فانتازىيەلىك ئويۇنلار ئىچىدىكى گىگانت ئەسەر – ئانا تەن2(Prototype2) ئېلان قىلىندى!
«ئانا تەن2(Prototype2)» بولسا بىر تۈرلۈك ئەركىن كونترول قىلىش تىپىدىكى ئويۇن، Activision شىركىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان. «ئانا تەن2» بولسا «ئانا تەن(ProtoType)»نىڭ داۋامى بولۇپ، ئىزچىل 2012-يىلىدىكى كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان ئويۇننىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئالدىنقى بۆلۈمگە ئوخشاشلا، «Prototype2» نىڭ ۋەقەلىكىمۇ نىيۇيورك شەھىرىدە داۋاملىشىدىكەن. ئىلگىرىكى پارتلاش خاراكتېرلىك ئاپەت تۈپەيلى، بۇ قېتىم نىيۇيورك شەھىرى نۆل گرادۇسلۇق نىيۇيورك دەپ ئاتىلىدىكەن، يۇقۇملىنىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن شەھەر ئۈچ رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مانخاتتون قىزىل رەڭلىك رايون بولۇپ بېكىتىلىپ، ئاللىقاچان بىئو-خىمىيلىك غەلىتە مەخلۇقلار تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان. مانخاتتونغا يېقىن جايدىكى ئارال سېرىق رەڭلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەن، يېشىل رەڭلىك رايون بولسا ئەڭ بىخەتەر بولۇپ، بۇ يەردىكى ئالاھىدە قوغدىغۇچى ئەترەتلەر كىشىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئەندىشىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدىكەن.
Prototype 2 دىكى باش پېرسوناژ ھەرگىزمۇ بىرىنچى بۆلۈمدىكى Alex بولماستىن، بەلكىم James Hellen ئىسىملىك يېڭى پېرسوناژ ئىكەن. James بىر ئەسكەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىدى دۈشمەنلىرىنىڭ پلانىنى بىتجىت قىلىش ۋە ئۆزىنى ياساپ چىققان ئادەم(Alex) نى ئۆلتۈرىۋېتىش ئىكەن.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپ:
سىستېما: Windows XP SP3 ياكى Windows Vista SP2
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Intel Core 2 Duo 2.6GHz ياكى AMD Athlon64 X2 3800+
سىنكارتا: 256M لىق DX9.0c نى قوللايدىغان سىنكارتا
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB
قاتتىق دېسكا: 8G دىن ئارتۇق بوش ئورۇن بولۇشى كېرەك
قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. پۈتۈنلەي لاتىنچە ھەرپتىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە پرىستىن يېشىپ بېرىمىز، مەسىلەن، D:\Game\Prototype2
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاپ ئېلىپ بارىمىز، تەخمىنەن 4 مىنۇتلارچە ۋاقىت كېتىدۇ
3. ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
ئانا تەن2(Prototype2) نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | يېشىش يامىقى | Prototype بىرىنچى بۆلۈم
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، فانتازىيە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,450 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: prototype2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تور ئويۇنى ئوينايدىغان باللا بامۇ؟ 暗黑破坏神3 ئويۇنىنىڭ بىر قىسىم CG لىرىنى كۆرگەچ مۇڭداشمامدۇق؟
- كېيىنكى يازما > WOW چىلار قېنى سىلەر؟ 5 سائەتتە 300 مىڭ قېتىم كۆرۈلۈش رېكورتى ياراتقان «مۈشۈكئېيىقنىڭ سىرى» ناملىق CG فىلىم
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
- فانتازىيلىك مىكرو فىلىم (چۈش)
- پۇرچاق دېگەن جىق يەيدىغان نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ ئايغا چىققاندا …
- قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق | Assassin’s Creed IV: Black Flag
- Cyberpunk 2077 ناملىق ئويۇننىڭ CG تەشۋىق فىلىمى
- سېھرىي خىيالىزىم ئۈنۈمىدىكى مىكرو فىلىم – Jonah
- «قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق» نىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى، دېڭىز قاراقچىسىدەك ياسىنىپ قاتىللىق قىلىش؟!
دىۋاننننننننننننننننننننننننننننننننننننننن
مىنىڭ كومپىيوتېرىمدا يېقىندىن بۇيان تورخۇماردىكى سىنلار قۇيۇلمايدىيا؟!سىستىمىنى يەڭگىشلەپ باقسامما ئوخشاش.تور ئۇلىنىشىدا خاتالىق بار،سەل تۇرۇپ قايتا سىناڭ!دەپ گۈشىيىپ تۇرىدۇ؟!
مەن دىۋاننىڭ 3 چىسى بولدۇممۇ نىمە ئالامەت ئۇيۇنمۇ بۇ!!! قاسساپ بولسا بۇلاكەن .ئۇيۇندىكى ئا ئاداش قان دىگەننى…….
ۋاي تور
خۇمارغا ئەمدى ئېلان قىلنىپتۇدە
مەن ھازىر تۇنگان قىپبولدۇن ئازقالدى خامسو قىلۋىتىمەن بۇ ئۇيۇننى
قانداق گەپبۇ 3كۇن ئاۋارە بوپ چۇشەسەم نەدىكى نەسىلە چۇپتا ئاشۇ ئوياننىلائەۋەتسەڭلابولماسمىـى
بىرىنجى قىسمىنى ئويناپ ھەقدادىغا يەتكۈزگەن. بۇ قىسمىنى ۋاقتىم يار بەرمەي ھېچ تۈگىتەلمەيۋاتىمەن. بۈگۈنگىچە %58 ۋەزىپىنى تۈگىتىپتىمەن.
بىرىنجىسىدىكى ئاساسلىق رولچى بۇ قىسمىدىكى نىگىرغا ۋىروسنى يۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن بۇ نىگىر تەجرىبە قىلىنىۋاتقاندا قېچىپ چىقىپ ،ۋىروسنىڭ تەسىرىدىن بارا-بارا كۈچلىنىپ بارىدىكەن. بۇ يېرى بىرىنجىسى بىلەن ئوخشىسىمۇ لېكىن 2_دەرىجىلىك يۇقۇملانغۇچى، يەنى ئانا ۋىروسنى ئېلىپ يۈرگۈچىدىن يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، ئىككىنجى قىسىم دېگەنگە تازا ماس كەلگەن. ئويۇننىڭ ئىسمىمۇ مەزمۇنىغا قارىتا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزدەك شۇنداق قاملاشقان.
مىنىڭ ئويۇمدە بەكلا كېتىۋالىدى. قانداق قىسام بۇلا.ياردەم سورەيمەن. قېرىنداشلىلار. 内存2G 显卡1Gقېتىۋالىديا. قانداق كىلاي
ھازىر سىنكارتىنىڭ كۆرسىتىش سىغىمىغا قارايدىغان دەۋر ئەمەس. ئاندىن قالسا، CPU رىڭىزغىمۇ تەلەپكە چۈشمىسە بولمايدۇ.
سىزنىڭ QQرىڭىز بامۇ مېنى جالاڭە.1106304060بولمىسا مەن سىزنى جالاي
گەپ كىلڭ
بىرىنجى بۆلۆمدىكى ئاداشنى يەڭگەندىن كىيىن تۈگەمدۇيا
بىر ھەپتە چۈشۈرۈپ ئويناپ 3كۈن بولغاندا بىرىنجى بۆلمىدىكى ئاداشنى ئاران يەڭدىم
تورخۇمار ئەپەندىم ،بۇ ئويۇن ئويناپ بىر يەلەرگە كەلگەندە باشقا قايتۇۋىتىدىكەن بۇنى قانداق ھەلقىلمىز
دەششەت ئۇيۇندە ئەمما لېكىن.. 1.بۆلۈمنى ھەپتىدە ئاران تۈگەتكەن.. 2.بۈلۈمنى بازادىن تاپالمايۋاتىمەن 1.بۈلۈمنىمۇ ئاران تاپقان…. خەپ چۇكۇم تاپىمەن
مىنىڭ كومپىيوتىرىمغا پەقەتلا چۈشىرەلمىدىميا بۇ ئۇيۇننى