• كىتابخانلارنى قانداق تەربىيەلەش لازىم

    يوللانغان ۋاقتى:12-08-2011   مەنبە: تارىم 2011-يىل 2-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ۋىلادىمىر نابۇكوف ئۆزىنىڭ ياخشى كىتابخانىنى يازغۇچى ئۆزى تەربىيەلەپ چىقىدۇ، دېگەن ئىكەن.

     

     


     

    ئاپتورى: پەرھات تۇرسۇن

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپلا شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى، چەت ئەل ئەدەبىياتى نەشرىياتى، سودا نەشرىياتى قاتارلىق داڭلىق نەشرىياتلار دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، جۇڭگو كىتابخانلىرىغا سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇشقا باشلىغانىدى. ئەينى چاغدا ئاشۇ خەنزۇچە نەشرىياتلاردا ئامېرىكا يازغۇچىسى سائۇل بېللوۋ، ئىساك باشۋېس سىنگېر قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تارتىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ يازغۇچىلىرىدىن لۇيىس بورخىس، گارسىيا ماركىزغىچە بولغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگىچە نۇرغۇنلىغان مەشھۇر ئەسەرلەر ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىنغانىدى. ھازىر قايتا - قايتىلاپ نەشر قىلىنىپ تۇرسىمۇ كىتابخانىلاردا قالمايدىغان ئاشۇ كىتابلار ئەينى يىللىرى نەشر قىلىنىپ كىتابخانىلاردا سېتىلماي ئۇزاق يىللارغىچە توپا بېسىپ ياتاتتى. بەزىلىرى باھاسى چۈشۈرۈلگەن كىتابلار قاتارىدا بىر نەچچە موچەنگىمۇ سېتىلماي ئۇزاق يىللار سۆرىلىپ يۈردى. چۈنكى “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى” سەۋەبىدىن كىشىلەر بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغانىدى. كىشىلەر پەقەت چاقىرىق ۋە ئۆگۈتلەرگە تولغان ئەسەرلەرگە كۆنۈپ قالغانىدى. لېكىن ئەينى چاغلاردىكى مەسئۇلىيەتچان تەرجىمانلار ۋە مۇھەررىرلەر قىلچىمۇ بوشاشماي ئۈن - تىنسىز تەر تۆكۈشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلارنىڭ بوشاشماس ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە ئاشۇ 80 - يىللارنىڭ بېشىدا خار بولغان كىتابلار 80 - يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كىشىلەر قوبۇل قىلالايدىغان كىتابلارغا ئايلانغان بولسا، 90 - يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئەتىۋارلايدىغان كىتابقا ئايلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئادەم بەس - بەستە سېتىۋالىدىغان، تالىشىپ ئوقۇيدىغان، ئۇياقتىن نەشر قىلىنىپ تۇرسىمۇ، بۇياقتىن تۈگەپ كېتىدىغان كىتابلاردىن بولۇپ قالدى. بۇنى ئەلۋەتتە ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرى، بولۇپمۇ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تۆككەن قان - تەرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار دېھقانلىرىمىز چۈشەنمەيدىكەن، دېھقانلار چۈشىنىدىغان ئەسەرلەر كېرەك، دەپ “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى”دىكى ئەسەرلەر بىلەن ئوخشاش ئەسەرلەرنى كىتابخانلارغا تونۇشتۇرۇش بىلەن بولغان بولسا، جۇڭگو ئەدەبىياتى ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمىگەن، ئەكسىچە يەنىلا شوئارۋازلىق ۋە نەسىھەتۋازلىق پاتقىقىغا پاتقان پېتى بىر ئىزىدا تۇرۇۋەرگەن بولاتتى.
    روھىي جەھەتتە مەجرۇھ كىتابخانلارنىڭ نورمال ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئىقتىدارىنى قانداق شەكىللەندۈرۈش كېرەك؟ ئالدى بىلەن ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن داۋالاش، يەنى ئۇلارغا كاللا ئىشلىتىشنىڭ قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە روھىي ئاچارچىلىق ۋە ئىدىيەۋى ۋاكۇئۇملۇقنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇلارغا تەپەككۇرنىڭ لەززىتىنى تېتىتىش لازىم.
    ۋىلادىمىر نابۇكوف ئۆزىنىڭ ياخشى كىتابخانىنى يازغۇچى ئۆزى تەربىيەلەپ چىقىدۇ، دېگەن ئىكەن. بۇ يەردىكى تەربىيە ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئادەملىرىمىز چۈشەنگەندەك باشقىلارغا قانداق ياشاشنى ئۆگىتىش ئەمەس. بۇ يازغۇچىنىڭ ئادەملەرنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسى بار، يازغۇچى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىپ ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىشىدا يول كۆرسىتىپ، ئۆزى نېمىنى خالىسا باشقىلار شۇنداق ھەرىكەت قىلىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت يازغۇچىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغان بولۇشى كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ۋىلادىمىر نابۇكوف ساپ ئەدەبىيات تەرەپدارلىرى ئىچىدە ئانچە مۇرەسسە قىلىپ كەتمەيدىغانلاردىن بىرى. ئۇنىڭ ساپ ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببىتى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر يازغۇچىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ “كىتابخانلارنى تەربىيەلەش” دېگىنى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئويلاپ كۆنۈپ قالغاندەك، ئادەتتىكى ئادەملەر كاللىسىنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ، يازغۇچى ئادەملەرگە ھەر بىر ئىشتا قانداق قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ھەممە نەرسىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، باشقىلارنى كاللا ئىشلىتىشتىن توسۇشتۇر دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى كىتابخانلارنى يازغۇچى يۇقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشى كېرەك، دېگەنلىكتۇر. نابۇكوف “لولىتا” ناملىق رومانىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئەسەر يېزىش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: “ئەينەككە قارىغان ۋاقتىمدا دائىم كۆز ئالدىمدا كۆرۈنىدىغان بىر ئادەم بار، يازغان ئەسەرلىرىمدىن شۇ ئادەم رازى بولسىلا بولدى.” ئۇنىڭ ئەسەر يېزىشتىكى مەقسىتى ئۆزىنى خۇشال قىلىش ئىكەن، دېمەك، ئۇنىڭ كىتابخانلارنى تەربىيەلەشتىكى مەقسىتىمۇ ئۆزىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈندۇر. يەنى، كىتابخانلارنى تەربىيەلەپ ئۆز ئەسىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغان سەۋىيەگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىدە پەيدا بولغان تۇيغۇنى كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىشتۇر.
    ئەگەر ئالېكساندىر پۇشكىن ۋە مېخائىل لېرمونتوفلار رۇسىيەدە ئۆزىنىڭ بىر بۆلۈك كىتابخانلىرىنى يېتىشتۈرمىگەن بولسا، لېف تولستوي ۋە فېئودور دوستويېۋسكىينى يېتىشتۈرگەن ئەدەبىي مۇھىت بولمىغان بولاتتى. تولستوي ۋە دوستويېۋسكىيلارنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە پۇشكىننىڭ كىتابخانلىرى. تولستوي بىلەن دوستويېۋسكىيلار ئۆزىنىڭ بىر بۆلۈك كىتابخانلىرىنى يېتىشتۈرمىگەن بولسا، كېيىنكى دەۋرلەردىكى سولژىنېتسىن، پاستېرناك، يېسېنىن ۋە نابۇكوفلارنى يېتىشتۈرگەن ئەدەبىي مۇھىت بولمىغان بولاتتى.
    ئەينى چاغدا دوستويېۋسكىينىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنەلەيدىغانلار ئاز ئىدى. ئۇنىڭ “ئۆلۈم ئۆيى خاتىرىلىرى” ناملىق ئەسىرى بىلەن “جىن تەگكەن” ناملىق ئەسىرى ئەدەبىيات ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسىرىنى جەمئىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق، ھەتتا زەھەرلىك ئەسەر دەپ تىللىغان. ھازىر بولسا، ئۇنىڭ كەينىدىكى نەچچە ئەۋلاد يازغۇچىنىڭ تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە كىتابخانلارنىڭ ھۇزۇرلىنىش ئىقتىدارى ئۆسۈپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى پۈتۈن دۇنيا ئوقۇپ ھۇزۇرلىنالايدىغان بولدى. ئەگەر دوستويېۋسكىي كىشىلەر قوبۇل قىلالايدىغان ئەسەر يازىمەن، دەپ ئۆزىنىڭ يۇقىرى بەدىئىي ئۈنۈم يارىتىش ئويىدىن ۋاز كېچىپ، تۆۋەن سەۋىيەدىكى كىتابخانلارغا بويسۇنغان بولسا بۈگۈنكى دەۋردە ئەسەرلىرى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتكەن، بىر يىراق ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالغان بولاتتى.
    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يازغۇچىلار كىتابخانلارنى ئەمەس، كىتابخانلار يازغۇچىلارنى يېتەكلەيدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. دېھقانلار ۋە ئاۋام خەلق ئۈچۈن ئەسەر يېزىش، دېگەن شوئارنىڭ خاتاسى يوق، مەسىلە ئۇلار ئۈچۈن قانداق يېزىشتا. سىز كەڭ دېھقانلار ۋە تۆۋەن سەۋىيەدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئەسەر يازسىڭىز، چوقۇم ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىڭىز، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىقىڭىز لازىم. سىز ئۇلارنىڭ ئېستېتىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسىڭىز ئاندىن ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولىسىز، ئۇلارنىڭ ئېستېتىك سەۋىيەسىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ، تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئەسەرلەر بىلەن ھەممە جايدا ئۇلارنىڭ بۇرنىدىن ئىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تۆۋەن سەۋىيەيىڭىزگە بويسۇندۇرسىڭىز ۋە سەۋىيەنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى ئېستېتىك پىرىنسىپ قىلىشقا مەجبۇرلىسىڭىز، سىز ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولمايسىز، ئەكسىچە زىيانكەشلىك قىلغان بولىسىز. ئىنسانىيەتنىڭ مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بەلگىسى بولغان تۆۋەن قاتلام ئۈچۈن ئەسەر يېزىش شوئارىنىڭ ئەدەبىياتنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكى ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت مەنىسى بىزدە ئەكسىچە يازغۇچىنىڭ تۆۋەن قاتلامغا بويسۇنۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتتى، يەنى يازغۇچى تۆۋەن قاتلامنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەستىن، تۆۋەن قاتلام ئۆز تەقدىرى بىلەن چاتىقى يوق ھالدا، ئەكسىچە يازغۇچىنىڭ تەقدىرىنى بېكىتىدىغان، تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر يازغۇچىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ قالدى. دېمەك، بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىگە، 30 - يىللاردىكى ئابدۇقادىر داموللا ۋە مەمتېلى توختاجى ۋەكىللىدىكىدىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىگە تامامەن مۇخالىپ يولدۇر. تۆۋەن قاتلامنى ئېستېتىك جەھەتتىن يېتەكلەش ئەمەس، ئەكسىچە ساۋاتى تۆۋەن، تەپەككۇرى ئاجىز كىشىلەردىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى زىيالىيلاردىن ھوقۇق تارتىۋېلىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەل ئىچى ئاساسىي ئېقىمنى شەكىللەندۈرۈپ، تۆۋەن قاتلامغا تايىنىۋېلىش، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ نادان ۋە قالاقلىقىنى تۆمۈر تاۋاق قىلىۋېلىش ھەرگىزمۇ تۆۋەن قاتلامغا ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەس.
    كىتابخانلارنى ئېستېتىك جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئۇلارنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنالايدىغان قىلىش ئۈچۈن، ئەدىبلەر يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەدىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغاندىن باشقا، يەنە تەرجىمانلار دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئۇلارنى تەتقىق قىلىپ، كىشىلەرگە بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ئۆگىتىشى لازىم.
    80 - يىللاردا قالاق ۋە نادان ھالدا قالغان جۇڭگو كىتابخانلىرى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئاجىز ئىدى. كىشىلەردىكى بۇ خىل ئاجىزلىقنى يېڭىش ئۈچۈن كەڭ ئەدەبىييات - سەنئەت خادىملىرى مۇنداق بىر بۆلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى:
    دۇنيادىكى ئەدەبىي يۈزلىنىشلەرنى تونۇشتۇرىدىغان كىتابلارنى، يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى ۋە كونكرېت بەدىئىي تېخنىكىلارنى تونۇشتۇرىدىغان كىتابلارنى كۆپلەپ نەشر قىلدى؛
    مەشھۇر ئەسەرلەرنى قانداق ئوقۇش ھەققىدىكى قوللانما خاراكتېرلىك كىتابلارنى كۆپلەپ نەشر قىلدى؛
    مەشھۇر ئەسەرلەر ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تەھلىل بېرىلگەن “دۇنياۋى مەشھۇر شېئىرلاردىن ھۇزۇرلىنىش لۇغىتى”، “دۇنياۋى مەشھۇر نەسرلەردىن ھۇزۇرلىنىش لۇغىتى”، “دۇنياۋى مەشھۇر ھېكايىلەردىن ھۇزۇرلىنىش قامۇسى” دېگەندەك كىتابلارنى نەشر قىلىپ، كىشىلەرگە كونكرېت ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قانداق ئوقۇشنى ئۆگەتتى.
    بىز ئۇيغۇرلارچۇ؟ بىزدە بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەر ئاساسەن يوق دېسەكمۇ بولىدۇ. نەشرىياتلاردا ئون يىللاپ، يىگىرمە يىللاپمۇ دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرىنىڭمۇ نەشر قىلىنماسلىقى يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان پاكىت. بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى گارسىيا ماركىزنىڭ “100 يىل غېرىبلىق” ناملىق رومانى بىلەن دوستويېۋسكىينىڭ “جىنايەت ۋە جازا” رومانى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، بۇلتۇر خاۋدېرىننىڭ “قىپقىزىل خەت”، ئوسكار ۋايلدنىڭ “دورىئان گىرېينىڭ پورترېتى” ناملىق رومانى ئېلان قىلىنغۇچە ئارىلىقتا ھېچقانداق بىر دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر ئېلان قىلىنمىدى. بۇ ئارىلىقتا بىردىنبىر چەت ئەل ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرىدىغان ژۇرنال “دۇنيا ئەدەبىياتى”مۇ بىر نەچچە قېتىم توختاپ قېلىش گىردابىغا دۇچار بولدى. دۇنياۋى مەشھۇر شېئىرلاردىن ھۇزۇرلىنىش لۇغىتى دېگەندەك لۇغەتلەر ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى يېقىندا پەرھات ئېلياسنىڭ “يارىلانغان يۈرەك” ناملىق تەرجىمە شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغىچە ئۇيغۇر تىلىدا پەقەتلا “خەزىنە گىرۋەكلىرى” ناملىق ئىنتايىن نېپىز، 50 بەتلەر ئەتراپىدىكى بىر تەرجىمە شېئىرلار توپلىمىدىن باشقا شېئىرلار توپلىمى يوق ئىدى.
    مەن كىچىك چاغلىرىمدا “تارىم” ژۇرنىلىدا ئۇلاپ بېرىلگەن مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى سەھىپىسىنى بەكمۇ ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇيتتۇم. گەرچە بۇلار ئىنتايىن ئاز، مېنىڭ تەشنالىقىمنى قاندۇرۇشتىن ئىنتايىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ ئىجادىيىتىمگە غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ساھىبجامالنىڭ يۈزىدىكى چېچەك ئىزى ھەققىدىكى تەسۋىرنىڭ ساھىبجامالنى كىتابخانلارنىڭ ئېڭىدا تېخىمۇ جەلپكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار مەندە تۇنجى قېتىم پېرسوناژنى بىر بەلگە ياكى ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى ئىنسان قىلىپ يېزىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. تولستوينىڭ “تىرىلىش” رومانىدا ئايال پېرسوناژنى نېمىشقا سەل ئەلەس قىلىپ يازغانلىقى توغرىسىدىكى تەھلىللەر مەندە ئىنسانىيلىققا بولغان مۇھەببەت ئورناتقانىدى. مەن ئىنسانىيلىقنىڭ پارلاق نۇرىنى ئەنە شۇلارنىڭ ئىنسانىيەتچىلىك روھىدىن ئۆگەنگەنىدىم. شۇ چاغلاردىن بېرى “تارىم”نى قولۇمغا ئالساملا ئالدى بىلەن ئاشۇ سەھىپىگە نەزەر سالىدىغان بولغانىدىم.
    يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ ژۇرنالدا يەنە دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەر تونۇشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە. ئارقا - ئارقىدىن فىرانس كافكا، ئېرنېست ھېمىڭۋاي، ئىساك باشۋېس سىنگىر قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بېرىلدى. ئەڭ مۇھىمى، بۇ ئەسەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇنى قانداق ئوقۇش ھەققىدىكى تەھلىل ماقالىلىرى بېرىلدى. بۇ بىزنىڭ يازغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك كىتابخانلارغا قارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەس، بەلكى تۆۋەن دەرىجىلىك كىتابخانلارنى قانداق قىلىپ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئىدى. بىز گەرچە بۇنى ئىچكىرىدىكى گېزىت - ژۇرناللاردىن 20 نەچچە، ھەتتا 30 يىل كېيىن، كېچىكىپ قىلىۋاتقان بولساقمۇ، ئۇنىڭ كۆلىمى پەقەت بىر ژۇرنالدىكى بىر سەھىپە بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر ھالدا يوقتىن ياخشى.
    ئاخىرىدا “تارىم” ژۇرنىلىدىن شۇنداق بىر ئۆتۈنۈشۈم باركى، ئاشۇ سەھىپىدە پەقەت پىروزا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىسا، توماس ئېلىئوت گىنىسبېرگ، بىرودىسكىي، چارلىز بودلېر قاتارلىق نامايەندە خاراكتېرلىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى بېرىلسە. چۈنكى، تىلنىڭ ئەڭ رادىكال شەكىللىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان شېئىرنى چۈشىنىش ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى چۈشىنىشتىكى ئاچقۇچتۇر. ئاشۇ شېئىرلار بىلەن بىرلىكتە ئاشۇ شېئىرلارنى تەھلىل قىلغان، ئۇلارنىڭ ھەر بىر مىسراسىدىن تارتىپ ئىنچىكە يېشىپ چۈشەندۈرگەن ماقالىلەر بېرىلسە، بۇ كەڭ كىتابخانلىرىمىزنىڭ دۇنيا شېئىرىيىتىنى چۈشىنىدىغان ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشتە ئاز - تولا پايدىلىق رول ئوينىسا ئەجەب ئەمەس.

     






    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار