(سۆھبەت خاتىرىسى)
سۆھبەتلەشكۈچىلەر: مۇھەممەد چاۋار، ئەزىزجان خۇدابەردى
سوئال: ھۆرمەتلىك مۇھەممەد چاۋار ئاكا، ئالدى بىلەن بالىلىق - ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭىزدىكى كەچۈرمىشلىرىڭىز ۋە ئارزۇ - ھەۋەسلىرىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز.
جاۋاب: مەن 1949 - يىلى 2 - ئايدا قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، پايانسىز تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقىغا تۇتاشقان مۇنبەت تۇپراق −− گۇما ناھىيەسىنىڭ ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر ئېتنىك مەدەنىيىتىنىڭ قويۇق پۇرىقىغا ئىگە ئارىياد كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنىكەنمەن. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئانام مېنى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئارزۇسىدا نەچچە ئايلاپ قاراڭغۇ ئۆيگە بەند قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قايتا - قايتا خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، ئانامنىڭ چوڭ ئاكىسى، ئۆز ۋاقتىدىكى يۇرتىمىزنىڭ چوڭ مۇدەررىسى ئاخىر مېنى ئۆزى مەكتەپكە بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ يېڭى زامان مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدىم. دادام توققۇز يېشىمدا ئالەمدىن ئۆتۈپ، مەن ئاساسەن ئانامنىڭ ھامىيلىقىدا چوڭ بولدۇم. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىم خوتەن بىلەن قەشقەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتتى. ئەدەبىياتقا قىزىقىشىم قەشقەردە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا پەيدا بولدى. ئەدەبىياتقا قىزىقىش جەريانىدا ئاستا - ئاستا دۇنيانى، ھاياتنى چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئۇ چاغدا مەن قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ مال دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇيتتۇم، مەكتەپ خېلى بالدۇر قۇرۇلغىنىغا لايىق، ئۇنىڭ كۇتۇپخانىسىدا كىتابلار ھەقىقەتەن مول ئىدى. مەن كۈنلىرىمنى ئاساسەن كىتاب ئوقۇپ ئۆتكۈزەتتىم، مەن بۇنى ھاياتىمدىكى بىر بەخت دەپ ھېسابلايمەن.
سوئال: سىز يېزىقچىلىقنى قاچان باشلىغان؟ دەسلەپكى ئەمگەك مېۋىڭىز قايسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان؟
جاۋاب: يېزىقچىلىققا قىزىقىپ قېلىش تامامەن ئىچكى تۇيغۇنىڭ تاسادىپىي ئۆزگىرىش ياسىشىدىن بولسا كېرەك. مەن دىنىي ئائىلىدە چوڭ بولدۇم. ھېچكىم ماڭا يازغۇچىلىقنىڭ سىر - ھېكمەتلىرىنى ئۆگەتكەن ئەمەس. ئاتا - ئانام مىليونلىغان يېزا كىشىلىرىگە ئوخشاشلا قارا ساۋات ئىدى. مېنىڭ ئەدەبىياتقا قىزىقىپ قېلىشىم پۈتۈنلەي بەڭباش ياشلىقنىڭ ئاساۋلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
مەن يېزىقچىلىققا ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا كىرىشكەن، ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىپ ئۇستازسىز شارائىتتا توققۇز يىلدىن ئارتۇقراق مەشىق قىلغانمەن. 1973 - يىلى تۇنجى شېئىرىم «ئورما قوشىقى»، «خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئەمەلىي پايدىسىدىن جاپاسى كۆپ بولغان بۇ سەۋدالىق يولىغا بېشىمنى ئۇچلىغىنىمچە كىرىپ كەتتىم. ئۇ ماڭا خۇشاللىقمۇ، تۈگىمەس غەم - قايغۇمۇ ئېلىپ كەلدى. بىراق ھازىرغىچە تۇتقان يولۇمدىن زادىلا ئۆكۈنۈپ باققىنىم يوق.
سوئال: «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «چېچەك بولۇپ تۇغۇلدى سەھرا» ناملىق لىرىكىڭىز مېنى ئۇزاققىچە ھاياجانغا سالغانىدى. شېئىردا پاساھەتلىك تىل، يارقىن ئوبراز ۋە لىرىكىلىق تەسۋىرلەر ئارقىلىق سەھرانىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ناھايىتى جانلىق سىزىپ چىقىپتىكەنسىز. بۇ شېئىر قانداق ھېس - تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلغان؟
جاۋاب: بۇ شېئىرنى ھېچقانچە زورۇقمايلا يازغانمەن. ئادىتىم بويىچە شېئىر يېزىشقا ئۆتكەن چېغىمدا شېئىر شەكلى بىلەن شېئىر مەزمۇنىنى بەك ئويلاپ ئولتۇرمايمەن. ئالدى بىلەن سەرگۈزەشتلىرىمنى ئەسلەيمەن. خىيالغا چۆكۈپ تەسەۋۋۇر قىلىمەن، بەدىئىي قىممەتكە ئىگە كۆرۈنۈش ئىزدەيمەن. شۇنداق مەنزىرە ئۇچرىدىمۇ شۇ ھامان قەلەمگە ئالىمەن. مەن شېئىرنى ئىتتىكرەك يازىمەن، يېزىۋېتىپ تۈزىتىپ بارىمەن. تاللىغان تۇرمۇش كارتىنسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق سۈرەتلەپ چىقىمەن. شېئىرىي سۆزلەرگە قاراپ ھېس قىلغىلى بولمىسا، تەسەۋۋۇر ئارقىلىق شۇ مەنزىرىگە ئۆتكىلى بولمىسا، كىتابخان شېئىرغا ئەگىشىپ شائىر تەسەۋۋۇر قىلغان تۇرمۇش مەنزىرىسىنى ئەينەن ھېس قىلالمىسا، بۇنداق شېئىرىي مىسرالارنى مۇۋەپپەقىيەتسىز سانايمەن. ئېيتايلۇق، مەن مۇشۇ شېئىرنى يېزىۋاتقىنىمدا، تەسۋىرلەرنى توغرا، روشەن، دەل ئىپادىلەش زۆرۈرىيىتى بىلەن تەبىئەت ھادىسىسىنى «كۆك يۈزىدە سىرغىن ئاق بۇلۇت« دېگەن مىسرالاردا يازدىم. مەلۇمكى، «سىرغىن» دېگەن سۆز ھېچقانداق بىر يازما خاتىرىدە شەرھلەنمىگەن، لۇغەتلەردە قەيت قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇ جايدا مۇشۇنداق ئىپادىلىنىشى گىرامماتىكىلىق، لوگىكىلىق ۋە ئېستېتىكىلىق تەلەپلەرگە تامامەن ئۇيغۇن دەپ قارىدىم. چۈنكى مەن شېئىرنىڭ لوگىكىلىق بايان ئەمەس، بەلكى ئېستېتىكىلىق ئىجادىيەت جەريانى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن.
سوئال: سىز تەبىئەت تەسۋىرلەنگەن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازدىڭىز. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
جاۋاب: مېنىڭ 20 يىلدىن ئارتۇق ھاياتىم كەڭ تەبىئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چارۋىچىلىق خىزمىتىنى باشقۇرۇۋاتقىنىمدا بىر يىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بىپايان تاغ - دالادا يۈردۈم. دەرۋەقە بۇ بىر تەقدىر. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش كويىدا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئاشۇ تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى ۋاراقلاپ كۆردۈم. مەن ئۆز ئىجادىيىتىمگە مۇۋاپىق چىقىش يولى ئىزدەش ئۈمىدىدە چۆل - جەزىرە، تاغ - يايلاق، قۇملۇق - باياۋانغا كەتتىم، مەن بۇ تەبىئەتنى بىر قەدەر ياخشى بىلىمەن.
سوئال: سىز شېئىرلىرىڭىزدا لىرىكا، تۇرمۇش، تەبىئەت، تارىخ قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ يازىدىكەنسىز. بۇنداق يېزىش سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزمۇ؟ ئۇسلۇب مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ سىز شېئىر يازغاندا نېمىلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىسىز؟
جاۋاب: ئەدەبىياتتا ئۇسلۇب بەكمۇ مۇرەككەپ مەسىلىدۇر. بۇ مەسىلىگە تارىخ ئۆزى جاۋاب بەرسۇن!
بۇ يەردە مەن كۆپ سۆزلەشتىن زېھنىمنى قاچۇرىمەن.
مەن شېئىر يازغاندا ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇقتا −− شېئىرىي مۇھىت، ھەرىكەتلىك مەنزىرە، شېئىرىي ئوبراز، جانلاندۇرۇش، ئېستېتىك ھېسسىيات. مەن ئېستېتىكىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە ئىشىنىمەن.
سوئال: مۇھەممەد چاۋار ئاكا، سىزنىڭ شېئىرغا بولغان چۈشەنچىڭىز ۋە شېئىرغا قويىدىغان تەلىپىڭىز قانداق؟ مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەمسىز؟
جاۋاب: مېنىڭچە شېئىر ئىنسان بىلەن تەڭ دۇنياغا كەلگەن. ئىنساننىڭ ھېس - تۇيغۇسى، تەسەۋۋۇرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ شېئىرمۇ ئۈزۈكسىز راۋاجلاندى. ئىنسان ئەقلىيلىككە ۋە ھېسسىيلىققا ئىگە ھاياتتىكى (ئەلۋەتتە ئۇ ھېس قىلغان تەبىئەتمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئۆزى ھېس قىلغان نەرسىلەردىن ھاياجانلىنىدۇ، چۈشەنگەن نەرسىلەردىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس - تۇيغۇسىنى تىل بىلەن ئىپادىلىسە، ئۇ ھالدا بۇ شېئىر بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ھۆكۈم چىقارسا، ئەقلىيلىك كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ ئۇقۇم بولىدۇ. ھېسسىيلىق بىلەن ئەقلىيلىكنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن تا بۈگۈنگىچە ئەدەبىياتتىكى ئوبرازغا بېرىلگەن تەبىر ئېنىقلىق بىلەن ئېنىقسىزلىق ئوتتۇرىسىدا تەمتىرەپ يۈرۈۋاتىدۇ. مەن شېئىرنى بەدىئىي شەكىلگە كىرگەن ئىنسان روھىنىڭ جۇلالىسى دەپ قارايمەن. ئەگەر سىزدىكى مۇئەييەن ھېس - تۇيغۇ بەدىئىي ئىپادىلەش شارائىتىدا ئوبرازلاشماي قالسا، ئۇ ھالدا سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ يۇغۇرۇشى بىلەن ھۆكۈمگە ئايلىنىدۇ - دە، ئۇنىڭدىكى شېئىرىي تۈس سۇسلىشىدۇ. شۇڭا شېئىرىيەتنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىش قانۇنىيىتى شائىرلارنىڭ ئۆز ھېس - تۇيغۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەقلىي ھۆكۈمنىڭ قايمۇقتۇرۇشىدىن خالىي بولۇشنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ئەمدى شېئىرغا قويىدىغان تەلەپكە كەلسەك، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئېھتىياج - تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شېئىرىيەتتىمۇ شۇنداق، مەن ھاياتنى سۆيىمەن، تەبىئەتكە قىزىقىمەن. مېنىڭ شېئىرغا قويغان تەلەپلىرىممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئادەتتە مەن مۇكەممەللىكنى قوغلىشىمەن، شۇ ۋەجىدىن شېئىرىيەتكە قويىدىغان تەلىپىممۇ ئۆزگىچىرەك. ئېيتماقچىمەنكى، شېئىر گۈزەل نەرسە، ئۇنىڭدىكى ھېسسىيات بىلەن تەسەۋۋۇرمۇ گۈزەل بولۇشى كېرەك. پەرىزاتنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى نەپىس بولغىنىدەك، شېئىرىي ئوبرازنى ياساندۇرىدىغان ئېستېتىكىلىق ۋاسىتىلەرمۇ گۈزەل بولۇشى كېرەك. بىر پارچە شېئىردېىكى ھېسسىيات تەسەۋۋۇر ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولمىسا، شائىرنىڭ خاسلىقى نامايان بولمايدۇ. تىل، جۈملىدىن ئوخشىتىش، مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر خاسلىققا ۋە جانلىقلىققا ئىگە بولمىسا، ئۇ ھالدا شېئىرىي ئوبراز نۇرلانمايدۇ. بۇنداق شېئىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتالمايدۇ، شۇنداقلا ئۆز مەنىسىدىكى شېئىر بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا شېئىر بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ ئېستېتىك قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ھەقىقىي ئېستېتىك مۇھىتتا ۋۇجۇدقا كېلىشى كېرەك.
سوئال: ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 2 - سانىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، يېقىندىن بۇيان يېزىلغان شېئىرلىرىڭىزغا يۇقىرى باھا بەردى. سىز خەتنى ئوقۇپ قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى شېئىرلىرىڭىزغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىمدىن سۆيۈندۈم. دۇنيادا ماختاشتىن ھۇزۇرلانمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. شېئىرلىرىمغا باھا بېرىشنى خالىمايمەن، چۈنكى تونۇردا پىشقان ناننى ناۋاي ئەمەس، خېرىدار ماختىسۇن!
سوئال: 1980 - يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بىر مەزگىل غۇلغۇلا پەيدا قىلغان «گۇڭگا شېئىر ھادىسىسى»گە قارىشىڭىز قانداق؟
جاۋاب: بۇ يېڭى تېما ئەمەس، شېئىرنىڭ خاسلىقىغا تەۋە مەسىلە. بۇ توغرىسىدا 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا بەس - مۇنازىرىلەر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مەملىكەت بويىچە بىر مەزگىل ئەۋجىگە چىققان «گۇڭگا شېئىرلار» ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرمۇ سوۋۇپ قالدى. ئەدەبىياتىمىزدىمۇ بۇ خىل بەس - مۇنازىرىلەر بىر پەس ئەۋج ئېلىپ، يەنە ناھايىتى تېزلا پەسكويغا چۈشتى. شېئىرنىڭ خۇسۇسىيىتى خۇددى ساھىبجامالنىڭ خۇلقىغا ئوخشاش ئىنتايىن مۇرەككەپ، شۇڭا ئۇ ئاسانلا تۈگىمەس - پۈتمەس دە - تالاشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شېئىرنىڭ ئۆزىدىن قارىغاندا، گۇڭگالىق ئۇنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى. شېئىر ئېنىقسىزلىق بىلەن ئېنىقلىق، چەكلىك بىلەن چەكسىزلىك، روشەنلىك بىلەن غۇۋالىقنىڭ بىرلىكى. ئەگەر بىر پارچە شېئىردا شائىر دېمەكچى بولغانلىرىنى قالدۇرماي دەۋېلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئۆز مەقسەت - مۇددىئاسىنى ئىمكانىيەت قالدۇرمايلا تاپشۇرسا، ئۇ ھالدا بۇ شېئىردا ھېچقانداق تەسەۋۋۇر مۇھىتى، ئۈچىنچى تەبىئەت تۇيغۇسى بولمايدۇ. گۇڭگالىق شېئىرنىڭ بىر خىل خۇسۇسىيىتى ئىكەن، ئۇنداقتا شېئىرغا «گۇڭگا شېئىر» دەپ نام بېرىشمۇ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. شۇنىمۇ قەيت قىلىش كېرەككى، شېئىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئامىللىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئامىللارنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ، سۆز ئويۇنى قىلىشمۇ ھەرگىز شائىرلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس.
سوئال: سىز پىروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندىڭىز. مەن سىزنىڭ «مەشئۇملۇق» ناملىق پوۋېستىڭىزنى ياقتۇرىمەن. مەركۇز پوۋېستنىڭ دۇنياغا كېلىش جەريانىنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
جاۋاب: بۇ پوۋېست 1975 - يىلى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر ئىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇ چاغدا مەن گۇما ناھىيەسىنىڭ بىر يېزا خىزمەت ئەترىتىنىڭ كاتىپى بولۇپ، زاڭگۇي يېزىسىدا ئىشلەۋاتاتتىم. بىر دوستۇم مەن بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇ خىزمەت ئەترىتىگە تىلماچلىق قىلاتتى. بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇ بىر يېڭى خاتىرىنى ئالدىمغا قويۇپ «ئەسلىمە يېزىپ بېرىڭلار» دېدى. مەن شۇ ھامان خاتىرىگە بىر كۇپلېت شېئىر يېزىپ بەردىم. ئۇ شېئىرنىمۇ كۆرمەيلا خاتىرىنىڭ باش ۋارىقىنى يىرتىپ تاشلىۋېتىپ «مەن سىلىدىن مۇنداق نەرسە كۈتكەن ئەمەس. مۇشۇ خاتىرىنى توشقۇزمىساڭلار بولمايدۇ» دېدى، شۇنىڭ بىلەن خاتىرە توشقۇزۇشقا مەجبۇر بولدۇم. كەچتە خاتىرىگە «مەشئۇملۇق» دېگەن ماۋزۇنى يازدىم، ئەتىسى كەچتىن باشلاپ پوۋېستنى يېزىشقا تۇتۇندۇم. ھەر كۈنى كەچلىكى مەن يازىمەن، دوستۇم يازغانلىرىمنى ئاققا ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ 23 ئاخشامدا يېزىپ تۈگەتتىم. ئەتىسى ئۇ خاتىرىنى ئېلىپ قاغىلىققا كەتتى. ئۇنىڭ قاغىلىقتىكى دوستلىرىنىڭ تولىسى ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئەدەبىيات مۇخلىسلىرىدىن ھېسابلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر قولدىن - قولغا كۆچۈرۈلۈپ پۈتۈن شىنجاڭغا تاراپ كەتتى. ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. ئەسلىدە ئۇنى ئېلان قىلىش نىيىتىدىمۇ يازمىغانىدىم. بۇ پەقەت شۇ چاغدىكى كىتاب قەھەتچىلىكىگە بەرگەن جاۋابىملا ئىدى. «مەشئۇملۇق» مېنىڭ تۇنجى ھېكايەم، شۇنداقلا سۆيۈملۈك ئەسىرىم. بۇ يەردە مەن ئاشۇ دوستۇمغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
سوئال: بۇرۇن ناھايىتى ياخشى شېئىرلارنى يازغان بىر قىسىم شائىرلار ھازىر پىروزىغا ئۆتۈپ كەتتى ياكى باشقا كەسىپنى تاللىدى. بۇنداق بولۇشنى شېئىرغا بولغان قىزغىنلىقنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىدىن دەپ قارامسىز؟ سىز بۇرۇن «مەشئۇملۇق»، «شاھسەنەمنىڭ ئاشىقى»، «نەسىللىك بۇقا» قاتارلىق پوۋېست، ھېكايىلەرنى يازغان. سىزنىڭمۇ ئاشۇ شائىرلاردەك پىروزىغا ئۆتۈپ كېتىش ئويىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش پۈتۈنلەي شائىرنىڭ ئىختىيارىدا. ئۇنى «ئۆتۈپ كەتتى» دېسەك ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. كىمنىڭ قايسى ساھەدە شەرتى ھازىرلانسا، شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ، شەرتى ھازىرلانمىسا چېكىنىپ چىققىنىمۇ تۈزۈك.
«شېئىرغا بولغان قىزغىنلىقنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقى«غا كەلسەك، بۇ يېڭى مەسىلە ئەمەس. دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىن ئېيتقاندا، شېئىرنىڭ جانلانغان ۋاقتىمۇ، سۇسلاشقان ۋاقتىمۇ بولۇپ ئۆتكەن. رۇسىيە ئەدەبىياتى پۇشكىن دەۋرىدە ئالتۇن دەۋرگە كىرگەن بولسا، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۈمۈش دەۋرىگە كىرگەن (پۇشكىن دەۋرىگە بولغان ھۆرمەت ۋەجىدىن، كېيىنكى گۈللەنگەن دەۋر كۈمۈش دەۋر دەپ ئاتالغان). ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ قاراخانىيلار دەۋرىدەك ۋە سەئىدىيە دەۋرىدەك ھەتتا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدەك مەزگىللەرمۇ بولغان. دۇنيادا مۇتلەق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى گەرچە مىسلىسىز گۈللەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇنمۇ، تۆمۈر - تەسەكمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت. ھەقىقىي مەنىدىكى شېئىر ھەرگىز ئىچ پۇشۇقنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. ئۇ قايناق ھاياتتىكى ئوت يۈرەك شائىرنىڭ شادلىقى، قايغۇسىنىڭ نامايەندىسى. ئۇ ھەرگىزمۇ شادلانمىغان ۋە ھەسرەتلەنمىگەن ئادەمنىڭ نىداسى ئەمەس. ئۆزىدە شۇنداق تۇيغۇ ۋە چۈشەنچە بولمىغان ئادەم چىن مەنىدىكى شېئىرلارنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ. ماركس: «مۇزىكا پەقەت ئېستېتىك قۇلاققا ئىگە ئادەمدىلا ھاياجان قوزغىيالايدۇ» دېگەنىدى. شېئىرنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ. ئۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن تەڭ ياشايدۇ. شۇڭا، مىللەتنىڭ ئېتنىك مەدەنىيىتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن شېئىرمۇ مەۋجۇت. پەقەت شېئىرغا قارىتا ھەقىقىي كۆڭۈلدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقىي ھېسسىيات بولسىلا.
سوئال: ئاڭلىسام سىزنىڭ «ئاشىقمەن» ناملىق شېئىرىڭىز ئەل ئارىسىدا خەلق ناخشىسى بولۇپ ئېيتىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەمسىز؟
جاۋاب: مەن ئاچچىق يىللاردا يېزىلغان ئاشۇ ئەمگىكىم بىلەن پەخىرلىنىمەن. ئۇ چاغدا مەن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاساقمارال يېزىسىدا قايتا تەربىيەدە بولۇپ، ھەر كۈنى ئېغىر ئەمگەكتىن قايتىپ كەچتە جىنچىراغ ئالدىدا يا كىتاب ئوقۇيتتىم، يا شېئىر يازاتتىم. تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي، يازغانلىرىممۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى. شۇ قاتاردا يېڭىلا پۈتكەن «ئاشىقمەن» ناملىق شېئىرىمغا شۇ ناھىيەدە تەربىيە قوبۇل قىلىۋاتقان ياش، تالانتلىق كومپوزىتور نۇرمۇھەممەد ئاھاڭ ئىشلىگەندىن كېيىن، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى پۈتۈن ناھىيەگە تارقىتىۋەتتى. ئۇزاققا قالماي بۇ ناخشا شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە تارالدى. ھازىر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بۇ ناخشىنى خەلق ناخشىسى نامىدا ئاڭلىتىۋاتىدۇ.
سوئال: سىز «گۈل ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى»، «شېئىر توغرىسىدا»، «ئېستېتىك جەلپكارلىق −− ھېكايە ئىجادىيىتىنىڭ تۈپ تەلىپى» قاتارلىق ئوبزورلارنى يازدىڭىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوبزور يېزىش خىيالىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: مەن 1983 - يىلى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىگە ئىككى يىللىق ئوقۇشقا باردىم. ئوقۇش داۋامىدا دەرسلىكلەر كۆپ، تەلەپ قاتتىق بولغاچقا، ئەدەبىيات ھەققىدە ئاساسەن ھېچنېمە كۆرەلمىدىم دېسەم بولىدۇ. قايتىپ كېلىپ ئەدەبىي ژۇرناللارغا قارىسام، نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى چۈشەنمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىشىمنى يەنە قايتىدىن باشلىدىم. 15 يىلدىن ئارتۇق ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىمدا نۇقتىلىق ئېستېتىكا نەزەرىيەسىنى ئۆگەندىم. نەزەرىيە ئاساسىمنى پۇختىلاش مەقسىتىدە بەزى ماقالە - ئوبزورلارنىمۇ يازدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشقا كەلسەك داۋاملىق يازماقچىمەن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سوئال: ئاڭلىسام، سىز خەنزۇ تىلىدا ئۇيغۇر ھاياتىغا دائىر 5 مىليون خەتلىك ماتېرىيالنى رەتلەپ چىقىپسىز. شۇنىڭغا قارىغاندا چوڭراق ھەجىمدە بىر نەرسە يېزىش پىلانىڭىز بارمۇ - قانداق؟
جاۋاب: بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىجازىتى بىلەن تور بېتى ئاچقانىدىم. تور ئېھتىياجى بىلەن نۇرغۇن ماتېرىياللارنى يازدىم، تۈزدۈم. باشقىچە بىر نەرسە يېزىشنى تېخى پىلانلاپ كۆرمىدىم. يېقىندا پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئېستېتىكا جەۋھەرلىرى» ناملىق كىتابىمنىلا تەييارلاپ چىقتىم، گېزى كەلگەندە نەشر قىلىش ئىمكانىيىتى بولسىلا ئۇرۇنۇپ كۆرمەكچىمەن.
سوئال: سىز ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، يورۇقلۇققا چىقىرىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرىغا، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى ئىسمائىل ھاجىنىڭ مەقبەرىسىنى تۇرغۇزۇشقا يۈرەك قېنىڭىزنى سەرپ قىلدىڭىز. مۇشۇ سەمەرىلىك ئىشلىرىڭىز بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىققان بولساق بوپتىكەن.
جاۋاب: مەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن مارالبېشى ناھىيەسىدە قايتا تەربىيە قوبۇل قىلىۋاتقان چېغىمدا تونۇشۇشقا باشلىغانىدىم. ئانا يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشكە كىرىشتىم. 1978 - يىلى يېزا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەركىبىدە ئىسمائىل ھاجىنىڭ يۇرتى ئىسمىسلاھ كەنتىگە بىر يىللىق خىزمەتكە چۈشتۈم. شۇ كەنتنىڭ بوغالتىرى ماڭا تۇنجى بولۇپ شائىر ئىسمائىل ھاجى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى. مەن زور ھاياجان ئىچىدە، بوغالتىرنىڭ ياردىمى بىلەن كەنتنىڭ قاراڭغۇ ئىسكىلاتىدا 30 يىلغا يېقىن كونا ساندۇقتا چاڭ - توزانغا كۆمۈلۈپ ياتقان بۇ قىممەتلىك خەزىنىگە ئېرىشتىم. يەتتە - سەككىز ئادەمنىڭ ياردىمىدە ئۇنى يېرىم كۈنگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە رەتلەپ چىقتىم. كەچتە ياتىقىمدا كۆرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇنىڭ يوقىلىپ كەتكەن يەنە باشقا قىسىملىرىنى ئىزدەشكە كىرىشتىم. كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق خېلى زور بىر قىسىم ئەسەرلەرنى قۇتقۇزۇۋېلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم، مەن بۇ شېئىر ئارگىناللىرىنى كۆرۈۋېتىپ، ئىسمائىل ھاجى ئۆز زامانىسىدىكى قەغەز ئازلىق قىلغان شائىر دېگەن تونۇشقا كەلدىم.
ئۇنىڭ قول يازمىلىرى ئىچىدىن ھەرقانداق قەغەز نۇسخىلىرىنى تېپىشقا بولاتتى. شۇ يىلى كۈزدە ئۇنىڭ سەككىز شېئىرىنى رەتلەپ «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدىم. كېيىن «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، تالانتلىق شائىر قۇربان بارات ئۇنىڭ بەدىئىي تارىخىي قىممىتىنى بايقاپ «بۇلاق» ژۇرنىلىغا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا يېڭى بىر يۇلتۇز ئىسمائىل ھاجىدىن ئىبارەت شائىر چاقناشقا باشلىدى. ئىسمائىل ھاجىنىڭ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئىچىدە بىر مەزگىل داۋاملاشقان ئىسمائىل ھاجى قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرى خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن رەتلەنگەندىن كېيىن، نەشرىياتقا تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، كېتەرلىك راسخوتنىڭ ھەل قىلىنمىغانلىقى ۋەجىدىن بۈگۈنگىچە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى. مەن ئىسمائىل ھاجىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق دىيارىمىزدا ھازىرغىچە تېخى قېزىلمىغان نۇرغۇن شائىر، يازغۇچى، تەرجىمان ۋە تارىخشۇناسلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چوڭقۇر ئىشەندىم. كىلاسسىك ئەدەبىيات ھەقىقەتەن تۈگىمەس - پۈتمەس بىر بۇلاقتۇر. مەن بۇ جەھەتتە ئاز - تولا ئىرادە ۋە ئىستېداتقا ئىگە كىشىلەرنىڭ ھارماي - تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىسمائىل ھاجىنىڭ مەقبەرىسى مەن مەدەنىيەت باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا تىكلەندى. ئەلۋەتتە، مەن ئۇنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبكارى ھېسابلانساممۇ، لېكىن ئۇ كۆپچىلىكنىڭ جاسارىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. خوتەندە بۇنىڭغا ئوخشاش مەقبەرە تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك تارىخىي شەخسلەر كۆپلەپ تۇرۇپتۇ، پۇرسەت بولسىلا بۇ خىل ئارزۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا ئىشىنىمەن.
سوئال: سىز جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئېسىل ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇتۇش جەھەتلەردە خاسىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز. بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىڭىز قانداق؟ ئەدەبىياتىمىزنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟
جاۋاب: مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان. خەنزۇ تىلىنى خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، بولۇپمۇ تېخنىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چاغلىرىمدا ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئۆگىنىشكە كىرىشكەنىدىم. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان توختاۋسىز ئۆگىنىۋاتىمەن. تىل ئۆگىنىشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ۋە جاپالىق ئىكەنلىكىنى ماڭا ئوخشاش تىل جەھەتتە سىستېمىلىق تەربىيە پۇرسىتىگە ئېرىشمىگەن ئادەملەر ياخشى بىلسە كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا خەنزۇ تىلى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشتۇم، كېيىن تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سەپداشلىرىم بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ راستتىنلا شۇنچىلىك قىيىنمىدۇر؟ مەن ئۇرۇنۇپ كۆرمەكچى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپادا ئۆتكەن مەشھۇر شائىرلارنىڭ خەنزۇچە شېئىر توپلاملىرىنى، خەنزۇ شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلارنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتىم. بۇنىڭغا ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ ئالتە ئايدەك ۋاقىت سەرپ قىلدىم. ئاخىر شېئىرنىڭ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قانۇنىيەتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە 100 دىن ئارتۇق شائىرنىڭ 300 پارچىگە يېقىن شېئىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. تەرجىمىلىرىمدىن بىر قىسمى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يەنە كۆپ قىسمى بولسا ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتىدۇ. ئەدەبىياتىمىزنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى يېزىش، تېخىمۇ كۆپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
سوئال: ئاڭلىسام، جۇڭگو تېبابەتچىلىكىدىن خېلى ئوبدانلا خەۋىرىڭىز بار ئىكەن. تېبابەتچىلىكنى قاچان ئۆگەنگەن؟
جاۋاب: مەن مال دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. 1993 - يىلى خىزمىتىمدە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش بولۇپ، مەدەنىيەت ساھەسىگە يۆتكەلدىم. ئەسلىدىكىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان يېڭى مۇھىت ئالدىدا ئويلىنىپ قالدىم. مال دوختۇرلۇق مۇرەككەپ بىر پەن. ئۇنى ئۆگەنمەكمۇ ئانچە ئاسان ئەمەس، يېڭى خىزمەت مۇھىتىمدا بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، مال دوختۇرلۇق ھەققىدىكى ساۋاتلىرىمنى ئۇنتۇپ كېتىشىمدە گەپ يوق ئىدى. شۇڭا ساۋاتىمنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن تېبابەتچىلىكنى ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ خەنزۇچە ئاساسىمغا ئىشەنگەنلىكىمدىن جۇڭگوچە تېبابەتنى تاللىدىم. ئالتە يىلغا يېقىن ئىشتىن سىرتقى ئۆگىنىش ئارقىلىق دورا ياساش، كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاشنىڭ دائىملىق ساۋاتىنى ئىگىلىۋالدىم. ياسىغان دورىلىرىم خىسلىتىنى كۆرسەتتىمۇ، بەزى بىمارلار ھەقىقەتەن كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلغانلىقى توغرىسىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىشىۋاتىدۇ. لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەن تېبابەتتە گۇۋاھنامىگە ئېرىشمىگەن، تولۇق سالاھىيەت ھازىرلىمىغان ئادەم، ئەلۋەتتە ئاشكارا كېسەل داۋالاش سالاھىيىتىگىمۇ ئىگە ئەمەس.
سوئال: مۇھەممەد چاۋار ئاكا، يېقىندىن بۇيان بىر - بىرىدىن ئېسىل ئەسەرلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم ئەتتىڭىز. بۇنداق كۆپ يېزىشىڭىز ئارامغا چىققانلىقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق. مەن بىر ئۆمۈر باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ تۈزۈكرەك بىر نەرسىمۇ يازالمىدىم. ئۆمۈر دېگەن چەكلىك. 56 يېشىمدا تەلەپ بىلەن خىزمىتىمدىن چېكىندىم. ئاساسلىق سەۋەب، يېزىقچىلىق قىلىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. ئارامغا چىققاندىن كېيىن، ياخشى ئىجادىيەت شارائىتىغا ئېرىشكەن بولساممۇ، يېقىندىن بۇيان يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى سەل ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ. مەن نۇرغۇن تۇرمۇش دېتاللىرىغا ئىگىمەن. تېما يوق دەپ ۋايساپ يۈرمەيمەن، سالامەتلىكىم يار بەرسىلا يازىمەن، يازمىسام ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزىمەن.
سوئال: ھازىرغىچە يېزىلغان، تەرجىمە قىلغان ۋە مۇكاپاتلانغان ئەسەرلىرىڭىزدىن، بۇنىڭدىن كېيىنكى يېزىقچىلىق ئىشلىرىڭىزدىن ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەمسىز؟
جاۋاب: ئەسەرلىرىمنى ئىستاتىستىكا قىلىپ كۆرمەپتىمەن. مەن خەنزۇچە كىتاب چىقىرىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمەن. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى»، «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى»، «ئېستىتېكا جەۋھەرلىرى»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى تەييارلاپ بولدۇم. يەنە مەدەنىيەت، تۇرمۇش ۋە ھوقۇقشۇناسلىق توغرىسىدا ئەسەر يېزىۋاتىمەن، ئەمگەكلىرىمنىڭ زايە كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
|