مەن «تارىم»دىن سۇ ئىچكەن كۆچەت
يوللانغان ۋاقتى:06-06-2011
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: admin
كۆرۈلۈشى: قېتىم
باھا: 0 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەدەبىي ژۇرناللار ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ نامى ئەڭ ئالدىدا
1
بۇندىن 28 يىل بۇرۇنقى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى.
- ساڭا خەت كەپتۇ،- دېدى ساۋاقدىشىم بىر كونۋېرتنى تەڭلەپ. ئۆيدىن ۋە ئەل-ئاغىنىلەردىن كۆپ بولسا ئايدا ئاران بىر قېتىم خەت كېلىدىغان شۇ زاماندا كونۋېرتنى قولۇمغا ئېلىپ قارىشىم بىلەن تەڭ يۈرىكىم تىپچەكلىدى. بۇ خەت «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن كەلگەن ئىدى! ئالدىراپ ئاچتىم. ئىچىدىن رەتلىك، چىرايلىق يېزىلغان بىر بەتلىك خەت چىقتى. خەتتە ئۆمەر ئىمىن ئىسىملىك بىر پېشقەدەم شائىرنىڭ بارلىقى، شۇڭا ئىككى ئۆمەر ئىمىننى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن مېنىڭ ئىسمىمنى ئۆزگەرتىشىم ھەققىدە تەكلىپ بېرىلگەن ئىدى...
كۆپ ئويلىشىپ ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ ئىسمى بىلەن دادامنىڭ ئىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چوڭ دادامنىڭ ئىسمىنى قوشتۇم-دە، جاۋاب خەت يېزىۋەتتىم. ئەمدى شېئىرىم چىقسىلا، ئۆمەر ئىمىندىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىنگە ئۆزگىرەتتىم.
«تارىم»دا ئەسىرىمنىڭ چىقىشىدىن ئالدىن بېرىلگەن بۇ بىشارەت كۆڭلۈمدە پىلىلداۋاتقان شېئىرىيەت ئۇچقۇنىنى باشقىچە لاۋۇلداتماقتا ئىدى. ئەتراپتىكى ساۋاقداشلىرىمغا گەرچە بۇ خەتنى تېخى كۆرسەتمىگەن بولساممۇ، لېكىن ماڭا ھەممەيلەن مېنى تەبرىكلەپ چاۋاك چېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتاتتى. «شېئىرىم قانچىنچى ساندا چىقار؟ نەچچە شېئىرىم چىقار؟...» ئاشۇنداق ئويلاردا ھەر كۈنى قىرائەتخانا بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىم بىلەن تەڭ، كۆزۈم پۇتۇمدىن بۇرۇن «تارىم» ژۇرنىلى تىزىلىدىغان ئورۇنغا بېرىپ بولاتتى. تەسەۋۋۇرۇمدا مېنىڭ ئىسمىم ئاستىدىكى نەزمىلىرىم ماڭا تاتلىق كۈلۈمسىرەيتتى... دېگەندەك «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1983- يىللىق 5-سانىدا «كۈلدى» ناملىق غەزىلىم بېسىلىپ چىقتى.
مانا بۇ شېئىرىيەت كوچىسىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان ئۆمەر مۇھەممەتئىمىننىڭ دەسلەپكە ھاياجىنى ئىدى!
شۇنىڭدىن باشلاپ «تارىم» ژۇرنىلى بىلەن بولغان ئالاقەم باشلاندى. شېئىرلىرىم بۇ ژۇرنالدا ئىزچىل ئېلان قىلىنىپ تۇردى. «قەبرىدىكى پالۋان»،«دىئاگنوز»... قاتارلىق مېنى جامائەتنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر قىلغان نۇرغۇن شېئىرلىرىم بۇ ژۇرنال ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقتى. «تارىم» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئاز بولمىغان شان-شەرەپلەرگىمۇ ئېرىشتىم: مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 1988- يىللىق 6– سانىدا بىر يۈرۈش شېئىرلىرىم بىلەن تونۇشتۇرۇلدۇم. 1990– يىلى «دالادا قار، قەلبىمدە باھار» ناملىق شېئىرىم تۇنجى «تارىم مۇكاپاتى»غا، 1991 – يىل «گىرىمسەن سىمالار» نامىلق شېئىرىم «ئالتۇن چاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 2007- يىلى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 555 سان نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە «تۆھپىكار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتىم... يۇقىرىقىلار مەن قاتارلىق نۇرغۇن شائىر، يازغۇچىلارنىڭ «تارىم» ئارقىلىق راۋاج تاپقانلىقنىڭ كىچىككىنە بىر مىسالى ئىدى، خالاس.
2
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەدەبىي ژۇرناللار ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ نامى ئەڭ ئالدىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى «تارىم» ژۇرنىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلىدا 1951- يىلى يورۇقلۇققا چىققان بىردىنبىر ئانا ژۇرنىلىمىزدۇر. «تارىم» ژۇرنىلى 60 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى تولۇق ۋە يېتەرلىك ئورۇنلاشقا تىرىشىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تۆھپىسى بەدىلىگە ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە ئۆزىگە خاس ئوبراز تىكلىدى.
«تارىم» ژورنىلى ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرى روياپقا چىققان مۇھىم كۆزنەك بولۇپ كەلدى. تالايلىغان پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش قەلەمكەشلەر مۇشۇ ژۇرنالدا نامايەندە خاراكتىرلىق ئەسەرلىرىنى ئۆز خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى تىكلىدى، دەل مۇشۇ سەھنىدە ئۆزىنىڭ ئەبەدىيلىك نامىنى تۇرغۇزدى.
تالايلىغان ھەۋەسكارلار مۇشۇ ژۇرنالدا پىشىپ يېتىلدى، ئۆزىنى بايقىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈش، ئۇيغۇر يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىغا يېڭى قان بولۇپ قوشۇلۇش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتتى. ھەممەيلەنگە مەلۇم، بىر پىشقان يازغۇچىنىڭ ئەسەر يېزىشقا كىرىشىشى ئۇنىڭ ھەۋەسكارلىق چېغىدىن باشلىنىدۇ، ھەۋەسكارلىق باسقۇچىدا مۇھەررىرلەرنىڭ ئۇلارنى بايقىشى ۋە ئىلھامى تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرەر ئېغىز سۆزىنىڭ ئورامى بىرەر ھەۋەسكارنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۇ يان-بۇ يان بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولالايدۇ. بۇ ھەقتە بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەسلىمىلىرى بار، دەپ ئويلايمەن.
«تارىم» ژورنىلى يېڭى ئەسىر كىرگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى بىردىنبىر ئايلىق ژۇرنال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ شانلىق مۇساپىلەرنىڭ كەينىدە تاماسىز تۇرۇۋاتقان مۇھەررىرلەر ئەلبەتتە بۇ شەرەپلەردىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق. چۈنكى ئۇلارنىڭ مىننەتسىز قان-تەرى «تارىم»نىڭ ئۆتمۈشىنى يازغان، بۈگۈنىنى ياراتقان، ئەتىسىگە يول ئاچقان.
مانا بىز بۈگۈن «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئەتلەر ۋە ئاپتورلار سۆھبەتلەر يىغىنىغا قاتنىشىۋاتىمىز. ئىقتىسات مەسىلىسى نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان شارائىتتا، مۇشۇنداق كاتتا يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن تولىمۇ خاسىيەتلىك بىر ئىش. چۈنكى ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىن قەرەللىك ھالدا مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاپ مۇكاپاتلاش ـــ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتورلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ جامائەت ئالدىدا ئېتىراپقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ بۇنداق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشى «تارىم» ئەتراپىدىكى ئاپتورلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى شائىر، يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا يەنىمۇ زور ئىلھام بېغىشلايدۇ. ئەدەبىياتىمىزنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك شوتا ھازىرلاپ بېرىدۇ. نۆۋەتتىكى نىسبىي تۇرغۇن ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئەدەبىي پائالىيەتلىرىمىزگە خېمىرتۇرۇچ بېرىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق شائىر، يازغۇچىلارغا ئورتاق بولغان ھېسسىياتىم بىلەن «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىراتىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شۇنداقلا «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ رايونىمىزدىكى بىردىنبىر ئانا ژۇرنال بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى باش بولۇپ ئاكتىپ تەشكىللەپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مېھرىبان باغۋەن بولۇش، شۇنداقلا ئەدىبلەرنىڭ كۈچلۈك مەدەتكارى بولۇشتەك شەرەپلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىپ، سۆزۈمنى تۆۋەندىكى نەزمە بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
مەن «تارىم»دىن سۇ ئىچكەن كۆچەت،
«كروران»دا يىلتىزىم بۈگۈن.
بىز «تارىم»غا ئەبەدىي ئۈلپەت،
ئۈزۈلمەيدۇ كۈيىمىز كۈن-تۈن.
2011 – يىل 4- ئاي.
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
بۇ سەھىپىدىكى ئالاھىدە تەۋسىيەلەر
«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى 2007-يىلى 5-ئايدا 555سان نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كاتتا تەبرىكلەش...
شائىر ۋە لۇغەتشۇناس غەنىزات غەيۇرانى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسىگە...
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە رۇبائىي مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. مەن ھەۋەسكارلار توغرىسىدا بىر...
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەدەبىي ژۇرناللار ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا، «تا...
------分隔线----------------------------