چۈشلىرىمگە كىرىڭ يېنىشلاپ(ئەسلىمە)
يوللانغان ۋاقتى:14-06-2011
مەنبە: تارىم 2009-3-سان
مۇھەررىر: تەكلىپلىك مۇھەررىر
كۆرۈلۈشى: قېتىم
باھا: 0 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
شائىر ۋە لۇغەتشۇناس غەنىزات غەيۇرانى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسىگە
ئاپتورى: ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان
(ئەسلىمە)
(شائىر ۋە لۇغەتشۇناس غەنىزات غەيۇرانى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسىگە)
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم!-ئۆزىنىڭ ھايات چېغىدا ئولتۇرغان ئۆيىدەك كىچىككىنە بىر ئۆيگە شۇنداق سالام بىلەن كىردى غەنىزات غەيۇرانى ئاكا. نېمىشقىكىن، ئۇنىڭ قاپىقى تۈرۈك ئىدى،-ھاشىماخۇن ئۆلۈپتۇ، شورلۇق يەرگە كۆمۈپتۇ، يىغلىغىلى ئادەم يوق ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ!...
شۇ گەپ بىلەن تەڭ ئۇ جىنازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يوغان بىر ساندۇققا ئۈن-تىنسىز ھالدا بىر نەرسىلەرنى قاچىلاشقا باشلىدى. قاچىلانغان نەرسىلەر ئارىسىدا ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئىشلەتكەنلىرى كۆپ ئىدى. ئۆزۈممۇ يازمىلار دۆۋىسىدە ياشايدىغان ئادەم بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن، ئۇنىڭ ئۆز يازمىلىرىنى ساندۇققا تۆپە-تۆپىلەپ بېسىۋاتقانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلدىم. يازمىلار ئىچىدە قەلەمدە يازغانلىرىمۇ، باستۇرغانلىرىمۇ بار ئىدى. شۇغىنىسى، كىتاب بولۇپ چىققانلىرى كۆرۈنمەيتتى. «ئەپكەل!» ئۇ قولىنى شۇنداق بىر مەنادا خوتۇن-بالىلىرىغا تەڭلەيتتى. «بىرەرىمۇ قالمىسۇن!» يەنە شۇنداق بىر مەنانىمۇ قايسىبىر ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇقتۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ مەن شۇنداق يېنىدا قاراپ تۇراتتىم. بۇلۇڭ-بۇلۇڭغا كىرىپ كەتكەن قوليازمىلارنى تېپىپ كېلىۋاتقانلار، ئۇنىڭ قەدىناسى ۋە ئوغلى ئىدى. ئىككىيلەن قوليازمىلارنى مەڭگۈ توشۇپ بولالمايدىغاندەك قۇچاقلاپ-قۇچاقلاپ ئېلىپ كېلەتتى. غەنىزات غەيۇرانى ئاكا بولسا، بېشىنى كۆتۈرۈپمۇ قويماي، يازمىلارنى ساندۇققا چىرايلىق تىزىۋاتاتتى...
غەنىزات ئاكا بىزدىن-ھاياتلاردىن خاپا بوپتۇ-دە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. قوليازمىلارنىڭ قەدرىگە سىلەر يەتمىدىڭلار، قەدرىنى بىلىدىغانلارنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېتەي. ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ كېتەي، بىرنىمۇ قالدۇرماي ئېلىپ كېتەي!
ئۇ شۇنداق ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۆي ئىچى سۈكۈتلۈك ئىدى...
ناخۇش ھالەتتە ئويغىنىپ كەتتىم. ساق يېتىپ مەست ئويغاندىم. بېشىم گاراڭ ھالەتتە ئۇزاقتىن-ئۇزاق تۇرۇپ كەتتىم. ئادەمسىز جايلارنى يېنىش-يېنىشلاپ ئايلاندىم. «ماڭا نېمىشقا گەپ قىلمايسىز ئاكا؟ ئا. ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، روزى سايىت... كەبى تەۋەررۈك زاتلىرىمىز ئامانمۇ ئاكا؟ ئۇلار نېمىشقا چۈشلىرىمگە كىرمەيدۇ؟ ئۇلارغا سىز ئارقىلىق يەتكۈزەر سالامىم، نۇرغۇن-نۇرغۇن ئېيتارىم بار ئەمەسمىدى قەدىرلىك ئاكا!...» دېدىم ئىختىيارسىز ھالدا، نەمدەلگەن چاناقلىرىمنى سۈرتۈپ. دەرۋەقە، مەن تېخى باقىي ئەزىزلىرى ئىشتىراك ئەتكەن شېرىن مۇلاقەت قەسىرىدىن تولۇق ئاجراپ چىقىپ بولالمىغانىدىم.
مۆھتىرەم غەنىزات ئاكا، بىز تونۇشقىلى ئانچە ئۇزاق بولمىغانىدى. بەش يىلغا يېتىپ-يەتمىگەن مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، قەلبىمىزنىڭ بىر-بىرىگە شۇنچە ئىجىللىشىپ كەتكىنىگە ئۆزۈممۇ ھەيران ئىدىم. بەزى چاغلاردا نېمىشقىمۇ بۇرۇنراق تونۇشۇپ قالمىغان بولغىيتتىم، دەپ ئەپسۇسلىناتتىم. سىزنىڭ بالىلىقىڭىز، ياشلىقىڭىز، قىرانلىقىڭىز ھەققىدە ھېچنېمىدىن خەۋەرسىزمەن. سىز توغرۇلۇق ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ھەم مۇكەممەل ئەسلىمىمۇ يازالمايمەن. بىراق تامچىدىن دېڭىزنى، يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدەك زەررىدىن ئۇلۇغ قۇياشنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولغاندەك، ئاخىرقى يىللىرىڭزدىكى سۆھبەت ۋە پىكىر ئورتاقلىقىمىزدىن سىزنىڭ ياشلىقىڭىزدىن تارتىپ ئەقىدە، غۇرۇر ۋە دىيانەت بىلەن ياشاپ كەلگەن پەزىلەت ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزنى جەزىم قىلغىلى بولاتتى. سۆزلىرىڭىزنىڭ قايىللىق ۋەزنىدىن، دۇنيا قارىشىڭىزنىڭ ھەققە ئۇيغۇنلۇقىدىن، ئېتىقادىڭىزنىڭ مۇستەھكەملىكىدىن... سىزنىڭ پۇختا ئەقىدە بىلەن ياشاپ كەلگەن ئىنسان ئىكەنلىكىڭىز مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. يەنە ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغىنىم باركى، جىگەرلىك، غۇرۇرلۇق بولۇش، ۋىجدان بىلەن ياشاش شۇ ۋاقىتلاردىن باشلانغان پەزىلەت ئۇدۇمىڭىز ئىدى.
غەنىزات ئاكا سىز تولىمۇ ئاددىي-ساددا ئادەم ئىدىڭىز. تۇرمۇشتىكى نامراتلىق سىزنىڭ رايىڭىز بويىچە تاللانغان ياشاش يولى بولمىسىمۇ، روھىڭىزدىكى مەردانىلىق، ۋايسىماسلىق، ھەشەم-دەرەملەرگە كۆز قىرىنى سالماسلىق... كەبى خىسلەتلىرىڭىز، سىزنىڭ ئەسلىدىنلا نام-مەنپەئەتنى چوڭ بىلمەسلىك، ئاددىي ئاۋام قاتارى ياشاش ئىستىكىنى دىلىڭىزغا پۈكۈپ بولغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى، روھىڭىز سۈزۈك بولغاچ، تۇرمۇشىڭىزمۇ پەرداشسىز، تەبىئىي ئىدى.
1992-يىلى ئۆكتەبىردە، ئۈرۈمچىگە يۆتكەلمەكچى بولغان بىر دوستۇمنىڭ ئارخىپىنى ھاۋالە بويىچە سىزگە تاپشۇردۇم. بۇ ئىش دەل سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تاماملاندى. بىز تونۇشمىساقمۇ، سىزنى ناھايىتى سۈرلۈك، مۇغەمبەر ئادەممىكىن دەپ تەسەۋۋۇر قىلغانىدىم. ئۆيىڭىزگە قەدەم بېسىشىمنى ئويلىسام، تېخىمۇ سۈر باساتتى. چۈنكى سىزنىڭ نام-شەرىپىڭىز ئىلگىرىكى دەرسلىك، توپلاملار ئارقىلىق دىلىمغا ئورنىشىپ بولغانىدى. يېڭىدىن-يېڭى نەشردىن چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىملا، تەلەپپۇز لۇغەتلىرى ئارقىلىق بۇ نام يەنىمۇ ئەبەدىيلىشىپ بېرىۋاتاتتى. شۇڭا سىزگە زىيادە ھۆرمىتىم بار ئىدى. بۇ ھۆرمەت مەندە قورقۇش ۋە قورۇنۇش كەبى نومالسىز روھىي ھالەتلەرنى تۇغۇۋاتاتتى. ئەپسۇسكى، ئاخىرقى ھېسابتا مېنىڭ ئويلىغىنىم پۈتۈنلەي ئارتۇقچە بولۇپ چىقتى. چېچىڭىز ئاقارغان، قاملاشقان پاكىز چىراي، ئوچۇق-يورۇق ئادەم ئىكەنسىز. گەپلەرنى ئۇقۇملۇق، دانە-دانە قىلىدىكەنسىز، مەڭزىلىرىڭىزدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىكەن. ئەجەب قاملاشقان ئادەمكىنە، دەپ ئويلىغانىدىم شۇ چاغدا. ئۆيىڭىزمۇ كىچىك ۋە ئاددىي، سىزدەكلا تەبىئىي ئىدى. شۇنچە چوڭ زىيالىينىڭ ئۆيى ئەجەب...
2006-يىلى، سىزنىڭ چاقىرىشىڭىز بىلەن دەل مۇشۇ ئۆيە يەنە بىر رەت كەلدىم. يەنە شۇ ئۆي، يەنە شۇ شەكىل، يەنە شۇ تەبىئىي ۋە ئاددىيلىق. بۇ چاغدا دەل مۇشۇ ئۆيدە بىزنىڭ دەسلەپ كۆرۈشكىنىمىزگە 41 يىل بولۇپ قالغنىدى. شۇنچە يىللاردىن بېرى ئاددىي-ساددىلىقنىڭ شاھىدى بولغان بۇ قەدىناس ئۆيىڭىزدە شاد-خۇرام ۋە رازىمەنلىك بىلەن ياشاپ كېلىۋاتاتتىڭىز، ئەمما بۇ قېتىم ھەيران قالمىدىم. چۈنكى سىزنىڭ مۇشۇنداق خاراكتېردىكى، ھەشەمسىز ياشايدىغان تەبىئىي ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ يەتكەنىدىم. سىز مېھماندارچىلىق، كوللېكتىپ غىزالىنىشلاردىمۇ ئاددىي-ساددىلىقنى تەشەببۇس قىلاتتىڭىز. كېسىلىڭىز سەۋەبلىك مۇچ يېمىگەنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېچقانداق تاماق ۋە كۆكتات تاللىمايتتىڭىز، سىزگە مېھمان بولۇش راھەت ۋە خوشلۇق، سىزنى مېھمان قىلىش شۇ قەدەر ھۇزۇر ۋە بەختىيارلىق ئىدى.
2007-يىلى نويابىردا، ئاپتونوم رايون بويىچە چاقىرىلغان »رومان ئىجادىيەت يىغىنى«غا بارغاچ، ئۆلۈم پەتىڭىزگە كىردىم. ئاھ! ئاددىي-ساددا ئاكا، ئۆلۈمىڭىزمۇ يەنە مۇشۇ ئۆيدە، ئاددىيلىق ۋە تەبىئىيلىك ئىچىدە ئۇزاپتۇ. ھاياتىڭىز ئاددىيلىق ۋە تەبىئىيلىك بىلەن باشلىنىپ، يەنە شۇنداق ئاخىرلىشىپتۇ. بۇ سىزنىڭ ئالدىن سىزغان ياشاش خەرىتىڭىزنىڭ ئۆز قېنىدا داۋاملىشىشىمۇ؟ ھاياتلىق مەنتىقىڭىزنىڭ توغرۇلۇق يەكۈنىمۇ؟ ئەۋلادلار ئۈچۈن قالدۇرغان ئەقىدە مىراسىڭىزمۇ؟ مەنچە شۇلارنىڭ ھەممىسى، ھەممىسى! چۈنكى دىلدىكى تىلغىلا ئەمەس، ھەرىكەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سىز ھەقىقىي پەزىلەت ئەھلى ئىدىڭىز. ئادىمىي ئەخلاق، ئۇنىڭ شاخ-ياپراقچىلىرى بولغان راستچىللىق، كەڭ قورساقلىق، ئادىمىيگەرچىلىك ۋە ۋاپادارلىق... كەبى گۈزەل پەزىلەتلەر سۆزىڭىز، ھەرىكىتىڭىز، ياشاش ئادىتىڭىز ھەم يازما-مېھنەتلىرىڭىز ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ تۇراتتى. ۋۇجۇدىڭىزنىڭ، قان ۋە جېنىڭىزنىڭ ئاشۇ ئېسىل ئادىمىي خىسلەتلەر بىلەن ياشاپ ۋە ياشناپ تۇرۇۋاتقانلىقى زامانداشلىرىڭىزغا سىر ئەمەس ئىدى. »بولدى قىل«، »يۈز رۇبائى«... قاتارلىق كىتابلىرىڭىزدىكى بەدىئىي پاساھەت، پىكرىي بالاغەت ھەم ھەجۋىي كامالەت سىزنى، توغرىراقى ئەقىدىڭىز، مىزانىڭىز ھەم تەلپۈنۈشلىرىڭىزنى سۆزلەپ تۇراتتى:
ھۆركىرەپ ئۆتتۈم ئەمەلنىڭ بارىدا يولۋاس بولۇپ،
قايسى كۈن چۈشتۈم، شۇئان ئۆچتى ئۈنۈم تىمتاس بولۇپ.
يا يۈرەكتىن ئالدى دەرد، دوختۇرغا سۆرەشتى دەرىخ،
ياكى كىردىم ئېتىكاپقا، ئەلئارا چىقماس بولۇپ.
تۈرلۈك سەۋەبلەر ۋە سالامەتلىك ۋەجىدىن، ئېلان قىلغانلىرىڭىز ئاز بولسىمۇ، يەنىلا ئالدى بىلەن سىز ھەقىقىي ئادەم ئىدىڭىز. ئاز يازغىنىڭىز شائىرلىقىڭىزغا نۇقسان يەتكۈزەلمەيتتى، تەسىراتىم شۇ ئىدىكى، سىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا شائىرلىقىڭىز ئەمەس، ئالدى بىلەن راستچىل ۋە غۇرۇرلۇق ئەرلىكىڭىز نامايان بولاتتى.
ئېسىمدىن چىقمايتتىكى، 2005-يىلى كۈزدە، ئۈرۈمچىدە سىزگە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بىراق مەن ئىچكى موڭغۇلغا يىغىنغا مېڭىپ قالغاچ، ھاياتىڭىزدا بىر ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خاسىيەتلىك مۇراسىمغا قاتنىشالماي قالدىم. پەقەت ئالدىراپلا بىر پارچە تەبرىك خېتى يېزىپ ئەۋەتتىم. لېكىن بۇ ئاددىي بىر پارچە خېتىمنىڭ سىزنى شۇ قەدەر سۆيۈندۈرۈۋېتىشىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن. «سىزدىن بەك خوش بولدۇم ئۇكام» دېگەنىدىڭىز ئۇزاققا قالمايلا ماڭا ئۇرغۇن تېلېفونىڭىزدا، «خۇددى مەن بىلەن قۇرداش ئادەمدەك، ماڭا شۇ قەدەر ئەستايىدىل باھا بېرىپسىز. ئىجادىيەت نەتىجىلىرىمنىمۇ ھەر جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ ئەتراپلىق يەكۈنلەپسىز. يازمىڭىزدىن مېنى خېلىدىن كۆزىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى سەزدىم، رەھمەت سىزگە. شۇغىنىسى، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى خېتىڭىزنى چوڭ يىغىندا ئوقۇشقا مۇمكىن بولمىدى. ئەمما بۇ خېتىڭىزنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئەزىز ۋە تەۋەررۈك قاتارىدا گۆھەر ساقلىغاندەك ساقلايمەن. مۇبارەك خېتىڭىزدىن سىزنى كۆردام، ئۆزۈمنىمۇ كۆردۈم. ئەڭ مۇھىمى، يىراقتا تۇرۇپ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، كۆڭلۈم بىلەن تەڭكەش يەنە بىر كۆڭۈلنى كۆردۈم...» سىز بەكلا ھاياجانلانغان ئىدىڭىز. ھاياجانلىق تەشەككۈرلەر قېتىدىن سىزنى تېخىمۇ ئېنىق، يەنىمۇ مۇكەممەل بىر ھالدا كۆرۈۋاتاتتىم.
كېيىنكى يىلى يەنە ئۈرۈمچىگە باردىم. بۇ قېتىم كىچىك بالامنى تەكشۈرتكىلى بارغاچ، يەنە كېلىپ ئايالىمنى ئېلىۋالغاچ، سىزگە خەۋەر قىلمىدىم، ئاۋارە قىلماي دېدىم. تېلېفونۇم تۇرۇپ مۆكۈپ يۈرەلمەيدىغانلىقىمنى قانداقمۇ خىيالىمغا كەلتۈرەي، ئەتىسىلا تېلېفونۇم سايرىدى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم! مەن غەنىزات، سىزنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىڭىزنى ئوغلۇم پولاتتىن ئۇقتۇم. ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەت دەپ شۇنچە تاپىلىسام، ياتاقتا ياتىمەن دەپ تۇرۇاۋالدى، دەيدۇ. ئۇنىڭغا كايىدىم، بالىڭىزنى داۋالاتقىلى كەپسىز، سىزگە بۈگۈن چۈشتە بىرەرسىگە ۋەدە بېرىپ قويمىسىڭىز. تاماقنى بىزنىڭ ئۆيدە يېسەك، سائەت 11 دە «ئىتتىپاق يولى» بېكىتىدە سىزنى ساقلايمەن.
ھەي... نېمىسىنى دەي، مەن ئەقەللىي لەۋزىگخمۇ خىيانەت قىلدىم. ئايالىم بىلەن ئۇندا سۆرۈشۈپ، بۇندا تارتىشىپ يۈرۈپ ۋاقىتنى «12 يېرىم»گە ئۇلاشتۇردۇم. غەنىزات ئاكىنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغان يول كۆزۈمدىن چىقىپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدىم. مېنى بىردەملىك ساقلاپ كىرىپ كېتەر. ئۆزۈم تېپىپ بارارمەن ئۇ ئۆينى، دەپمۇ خىيال قىلدىم، ئاخىر ياتاقتىن چىقماي تۇرۇپلا تېلېفون قىلىپ بېقىشنى توغرا تاپتىم.
-غەنىزات، مېھماننىڭ ئالدىغا چىقىمەن دەپ سائەت 11 دىلا «ئىتتىپاق يولى» بېكىتىگە چىقىپ كەتكەن،-دېدى غەنىزات ئاكىنىڭ قەدىناسى سەل ھاسىراپ تۇرۇپ.
ۋۇجۇدۇم توك سوقۇۋەتكەندەك سىلكىندى، يۈزلىرىم كۆيۈشتى.
-ماڭايلى، تېز ماڭايلى،-دېدىم مەن ئەمدى رەسمىي ئالدىراپ.
ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا ھەيران قالدىم. غەنىزات ئاكا بېكەتتە بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مېنى ساقلاۋاتقان ئىكەن. خۇددى كۆيۈمچان دادا يىراققا كەتكەن ئوغلىنى ساقلاۋاتقاندەك، سەۋرچان ئاتا جەڭدىن قايتقان ئوغلىنى ساقلاۋاتقاندەك. نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولدۇم، ئايالىمنىڭ مەندىن بەتتەر ھالدا ئىكەنلىكىنى بىر سۆزىڭىز بىلەنلا ياپتىڭىز:
-كېسەل كۆرسىتىشكە كەلگەندە، چوقۇم دېيىشكەن ۋاقىتقىچە بىكار بولىمەن دەپ ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ، سىز دېگەن ھاجەتمەن.
بىر قانچە خىل تاماقلار پىشىپ قېتىپ كەتكەنىدى. قەدىناسىڭىز ھەر بىر خىل تاماقنى «مۇزلاپ قاپتۇ» دەپ ئالدىمىزغا ئېلىپ چىققاندا، يۈزلىرىم قىزىشىپ، تېرىلىرىم تارتىشىپ كېتەتتى. ئەزەلدىنلا تار ئۆيىڭىز تېخىمۇ تارىيىپ، گەجگەمنى قورۇيتتى. تەنلىرىمنى، ۋۇجۇدۇمنىڭ قات-قېتىنى سىقاتتى. خىجالەتچىلىكنى يەنىلا سىز تۈگەتتىڭىز. ھەممىنى ئۆزىڭىز ئوڭشىدىڭىز ئاكا:
-دوختۇرخانىدىكى ئىشلىرى تۈگىمەي قاپتۇ.
ئەسلىمگە كەلدىم، ھەممىمىز ئەسلىمىزگە كەلدۇق.
سىز، ئىسمىڭىز-جىسمىڭىزغا لايىق غەيۇر ۋە غۇرۇرلۇق ئىنسان ئىدىڭىز. ياردەم ۋە ھېسداشلىققا ئەڭ موھتاج كۈنلەردىمۇ مەردانىلىق بىلەن، غەيۇرانى بىر روھتا ياشايتتىڭىز. ھەق-ئادالەتنى ياقلاش ئىرادىڭىز كۈچلۈك؛ چىرىكلىك، پاسىقلىق، مۇناپىقلىق، زەھەرخەندىلىك، ھەسەتخورلۇق... ئوخشاش ئىجتىمائىي ئىللەتلەرگە بولغان نەپرىتىڭىز زىيادە ئىدى. شۇنداق، سىزنىڭ يۈرىكىڭىز ھامان ناھەقچىلىقلار ئۈچۈن ئېچىشىپ تۇراتتى. چۈنكى سىز ئويغاق ئىدىڭىز. سىزنىڭ تومۇرلىرىڭىز ئاۋامنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشلىرىگە تەڭكەش ھالدا كۆپۈشۈپ تۇراتتى.
غەنىزات ئاكا سىز يەنە، تىل ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ قىزغىن پەرۋىشچىسى، جان كۆيەرى ئىدىڭىز. سىز تۈزۈشكە قاتناشقان «ئېلىپبە» دەرسلىكىدىن تارتىپ ئۇيغۇر تىلى تەلەپپۇز ۋە ئىملا لۇغەتلىرىگىچە، ئۇنىڭ ھەر بەت، ھەر بىر قۇرلىرىدىن سىزنىڭ ھالال، مىننەتسىز ئەجرىڭىزنىڭ تەپتىنى سەزگىلى، نۇرىنى كۆرگىلى بولاتتى. مۇشۇ تۆھپىڭىز ئۈچۈن، خەلقىمىز، ئەۋلادلار، باشقا لۇغەتشۇناسلار قاتارىدا سىزنىمۇ مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ، ئەبەدىيلىك ۋە چىن سېغىنىشلىرى بىلەن تارتۇقلايدۇ.
غەنىزات ئاكا، باشقىلارى »ئەپەندى« دەپ ئاتاشقا ئامراق غەنىزات ئەپەندى، سىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنىگىمۇ خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلەتتىڭىز. ئەدەبىياتنى خەلقىمىز مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتتىڭىز. ئەدەبىياتىمىزدىكى يېڭى يۈكسىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشمە ھالەتتە بىخ سۈرۈپ كېلىۋاتقان غەيرىي ئۆسمىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلاتتىڭىز. يازمىچە تەنقىدلەشكە ئىمكان بولمىسا، ئېغىزاكىي بولسىمۇ پوزىتسىيە بىلدۈرەتتىڭىز. ئەسەر ئاپتورىغا تېلېفون قىلاتتىڭىز، خەت يازاتتىڭىز. بۇ ئەدەبىياتىمىزغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئەدەبىياتىمىز ئارقىلىق خەلقىمىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز ئىدى. سىز خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر نەرسىسىنى خەلق مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ قارايتتىڭىز. كۆيۈنۈش نەزىرىڭىز بىلەن كۆزىتەتتىڭىز. ئاغرىپ يېتىپمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر شىركەتلىرى ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ نامى ھەققىدە تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مەخسۇس ماقالىلەر يازغانىدىڭىز، سىز ھەممىدىن چوڭقۇر چۈشىنەتتىڭىزكى، تىلغا بولغان ھۆرمەت-مىللەتكە بولغان ھۆرمەت ئىدى. تىلغا كۆيۈنگەنلىك-ئاخىرقى ھېسابتا مىللەتكە، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كۆيۈنگەنلىك سانىلاتتى. سىز خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنىگىلا ئەمەس، كەلگۈسىگىمۇ ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلەتتىڭىز. بۈگۈنكى تەرەققىيات ۋە مۇستەھكەملىك كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چىن مەنىسى بىلەن تونۇپ يەتكەنىدىڭىز. شۇڭلاشقا تىل ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسىگىمۇ مىللىتىىمىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلەتتىڭىز. ئۇنىڭغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنەتتىڭىز، كۆيۈنۈشلىرىڭىزنىڭ ئىپتىداسى ياشلاردىن باشلانغانىدى. سىز ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا، ۋاپاتىڭىزدىن بىر ئاي بۇرۇن يازغان ئىمزالىق خېتىڭىزدە ئەدەبىياتىمىزغا، ياش قەلەم ساھىبلىرىغا بولغان ھۆرمەت ۋە كۆيۈنۈشلىرىڭىزنى يەنە بىر كېتىم ئىپادىلىگەنىدىڭىز. خەت مۇنداق ئىدى:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئىنىم ئابباس تۈركىيقان ئەپەندى، (مەن ياخشى كۆرىدىغان بىر سۆزنى فامىلە قىلىۋاپسىز، شۇڭا تۈركىيقان دەپلا ئاتاۋېرەي سىزنى) سىز ۋە بالا-چاقىلىرىڭىزغا، مەن غەنىزات ۋە بالا-چاقىلاردىن ئەڭ چوڭقۇر، سەمىمىي سالام!
تۈركىيقان ئەپەندى بۇ گەپلەرنى تېلېفوندا دېسەممۇ بولاتتى. لېكىن بەزى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ خەت يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويغان بولساممۇ مېنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
مەن »ئاخىرقى ئوۋ«نى ئىنتايىن قىزىقىپ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ توملۇق ئەسەرلىرىنى تۈگىتىپ ئوقۇپ چىقمىغىلى. سىزنىڭ »خاراباتى« دېگەن رومانىڭىزنى ئوقۇپ، »مۇشۇ بالا ئۈمىدلىك يازغۇچى بولىدىغاندەك قىلىدۇ« دەپ ئويلىغانىدىم. »ئاخىرقى ئوۋ«نى ئوقىغاندىن كېيىن، سىزنىڭ ئىستىقباللىق يازغۇچى ئىكەنلىكىڭىزگە تولۇق ئىشەندىم، بۇ گېپىم چىن كۆڭلۈمدىن چىققان راست گەپ.
مەن بالا ۋاقتىمدىلا ئەدەبىياتقا چوڭقۇر ھەۋەس باغلىغان. ئەمما، »ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق« دېگەندەك نۇرغۇن سەۋەبلەرگە باغلىق ھالدا تۈزۈكرەك بىر نەرسە يازغالمىغان بولساممۇ، ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىم زادىلا ئۆچمىدى. شۇڭا ئۆزۈمچە ئەدەبىياتقا-ئەسەرلەرگە بىر قەدەر مۇۋاپىق باھا بېرەلىسەم كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
مەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، خېۋىر تۆمۈر، زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، ئەبەيدۇللا ئىبراھىملارنىڭ رومان ۋە ھېكايىلىرىنى، خالىدە ئىسرائىل، ئەختەم ئۆمەرلەرنىڭ ئايرىم پوۋېستلىرىنى ئوقۇپ، ئاشۇلارنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن چىققان يازغۇچىلار دەپ قاراپ كەلدىم. ئەمما مەن ئۆزۈم يازغۇچى دەپ ئېتىراپ قىلغان يۇقىرىدىكى ئاپتورلارنىڭمۇ ئىسمىنىڭ ئالدىغا »ئۇلۇغ«، »تالانتلىق« دېگەن سۈپەت سۆزلىرىنى قوشۇپ ئاتاشقا ھازىرچە بالدۇرراق قىلىدۇ دەپ قارايمەن. سەۋەبى: بىرىنچىدىن، »ئۇلۇغ« سۆزىنىڭ مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر ۋە بەكمۇ كەڭ. بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيەت تارىخىمىز جەريانىدا چىققان فارابى، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نۋائى قاتارلىق ئالىم ۋە شائىرلىرىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا بۇ سۈپەت سۆزلىرى قوشۇلۇپ كەلدى )ئەلۋەتتە بۇ ھەقلىق(. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان. شۇڭا ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا ھە دېسىلا بۇ سۆزنى قوشۇپ ئاتىساق، يۇقىرىدا ئىسمى ئېيتىلغان كلاسسىكلىرىمىز بىلەن ھازىرقىلارنى تەڭ ئورۇنغا قويغان بولىمىز-دە بۇ كلاسسىكلىرىمىزگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت دۇنياۋىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، »تالانتلىق«، »مەشھۇر« دېگەن سۆزلەرمۇ دۇنياۋىلىشىپ كەتتى. بىز ئۆز ئادەملىرىمىزنى شۇنداق دەپ ئاتىۋالغان بىلەن، دۇنيا ئېتىراپ قىلامدۇ؟ ئۇنداقتا نوبېل مۇكاپاتىغا ۋە چوڭ-چوڭ دۇنياۋى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن نۇرغۇن ئالىم، شائىر، يازغۇچىلارنى نېمە دەپ، قايسى سۈپەت بىلەن ئاتاش كېرەك؟ يەنە كېلىپ ئىسمى ئاتالغان يازغۇچىلىرىمىزمۇ »ئۇلۇغ«، »مەشھۇر« دېگەن سۈپەتلەرگە سېزىك بولىدىغان ئادەملەردىن ئەمەس. راستىنى دېگەندە، بۇنداق كۆڭۈل ئىزدەپ بېرىلگەن ۋە كۆپتۈرۈلگەن ئاتاقنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ئۇلارغا يۈك! دېمەك، مېنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىگە »ئۇلۇغ«، »مەشھۇر« دېگەندەك سۈپەت سۆزلىرىنى قوشۇپ ئىشلىتىش ھازىرچە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىشىمنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ. بۇ ھەسەتتىن ئەمەس، بەلكى چىن مەنىسىدىن ئېيتىلىۋاتقان گەپ. ئەمما سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىڭ بېشىغا »ئىستىقباللىق« دېگەن سۈپەت سۆزىنى قوشۇپ »ئىستىقباللىق يازغۇچى« دەپ ئاتاش مۇۋاپىق. بۇ يەكۈننى مەن ئەسەرلىرىڭىزدىكى ئىزدىنىش تىپىدىكى پىكرىي چوڭقۇرلۇق ۋە بەدىئىي يۈكسەكلىك بەخش ئەتكەن ئىلھامدىن چىقاردىم، بۇمۇ چىن سۆزۈم.
ئەمدى مېنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن بېرىدىغان پىكرىم: سىز تېخى ياش، نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىشىڭىز كېرەك. شۇنداق ئىكەن، سىز ئەمدى بەختىيار زاماندىكى بەختىيار كىشىلەر ھەققىدە ئەسەر يېزىش بىلەن بىللە »فاراباتى«غا ئوخشاش تارىخىي تېمىلاردا ئەسەر يازسىڭىز. يۇقىرى ماھارەت بىلەن ېيزىلغان، غۇرۇر بىلەن سۇغىرىلغان شۇ ئەسىرىڭىز ئارقىلىق تارىخىي تېمىلارنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالايدىغان يازغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلىدىڭىز. بۇ جەھەتتە سىز ئەبەيدۇللا ئىبراھىم بىلەن خېۋىر تۆمۈر، ھە راست، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرلەرنىڭ يولىدا ماڭسىڭىز. بۇ يولدا سىز چوقۇم ياخشى نەتىجە قازىنالايسىز.
ئىككىنچى پىكرىم: سىز ئەسەر يازغاندا جايىدا ئىشلىتىلگەن تەسۋىرىي سۆزلەرنىڭ ئۇ پېرسوناژ ئۈچۈنمۇ، بۇ پېرسوناژ ئۈچۈنمۇ؛ ئۇ يەر ئۈچۈنمۇ، بۇ يەر ئۈچۈنمۇ تەكرر ئىشلىتىلىپ كېتىشىگە دىققەت قىلسىڭىز. بەلكى قېلىن توملارنى يازغاندا بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش تەس بولسا كېرەك. مەن قىزىقىپ ئوقۇغان، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان ناسىر ئەسەردىمۇ تەسۋىر تەكرارلىقى كۆپ.
قارىمامسىز، قېرىپ كاللىدىن كەتكەندە، سالام خەتنىمۇ جايلاپ يازالماي، ئۇنى ئويلاپ، بۇنى يېزىپ يېنىشلاپ ئۆچۈرۈپ يۈرگىنىمنى، خېتىم تاققا-تۇققا بولۇپ قالسىمۇ ئەپۇ قىلىڭ.
خوش، بولدى قىلاي، بەك ئۇزىراپ كەتتى.
سىزگە سالامەتلىك ۋە ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن.
غەنىزات ئاكا، سىز بەكمۇ ئالدىراپ كېتىپ قالدىڭىز. پەرۋىشىڭىزگە موھتاجلارنى، روھىي مەدەتلىرىڭىزگە تەشنا دىللارنى داغدا قويۇپ كەتتىڭىز. تونۇشقىنىمىزغا ئۇزاق بولمىغانىدى. بىراق سىزنى تونۇۋالغانىدىم. خۇددى سىز مېنى تېپىۋالغاندەك. تېلېفون ياكى باشقىلار ئارقىلىق سالام يوللىغىنىڭىزدا ئالەمچە خۇش بولۇپ كېەتتىم. ئارقامدا باشقىلار يۆلەنچۈكۈم باردەك، ماڭا يول كۆرسىتىدىغان، پەزىلەت ئۆگىتىدىغان خورىماس خەزىنەم باردەك كۆڭلۈم توق ئىدى. ۋۇجۇدۇمدىكى ئادىمىي پەزىلەتلەرنىڭ، ئەسەرلىرىمدىكى بەدىئىي ھەم پىكرىي قىممەتلەرنىڭ ۋەزنىنى سىز ئارقىلىق ئۆلچىمەكچى بولاتتىم. بەزى ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان مەن يېتىم سىزنى داۋام قىلىۋالغۇم كېلەتتى. راست، قول بېرىشمىگەن بولساقمۇ سىزنى دادامدەكلا كۆرەتتىم، خوشلۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىمنى سىزگە ئېيتقۇم، دادامنىڭ ئوتىنى سىز ئارقىلىق باسقۇم كېلەتتى.
غەنىزات ئاكا، مېنى يىراقتىن تونۇۋالغان، ئەمما مەن تونۇغاندا، قېچىپ كەتكەن ئەپەندى، بىز ئىنسانلار بارنىڭ قەدرىگە يەتمەي، يوقنى قوغلايدىكەنمىز. يېنىمىزدا بارىدا سەل قاراپ، كەلمەسكە كەتكەندە ئۇلۇغلايدىكەنمىز. كاشكى، ھازىرقى سۆزلىرىمنىڭ ئوندىن بىرىنى بولسىمۇ ھاياتلىقىڭىزدا ئېيتىۋالسامچۇ، ئىزدەپ بېرىپ تېلېفون قىلىپ دەۋالسامچۇ.سەل بىكار بولغاندا تېلېفون قىلارمەن دەپتىمەن، ئۈرۈمچىگە يەنە بىر كەلگەندە يوقلارمەن دەپتىمەن. ۋادەرىخ، بۇنچە بالدۇر كېتەر دېمەپتىمەن. يازغىنىڭىزنىڭ ئاخىرقى خېتىڭىز ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئويلىماپتىمەن. ھەتتا سىزگە جاۋاب جەتمۇ يازماپتىمەن... بىر يىل ئۆتۈپ، مانا بۈگۈن يەنە ئۆزىڭىز كەلدىڭىز، چۈشلىرىمگە كىرىپ كەلدىڭىز، روھ-دىلىمغا سىڭىپ كەلدىڭىز.”
سىز كەتتىڭىز، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە بىر يىلنى، 365 كۈننى توشقۇزۇپ ئۆتتىڭىز. مانا بۈگۈن، نەق بىر يىل بولغاندا يەنە سىز ياد ئەتمىسىڭىز، مەن سېغىنىپ تۇرىمەن دېدىڭىزمۇ؟!...
شۇنداق، مەن مەست، مەستمەنۇ، ئەمما ھاياتمەن. ھاياتلىق نىشانىمغا شېھىتلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ كېتىپ بارىمەن. سىلەرنى ئىزدەيمەن، سىلەرنى قوغلايمەن. شۇنداق، ھامان بىر كۈنى سىلەرگە يېتىمەن. تۇرارىڭلارغا مەنمۇ بارىمەن... بىراق، مېنى تېزرەك بېرىشقا ئالدىراتماڭلار. سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلار بىزگە ئامانەت، ماڭا ئامانەت. ئامانەتكە خىيانەت-ئۇ بىر جىنايەت. شۇڭا ماڭا ۋاقىت بېرىڭلار، بىز سىلەرنى ئەبەدىي يادلايمىز، سىلەرمۇ پانىي ئۇچقۇسى بولغان چۈشلىرىمىز ئارقىلىق بىزنى يوقلاپ تۇرۇڭلار، چۈشلىرىمگە كىرىڭلار پات-پات، چۈشلىرىمگە كىرىڭ يېنىڭلاپ!
2008-يىل 12-نويابىر
مۇھەررىر: غېنى مۇھەممەد
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
بۇ سەھىپىدىكى ئالاھىدە تەۋسىيەلەر
ھاۋا ئاۋۋالقى ھەپتىنى ئەسلىتەتتى. ئىشىكنى قۇلۇپلاپ سىرتقا چىقتىم. نېرىراقتا خوشنىمىزنىڭ كىچىك قىزى...
تەرەققىيات بىلەن كونىلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنمەس مۇساپە ئىچىدە قەشقەر شەھىرى ئەللەيلىنىپ ياتقاندە...
مېنىڭچە، مۇھەررىرلىك ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولمىسا بولم...
«شېئىرغا بولغان قىزغىنلىقنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقى«غا كەلسەك، بۇ يېڭى مەسىلە ئەمەس. دۇنيا ئەدەبىيات ت...
------分隔线----------------------------