك» تاماقلاردىن ھوزۇرلىنالايدىكەنمىش………………….
ھاجەتخانا شەكلىدىكى رېستۇران تەيۋەندە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل ئۆزگىچە «ئىجادىيلىق»نى مۇشۇ ھاجەتخانا، ياق، تاماقخانىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭزىۋېي ئەپەندىم مەلۇم بىر كۈنى ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ ياپونىيەنىڭ كومىك كىتاۋىنى كۆرۈۋاتقان چاغدا تۇيۇقسىز كەلگەن ئىلھامنىڭ تەسىرىدە لايىھەلەپ چىققانمىش…………..
ئۇكاموي! يامان ئىشتىھا بىلەن يەۋېتىپسەن، يەۋاتقىنىڭ پوقمۇ ماروژنىمۇ بۇ؟!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر,يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، ساغلاملىق، شىركەت، ھەجۋى، ھەزىللەش، يېمەكلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,733 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: modern-toilet-restaurant.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۆزلىرىڭىز سىزنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن!! كەلمەيدىغان كۋانت ماگنىت مەيدانىدىكى جىسىمنىڭ لەيلىمە ھالىتى!
- كېيىنكى يازما > فرانسىيىلىك بىر ئەر سۇ ئۈستىدە ئەركىن ئۇچالايدىغان سومكا ياساپ چىقىپ ھەقىقى «تۆمۈر پالۋان»غا ئايلانغان!!!
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
دىۋاندىگەن سەنمۇ چىقىدىغان ئادەم مەنمۇ …..
ما قىززىق تېمىكەن، خەنچە خەۋەردە كۆرۈۋىدىم بۇنى ، تەدبىركار خېلى كۈچ سەرىپ قىلىپ قىززىق قىلىۋېتىپتۇ
ئىچىم ئېلىشىپ كەتتى،قانداق كۆڭۈل كۆتۈرىدىغاندۇ بۇنداق يەلەردە تاماقلىنىشنى؟
قارىغاندا بۇ ھاجەتخانا خېلى ئالقىشقا ئېرىشىپتۇ…
ئاستىدىكى كىچىك شوركىنىڭ بىر نەرسە يەۋاتقىنىنى كۆرۈپ ھەجەپ كۆڭلۈم ئېلىشتى ….
قورساق تويسا ھەممە ئىشنى قىلغۇسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ ، ئاۋۇ ۋاڭ فامىلىلىك ئاداشنىڭ تەپەككۇرى ئادەتتىك ئادەملەرنىڭكىدىن ھالقىپ كەتكەن چىراي ….
مەنمۇ ھۆ بولدۇم
ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ گازىر چاققاننى كۆگەن ،ئەمماھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ ماندا تاماق يىگەننى كۆمەپتىكەنمەن …
مەن تولۇقسىزغا يېڭى چىققاندا ھاجەتخانىغا كىرسەم بىرمۇنچە گازىر شۆپىكى تۇرۇپتىكەن نەچچە كۈنگىچە توۋا دەپ يۈرگەنتىم
ھوي ئىپتىدائېي جەمىئەتكە قايىتقىلى تۇرۇپتۇ بۇ خەق!ھۆ!
ھۆ!