• كومپىيۇتېر قۇراشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ - [Computerكومپىيۇتېر]

    كومپىيۇتېر قۇراشتۇرۇش،كومپىيۇتېر ساتقۇچى شىركەتلەر ۋە باشقا تېخنىكلارغا نىسبەتەن ئانچە تەس ئەمەس(چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى كومپىيۇتېر قۇراشتۇرۇش بىلەن ئۆتىدۇ)بىراق، زوركۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر(كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىغا خېلىلا پىششىق بولغانلارمۇ) تەييار قۇراشتۇرۇلغان كومپىيۇتېردا مەشغۇلات ئىلىپ بارىمىز.ئەمما كومپىيۇتېرنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشى ھەققىدە تۈزۈكرەكمۇ ساۋادىمىز يوق.ھەتتا ھازىرغىچە زور كۆپچىلىك ئىشلەتكۈچىلىرىمىز كومپىيۇتېرنى «سىرلىق نەرسە»دەپ قارايدۇ ۋە يۈرەكلىك ھالدا كومپىيۇتېر ئاساساىي ماشىنىسىنىڭ قېپىنىمۇ ئاچالمايدۇ.قانداق؟ كومپىيۇتېر قۇراشتۇرۇپ باققۇڭىز كىلىۋاتامدۇ؟ئۇنداق بولسا كىلىڭ ، ئىككىمىز (ھەم بارلىق دوسلار) بىرلىكتە قول سېلىپ كومپىيۇتېر قۇراشتۇرايلى.
    بىرىنچى، مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچنى( CPU ) نى ئورنىتىش
    ھازىر بازارلارداIntelنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچلىرى( CPU )دىن سەيياڭ D،پېنتىيۇم4،قوش يادرولۇق پېنتىيۇم، Core2قاتارلىق چوڭ 4 تۈر بار.ھەمدە ھەممىسى LGA755ئېغىزىنى قوللىنىدۇ. (ئىشلىتىدۇ) شۇنداقلا ھەممىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئۇسۇلى ئوخشاش.رەسىمدىكىدەك.


    يۇقارقى رەسىمدىن كۆرۈۋالالايمىزكى،LGA755ئېغىزلىق مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچلىرىنىڭ ھەممىسى تەككۈزۈش(ئۇچراشتۇرۇش) شەكلىدە لايھەلەنگەن.بۇ خىل لايھەلەشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى يىڭنە پۇتلىرىنىڭ سۇنۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرىمەسلىك بولۇپ،بىراق بۇخىل مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا بولغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى.


    يۇقارقى رەسىمدىن كۆرۈپ تۇرۇپتۇق،يىڭنىلىك(يىڭنىگە)لايھەلەنگەن چاتقۇچ(روزىتكا)نىسبەتەن چوڭ،CPUنى ئورنىتىشتىن بۇرۇن،بىز ئالدى بىلەن چاتقۇچنى ئاچىمىز.بۇنىڭ ئۇسۇلى:مۇۋاپىق كۈچ بىلەن CPUنىڭ بىسىش تۇتقۇچىنى ئاستىغا قارىتىپ باسىمىز ھەمدە سىرتىغا قارىتا ئىتتىرىپ چىقىرىمىز.


    تۇتقۇچ قىسقۇچتىن ئايرىلغاندىن(ئاجرىغاندىن)كىيىن تۇتقۇچىنى ئاسانلا تارتىمىز(چىقىرىمىز)


    ئاندىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ مۇقۇملاشتۇرۇۋىتىلگەن قاپقىقى ۋە تۇتقۇچىنى ئۈستىگە كۆتۈرىمىز.(ئالىمىز)


    بۇ ۋاقىتتا LGA755ئېغىزلىق چاتقۇچ كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ.


    CPUنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك بەلگە
    مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئورناتقاندا،ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچى دوستلار ئىنچىكە كۈزەتكەندە،CPUنىڭ بىر بۇرجىكىنىڭ ئۈستىدە بىر ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك بەلگە،ئاساسىي تاختىنىڭ CPUچۈشىدىغان چاتقۇچىدىمۇ بىر دانە ئۈچبۇلۇڭ بەلگىسى بارلىقىنى كۆرىدۇ.CPUنى ئورناتقاندا CPUبىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ ئۈچبۇلۇڭلىرىنى بىر-بىرسىگە دۈم كەلتۈرۈپ توغرىلىشى،ئاندىن CPUنى ئاستا بىسىپ ئورنىغا كەلتۈرۈش كىرەك.بۇ Intelبىر تەرەپ قىلغۇچىلىرىغىلا ئەمەس،بەلكى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان بارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچلارغا ماس كىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يىڭنىلىك لايھەلەنگەن CPUلارغا نىسبەتەن،يۆنىلىش توغرا بولمىسا CPUنى پۈتۈن ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۇ جەھەتكە دىققەت قىلىش كىرەك.


    CPUنى ئورۇنلاشتۇرۇش



    تۇتقۇچنى كۈچەپرەك بىسىش



    قاپقاقنى يىپىش



    مۇشۇنىڭ بىلەن CPUنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان بولىمىز.
    چۈشەندۈرۈش رەسىملىرى كۆپ بولغاچقا قالغان مەشغۇلات جەرىيانىنى ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈڭ
      مەنبە :"  بىلىك مۇنبىرى   "   دىن  Eltugh