سىرلىق ئالەمگە نەزەر(سۆھبەت خاتىرىسى)
يوللانغان ۋاقتى:27-10-2011
مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
(سۇلتان ھاشىم، ئېزىزجان خۇدابەردى) سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم سۇلتان ئاكا، ئاڭلىسام، سىز ئالىي مەكتەپتە سانائەت كەسپىدە ئوقۇپتىكەنس
(سۇلتان ھاشىم، ئېزىزجان خۇدابەردى)
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم سۇلتان ئاكا، ئاڭلىسام، سىز ئالىي مەكتەپتە سانائەت كەسپىدە ئوقۇپتىكەنسىز. قانداق بولۇپ ئەدەبىياتقا قىزىقىپ قالغان ئىدىڭىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئېزىزجان ئىنىم، ئاڭلىغىنىڭىز توغرا. مەن 1959 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (1962 - يىلىدىن كېيىن ھازىرقى سانائەت ئىنستىتۇتى)نىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، شۇ يىلى شىنجاڭ ئۆكتەبىر تىراكتور زاۋۇتىغا تەقسىم قىلىندىم. ھەم مۇشۇ زاۋۇتتا ئاۋۋال تېخنىك، كېيىن ئىنژېنېر بولۇپ 18 يىل ئىشلىدىم. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا قىزىقاتتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، تاجىكىستان يازغۇچىسى سەدىردىن ئەينىنىڭ »داخۇندا«، »ئادىنا« رومانلىرىنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى د. فورمانوفنىڭ »چاپايېف« رومانىنىڭ كىتابچىسىنى ھەم »ئىسيان« رومانىنى ئوقۇغانىدىم. شۇنىڭدىن تارتىپ تا بۈگۈنگە قەدەر ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشىم سۇسلىشىپ قالغىنى يوق. ھېلىمۇ قولۇمغا بىر كىتاب چىقىپ قالسا، ئوقۇپ تۈگىتىۋەتمىگىچە بولدى قىلمايمەن. كىتاب ئوقۇشقا بولغان ئىشتىياق مېنى ئەدەبىيات سەھەسىگە باشلاپ كىردى دېسەممۇ بولىدۇ، ھېكايىدەك بىر نېمە يېزىپ باققۇم كېلەتتى، ئەمما جۈرئەت قىلالمايتتىم. ئاخىر ئۆزۈمنى سىناپ باقماقچى بولدۇم. مېنىڭ ئۆزۈم ئوبدان بىلىدىغان ئىشچىلار تۇرمۇشى توغرىسىدا يازغان "نۇرگۈل" ناملىق تۇنجى ھېكايەم 1979- يىلى "تارىم" ژۇرنىلىنىڭ 5 - سانىدا ئېلان قىلىندى ھەم بۇ ھېكايەم 1981- يىلى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مەن شۇ ھېكايەم بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە قەدەم تاشلىدىم.
سوئال: سىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئىشچىلار تۇرمۇشى تېما قىلىنغان خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان ئىدىڭىز. سىزنىڭ ئىشچىلار ئوبرازىنى يارىتىش توغرىسىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق، قانداق؟
جاۋاب: ھەرقانداق يازغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزى پىششىق بىلىدىغان تۇرمۇشنى يېزىشنى ئويلايدۇ، بۇنداق ئەسەر چىنلىققا يېقىن بولغاچقا ئوقۇرمەنلەرمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. مەن ئىشچىلار تۇرمۇشىنى چۈشىنىدىغانلىقىم، ئۆزۈممۇ شۇ تۇرمۇشنىڭ ئوچاقلىرىدا قاينىغانلىقىم ئۈچۈن، 80- يىللاردا يازغان ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىشچىلار تۇرمۇشى ئاساسلىق تېما بولۇپ قالغانىدى. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، شۇ دەۋرگە نىسبەتەن، مەن ئىشچىلار ھاياتى توغرىسىدا يېزىۋاتقان ئاز ساندىكى يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدىم، ئىشچىلار تۇرمۇشى دېگىنىمىزدە، ئۇ نوقۇل ھالدا بىر ئىشچىنىڭ ئائىلىسى، مۇھەببىتى، دوستلۇقى، كىشىلىك مۇناسىۋىتى... نىلا يېزىش بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالىدۇ. ئىشچى يېزىلغان ئىكەن، شۇ ئىشچى مەشغۇل بولۇۋاتقان كەسىپ، ئۇنىڭ شۇ كەسىپ )تېخنىكا(كە بولغان قىزىقىشى، تېخنىكا ئۆگىنىشى، تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلىشى قاتارلىقلار يېزىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ھەقىقىي بىر ئىشچىنىڭ مۇكەممەل ئوبرازىنى ياراتقىلى بولىدۇ. مەن ئىشچىلار توغرىسىدا بىر ئەسەر يازماقچى بولغىنىمدا، ئۇنى قانداق ھۈنەر - كەسىپ بىلەن قوراللاندۇرۇش ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلاشقا مەجبۇر بولاتتىم. زاۋۇتتىن ئايرىلغىنىمدىن كېيىن، ئىشچىلار توغرىسىدا يازىدىغانلىرىممۇ ئازلاپ كەتتى. ئەمما شۇ چاغلاردا تېخنىكا مەسىلىسىدە كۆپرەك ئويلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىم )قىلىۋاتقان كەسپىممۇ مېنىڭدىن شۇنى تەلەپ قىلاتتى(، كېيىنكى چاغلاردا فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىمنىڭ ئىلمىيلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشۈمگە ئوبدانلا ياردىمى بولدى.
سوئال: سۇلتان ئاكا، سىز ئىلمىيلىك ۋە روشەن بەدىئىيلىككە ئىگە بىر قاتار فانتازىيەلىك ھېكايە، پوۋېستلارنى يېزىپ، فانتازىيە ئەدەبىياتىنى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر مەنىۋى ھاياتىغا ئېلىپ كىردىڭىز، ھېلىمۇھەم فانتازىيە ژانىرىدا يېزىشتا باشلامچى بولۇپ كېلىۋاتىسىز. سىزنىڭ ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىگە شۇنچە ئىشتىياق باغلىشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولغان؟ بۇ ژانىردا ياراتقان دەسلەپكى ئەمگەك مېۋىڭىز قايسى؟
جاۋاب: مەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 60- يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن »كۈمۈش رەڭلىك چاڭ«، »ئىككى دېڭىزنىڭ سىرى« دېگەن كىنولارنى كۆرگەنىدىم. ئۇ چاغلاردا مەندە فانتازىيە ھەققىدىكى چۈشەنچە بەكمۇ ئاجىز ئىدى. ئەمما ئاشۇ كىنولاردا ئىپادىلەنگەن پەن - تېخنىكىنىڭ قۇدرىتى مېنى ھەيران قالدۇرغانىدى. يۇقىرىقى ئامىللار، يەنى زاۋۇتتا ئىشلىگەنلىكىم، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئەكس ئەتكەن كىنولارنى كۆپ كۆرگەنلىكىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ پەن - تېخنىكا تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا، پەن - تېخنىكىغا دائىر كىتابلار بىلەن كۆپ ئۇچراشقانلىقىم مېنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى يېزىشىمغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. مەن بۇ جەھەتتىمۇ ئۆزۈمنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، 1990- يىلى »سىرلىق سىگنال« ناملىق ئاز - تولا فانتازىيە پۇرىقى بار ھېكايە يېزىپ، »تارىم غۇنچىلىرى« ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدىم، ھېكايەمنى بىرەرى ماختاپمۇ كەتمىدى، يامان دەپمۇ كەتمىدى. ئەمما شۇ چاغلاردا »تارىم غۇنچىلىرى« ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان يازغۇچى، مەرھۇم ھوشۇر ئەخمەت ۋە باشقا بىر نەچچە بۇرادەرلىرىم: »ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرساڭ ياخشى بولاتتى. چۈنكى سېنىڭ ئىجتىمائىي، ھەم تەبىئىي پەنلەردىن خېلى ئوبدان خەۋىرىڭ بار...« دەپ، ماڭا مەدەت ۋە ئىلھام بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ فانتازىيە ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىگە ئىشتىياق باغلىدىم. »سىرلىق سىگنال« ناملىق ھېكايەم فانتازىيە ژانىرىدا ياراتقان دەسلەپكى ئەمگىكىم ھېسابلىنىدۇ.
سوئال: »يىلانلىق قورۇق«، »تىرىلگەن مۇردا«، »خەير - خوش يەر شارى!« قاتارلىق پوۋېستلىرىڭىزدا باشقا پىلانېتا ئادەملىرىنىڭ يەر شارى كىشىلىرى بىلەن بولغان مۇرەككەپ ۋە قىزىقارلىق مۇناسىۋىتىنى جانلىق ھەم ئوبرازلىق تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپسىز. سىز مۇشۇ ئىزدىنىشلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟
جاۋاب: كائىنات تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئاجايىپ سىرلار بىلەن تولغان، ئادەملەر كائىناتتىكى سىرلارغا، تۈرلۈك ھادىسىلەرگە بەكمۇ قىزىقىدۇ. مېنىڭچە، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغىنى باشقا پىلانېتا ئادىمى بىلەن ئۇچار تەخسە بولۇشى مۇمكىن. چەت ئەللىك ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇلارنىڭ ئۆز تەسەۋۇرلىرىدىكى تۈرلۈك - تۈمەن، ئاجايىپ - غارايىپ تەبىئەت ھادىسىلىرى ئىچىدە ئۇچار تەخسە، ماشىنا ئادەملەر سالماقلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ھەققىدە بۇرۇنمۇ كۆپ يېزىلغان، ھازىرمۇ يېزىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ئىشلەنگەن كىنو - فىلىملەرمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا بۇ نەرسىلەر ئىنسانلاردا »باشقا پىلانېتا ئادەملىرى راستتىنلا بارمىدى؟«، »ئۇچار تەخسە ئۇلارنىڭ قورالىمىدۇ؟« دەيدىغان ئوي - پىكىرلەرنى ئويغاتتى. لېكىن بۇ سوئاللارغا ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب يوق، بار بولسىمۇ سىر تۇتۇلۇپ كېلىنىۋاتىدۇ.
»ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى«نىڭ 2008- يىللىق 4 - ئاپرېل سانىدا »سامانيولى سىستېمىسىدا 2 تىرىليون 500مىليارد يۇلتۇز بار« دەپ كىچىككىنە مەلۇمات بېرىلگەن. يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سامانيولى سىستېمىسىدا 200مىليارد قۇياش بار ئىكەن. سامانيولىنى ھەممىمىز كۆرگەن. ئۇ ئاسمان بوشلۇقىدا تار، سەل سوزۇلغان سۇس تۈتۈندەك كۆرۈنىدۇ. شۇنچىلىك كىچىككىنە يەردە تىرىليونلاپ يۇلتۇز، مىلياردلاپ قۇياش بار ئىكەن، ئۇنداقتا چەكسىز ئالەم بوشلۇقىدا قانچىلىك باردۇ؟ بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. بۇرۇن ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشتە، نۇر تېزلىكى سېكۇنت بىلەن ئۆلچىنەتتى )نۇرنىڭ سېكۇنتلۇق تېزلىكى 300مىڭ كىلومېتىر(، ھازىر يىل بىلەن، يەنى نۇر يىلى بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولدى. مۇشۇنىڭدىنلا ئالەم بوشلۇقىنىڭ قانچىلىك بىپايان ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا يەر شارىدىن باشقا سەييارىلەردە ھاياتلىق يوق دېيىشكە تىلىمىز بارمايدۇ. بىزگە يەنى ئادەمگە ئوخشىسا، ئۇنى ھاياتلىق ھېسابلاپ، ئوخشىمىسا ھاياتلىق ھېسابلىمىساق، بۇنداق قاراش مېنىڭچە توغرا ئەمەس. فانتازىيە يازغۇچىلىرىنىڭ باشقا پىلانېتا ئادەملىرىنى تۈرلۈك شەكىل - سىياقلاردا تەسەۋۋۇر قىلىشىمۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايمەن. كوتىس گالاننىڭ »يالماۋۇز ئۈچ بۇلۇڭ ۋە UFO « ناملىق ئەسىرىدىمۇ باشقا پىلانېتا ئادىمىنىڭ ئاغزىدىن »بىزنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتىمىزنى كۆرسىڭىز، قورقۇپ ھوشىڭىزدىن كېتىشىڭىز مۇمكىن...« دەپ بېرىلگەن.
مېنىڭ »يىلانلىق قورۇق«، »تىرىلگەن مۇردا«، »خەير - خوش يەر شارى !« ناملىق چاتما پوۋېستلىرىمدا، چەت ئەل يازغۇچىلىرىغا ئوخشاش چەكسىز ئالەمدە بىزدىن باشقا ھاياتلىق بار، دېگەن پەرەزنى ئىلگىرى سۈردۈم، ئۆزۈممۇ ھاياتلىقنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇنىڭدەك يەنە باشقا پىلانېتا ئادەملىرىنىڭ سىياقى بىزگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلىم - پەن تەتقىقاتى ئىنتايىن تاكامۇللاشقان، ئادەملەرنىڭ ياخشى - يامىنى بولغىنىغا ئوخشاش، باشقا پىلانېتا ئادەملىرىنىڭمۇ ياخشى - يامىنى بولىدۇ، دەيدىغان تەسەۋۋۇرمۇ ئەسەرلىرىمدە ئىپادىلەندى. ناۋادا يەر شارى ياخشى نىيەتلىك باشقا پىلانېتا ئادەملىرى بىلەن دوستانە ئۆتسە گۈللەپ ياشنايدۇ. يامان نىيەتلىكلىرىگە ئۇچراپ قالسا نەس باسىدۇ، مەن يۇقىرىقى پوۋېستلىرىمدا مۇشۇ نۇقتىلاردا كۆپرەك ئىزدەندىم.
سوئال: سىزنىڭ »كۆزگە كۆرۈنمەس ئۈزۈك« ناملىق فانتازىيەلىك پوۋېستىڭىز قانداق دۇنياغا كەلگەن؟
جاۋاب: »كۆزگە كۆرۈنمەس ئۈزۈك« پوۋېستىمنى قانداق يازغانلىقىم توغرىسىدا سۆزلەشتىن ئىلگىرى، بۇ ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشۈمگە توغرا كېلىدۇ.
مەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، رۇس يازغۇچىسى تۇرگېنىفنىڭ »بېژىن ئوتلىقى« ناملىق ھېكايىسىگە تەقلىد قىلىپ »يېرىلغان يەر« دېگەن بالىلار ھېكايىسىنى يازغانىدىم. يۇرتۇمدىكى سەھرا يوللىرىنىڭ بىرسى »يېرىلغان يەر« دەپ قەدىمدىن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان يارلىقنى يانداپ ئۆتىدۇ. مەن بالىلىق چاغلىرىمدا تېرەك بويى چوڭقۇرلۇقتىكى ئاشۇ يارلىققا نەچچە قېتىم چۈشۈپ، ئۇنىڭ مۇزدەك بۇلاق سۇلىرىنى ئوچۇملاپ ئىچكەنمەن. يارلىقتىكى دەل - دەرەخلەرنىڭ قويۇقلۇقى، ئۇچار - قاناتلارنىڭ كۆپلۈكى مېنى ھەيران قالدۇراتتى... ئەسىرىمدە يارلىقنى باشقىچىرەك سۈرەتلىگەن بولساممۇ، ئەسلىدە بار بولغان يارلىقنىڭ »يېرىلغان يەر« دېگەن نامىنى ئۆزگەرتكۈم كەلمىدى. ھېكايەمدە يارلىققا يېقىن يەردىكى ئوتلاقتا ئات - ئېشەكلىرىنى بېقىۋاتقان بالىلار، »جىن - ئالۋاستىلارنىڭ ماكانى« دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان شۇ يارلىققا كېچىدە كىم چۈشەلەيدۇ؟ دېيىشىپ بەسلىشىپ قالىدۇ. كىچىكلەر تۇرماق، چوڭلارمۇ كېچىدە يارلىققا چۈشۈشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بولغاچقا، بالىلارمۇ كېچىدە يارلىققا چۈشۈپ چىقىشتىن قورقىدۇ. ئەمما 14ياشلاردىكى ھەيدەر ئىسىملىك بىر بالا يۈرەكلىك بىلەن »مانا مەن چۈشىمەن« دەپ ئالدىغا چىقىدۇ. بىر قاتار ۋەقەلەردىن كېيىن، ھەيدەر كېچىدە يارلىققا چۈشۈپ، كۈندۈزدە يارلىقتىكى بىر دەرەخكە ئېسىپ قويۇلغان جىلتىنى ئېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېرىلغان يەرنىڭ جىن - ئالۋاستىلار ماكانى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئون نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، »يېرىلغان يەر«نى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا فانتازىيەلىك تۈس بېرىش ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم، ھەم شۇنداق قىلدىم. شۇ مەقسەتتە يېزىلغان »ۋەسىيەت« ناملىق ھېكايەم »تارىم« ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. ھېكايىدە، ھەيدەر كېچىدە يارلىققا چۈشۈپ چىققان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ، ئۆزىنى غايىبتىن بىر ئاۋاز چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئەندىشىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ ۋەسۋەسە ئىچىدە يارلىققا چۈشىدۇ ۋە بېشى تاشپاقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مەخلۇق بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ھەيدەر قورقۇپ كەتكەنلىكتىن قېچىپ كېتىشنى ئويلايدۇ، لېكىن قىسقىغىنە پاراڭدىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى قورقۇنچ يوقاپ كېتىدۇ. بۇ مەخلۇق ئەسلىدە يىراق نامەلۇم سەييارىدىن ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشكە چىققان ئالىم بولۇپ، ئۇلار ئولتۇرغان ئالەم كېمىسى يەر شارىغا يېقىن ئاسمان بوشلۇقىدا مەلۇم كاشىلىنىڭ سەۋەبى بىلەن پارتلاپ كېتىدۇ. باشقا ئالىملار ئۆلۈپ كېتىپ، پۇتىدىن ئايرىلغان بۇ ئالىم »يېرىلغان يەر« دەپ ئاتىلىدىغان يارلىققا چۈشۈپ قالىدۇ. كون كىراك دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئالىم بارمىقىدىن بىر ئۈزۈكنى چىقىرىپ »بۇ ئۈزۈكنى ئوبدان ساقلا، ئۇنىڭدا نەچچە ئونلىغان سەييارىلەرنى تەكشۈرۈشتىن خاتىرە قالدۇرۇلغان. ئۈزۈكنى چوقۇم بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئىزدەپ كېلىدۇ، شۇلارغا تاپشۇرۇپ بەر، ئۈزۈك يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، يەر شارىمۇ ۋەيران بولىدۇ« دەپ ۋەسىيەت قىلىدۇ. ھەيدەر ئۈزۈكنى ئوبدان ساقلاشقا ۋەدە بېرىدۇ...
كېيىن يەنە ئويلىنىپ قالدىم. »ۋەسىيەت« يېرىم يولدا ئۈزۈلۈپ قالغاندەك، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەكتەك تۇيۇلدى. باشقا پىلانېتا ئادەملىرىنىڭمۇ ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشىنى، ئەقىلگە مۇۋاپىق تەسەۋۋۇر )يەر شارى ئالىملىرىمۇ ئۈزۈكسىز تەكشۈرۈۋاتىدۇ(دەك ھېس قىلدىم. نەتىجىدە »كۆزگە كۆرۈنمەس ئۈزۈك« ناملىق ئەسىرىم ۋۇجۇدقا چىقىپ، 28ياشلىق دوكتور ھەيدەر )ئەسلىدىكى قورقۇمسىز يېزا بالىسى( ئۈزۈكنى باشقا پىلانېتىدىن كەلگەن ھەقىقىي ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، يەر شارىمۇ ھالاكەت تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، مانا بۇ پوۋېستىمنىڭ دۇنياغا كېلىش جەريانى.
سوئال: سىزنىڭ فانتازىيەلىك پوۋېستلىرىڭىز مۇستەقىل سۇژىت ۋە ئۆزگىچە بەدىئىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مەزمۇن جەھەتتىن بىر - بىرى بىلەن باغلىنىدىكەن. سىز قانداقسىگە بۇ خىل چاتما شەكىلدە يېزىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟
جاۋاب: ئەڭ مۇھىم سەۋەب −− ئىخچامراق بولۇشنى ئويلىدىم. بىزنىڭمۇ، چەت ئەللىك يازغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىمۇ بىر قەھرىماننى يارىتىپ، ئۇنى چاتما يېزىلغان ئەسەرلىرىنىڭ دائىملىق قەھرىمانى قىلىپ يازغان. بۇنداق يېزىش ئۇسۇلى ماڭا يېقىپ قالغانلىقتىن، مېنىڭمۇ شۇنداق يېزىپ باققۇم كەلدى، ئەپلەشتىمۇ - ئەپلەشمىدىمۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن، ھەرھالدا ئۇرۇنۇپ باقتىم.
سوئال: ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنىڭ چۆچەك، ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر بىلەن بولغان پەرقى قەيەردە؟ سىزنىڭچە ئىلمىي فانتازىيە قانداق بولۇشى كېرەك؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن »فانتازىيە« دېگەن ئاتالغۇنىڭ قانداق مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. »فانتازىيە« گىرېكچە سۆز بولۇپ، بىزنىڭچە »پەرەز قىلىش«، »تەسەۋۋۇر قىلىش« دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. 2009- يىلى 6 - ئايدا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان »تىل - ئەدەبىيات« تاللانما دەرسلىك )6 - (دىكى ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى ئەركىن ئەمەتنىڭ »فانتازىيە ئەدەبىياتى ھەققىدە« ناملىق ماقالىسىدە، فانتازىيە ئەسەرلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى، مەزمۇن ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئۇنى سېھرىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر، ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر، دەپ ئىككى تۈرگە بۆلگەن، مېنىڭ قارىشىممۇ شۇنداق.
سېھرىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەردە ئىلمىيلىكنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، ئەپسانە - رىۋايەتلەرنى سېھرىي فانتازىيە تۈرىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: »ياغاچ ئ−ات«، »ئ−ۇچار گىلەم«، »جاھاننەما« قاتارلىقلار. چەت ئەلنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا كىنو فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن »سېھىرلىك ئۈزۈك«، »خاررى پوتتېر«لارمۇ سېھرىي فانتازىيە كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ.
ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەردە چوقۇم بىرەر ئىلمىي تەسەۋۋۇر، ئىلمىي پەرەز بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ چۆچەك، ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەردىن پەرقلىنىدىغان يېرىمۇ شۇ. شۇنى قەيت قىلىش كېرەككى، ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر خەلقنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى ئەكس ئەتكەن چۆچەك، ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. ئەركىن ئەمەت ماقالىسىدە »سېھرىي فانتازىيە ئىلمىي فانتازىيە پەيدا بولغان مۇنبەت تۇپراق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سېھرىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر بولمىغان بولسا ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنىڭ بۈگۈنكىدەك راۋاجلىنىشىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش تەس...« دەپ توغرا يەكۈن چىقارغان.
سوئال: بىزدە ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى قاچان بارلىققا كەلگەن؟ ھازىرقى فانتازىيە ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قانداق؟ فانتازىيە ژانىرى تەتقىقاتچى ۋە ئوبزورچىلارنىڭ نەزىرىگە ئېرىشىۋاتامدۇ؟
جاۋاب: مەن ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرىنى يېزىشقا باشلىغان دەسلەپكى چاغلاردا، ئۆزۈمدە ھەقىقەتەنمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلدىم. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان فانتازىيەلىك ئەسەرلەر، فانتازىيەگە دائىر پايدىلىنىدىغان ماتېرىياللار يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. كۆپ ئۆتمەي ئەركىن ئەمەت، پەرھات ئېلىياس، ئەخمەتجان قۇربان سابىرى، جاسارەت جاپپار، پەخرىدىن مۇسا قاتارلىق ياش، ئىستېداتلىق ئەدىبلەر فانتازىيە دۇنياسىغا شۇڭغۇپ، ئىلمىي ۋە سېھرىي فانتازىيەلىك ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەدەبىياتىمىزدا بوش تۇرۇۋاتقان ئورۇنغا قەدەم باستى. ئەپسۇس بىزدە ھېلىمۇ فانتازىيە ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يەنىلا ئاز، فانتازىيە ژانىرىنى ئەدەبىياتىمىزنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن ئاجىز ژانىر بولۇپ تۇرماقتا.
ھازىر بىز پەن - تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەم كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان 21- ئەسىردە ياشاۋاتىمىز. ئۆگىنەيلى دېسەك ئۆگىنىشكە، قىلايلى دېسەك قىلىشقا شەرت - شارائىتىمىز بار. ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى يېزىشقىمۇ شەرت - شارائىتىمىز ھازىرلانغان. ھەممىلا نەرسە يوقلۇقتىن بارلىققا، ئاجىزلىقتىن مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلىنىدۇ. بىر نەچچە فانتازىيەلىك ئەسەر يېزىش بىلەنلا داغدۇغا قوزغىلىپ كەتمەيدۇ. تەتقىقاتچى ۋە ئوبروزچىلىرىمىزدىن ئاغرىنىپ كەتمەيلى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىلمىي فانتازىيەلىك تۈسى قويۇق بولمىغان ئەسەرلىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن، تىرىشساق - تىرماشساق، بۇ ئاجىز ژانىرنىڭمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىزدە بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، قەلىمى پىشقان يازغۇچىلىرىمىز كۆپ. مەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي فانتازىيە تەرەپكە كۆز قىرىنى سېلىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆز تىلىمىزدا يېزىلغان ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر قانچە كۆپ بولسا، بالىلىرىمىز، ياشلىرىمىزنىڭ فانتازىيەلىك ئەسەرلەرگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىپ، پەن - تېخنىكىغا بولغان قىزىقىشى شۇنچە كۈچەيگەن بولاتتى.
سوئال: بەزىلەر سىزنى ئىسپانىيەلىك كوتىس كالان، ئامېرىكىلىق ئىساك ئاسىموۋ، فىرانسىيەلىك ژىيول ۋېرىن قاتارلىق دۇنيا ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى پېشۋالىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دەپ قارايدىكەن. سىزنىڭچە، ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
جاۋاب: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا فانتازىيەلىك ئەسەرلەر كەمچىل بولغاچقا، باشقىلار يازغان فانتازىيەلىك ئەسەرلەر، فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى قانداق يېزىش جەھەتتە ئۈلگە بولۇپ قالىدىكەن. بۇنى شۇ يازغۇچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى دېسەكمۇ بولىدۇ. مەن خېلى بۇرۇنلا ژىيول ۋېرىننىڭ ئىسلاۋىيان يېزىقىدا ئۆزبېك، قازاق تىللىرىدا نەشر قىلىنغان »كاپىتان گىرانت ھەم ئۇنىڭ بالىلىرى«، »سۇ ئاستىدىكى 80مىڭ كىلومېتىرلىق سەپەر«، »سىرلىق ئارال«، »15ياشلىق كاپىتان« ناملىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانىدىم. بۇ فانتازىيەلىك ئەسەرلەر مېنىڭ ماڭماقچى بولغان يولۇمغا چىراغ يېقىپ بەرگەندەك بولدى. بولۇپمۇ »سۇ ئاستىدىكى 80مىڭ كىلومېتىرلىق سەپەر«دىكى ئىلمىيلىك مېنى كۆپرەك جەلپ قىلىۋالغانىدى. ئويلاپ بېقىڭ، دېڭىز - ئوكيانلاردا ياغاچتىن ياسالغان يەلكەنلىك كېمىلەر ئۈزۈپ يۈرگەن شارائىتتا، سۇ ئاستىدا خالىغانچە يۈرەلەيدىغان تۆمۈردىن ياسالغان كېمىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەرقانداق ئادەمنى ھەيران قالدۇرمامدۇ؟! ژىيول ۋېرىننىڭ ئىنسانلار تېخى تولۇق بىلىپ كېتەلمىگەن سۇ ئاستى دۇنياسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشىنى بىر مۆجىزە دېسەك، سۇ ئاستىدا يۈرەلەيدىغان كېمىنىڭ سۇ ئاستى دۇنياسىنىڭ خالىغان يېرىگە چۆكۈپ، خالىغان يېرىگە بىمالال ھەيدەپ بېرىشىنى مۆجىزىنىڭ ئىچىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ لايىھەلىنىشى ئادەمنى ئىشەندۈرگىدەك شۇنچىلىك ئىلمىيلىككە ئىگە ئىكەنكى، ئادەم شۇ لايىھەگە ئاساسلىنىپ سۇ ئاستى كېمىسىنى ياساپ، سۇ ئاستى دۇنياسىنى ساياھەت قىلىشقا ئاتلانغۇسى كېلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ دادىل پەرەزنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا چۆكمە پاراخوتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەممىگە ئايان.
ژىيول ۋېرىننىڭ فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىدىن كېيىن، مەندە كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىنىنى ئىسپانىيە يازغۇچىسى كوتىس كالاننىڭ »يالماۋۇز ئۈچ بۇلۇڭ ۋە UFO« ناملىق فانتازىيەلىك ئەسىرى. ئىنسانلار تا بۈگۈنگە قەدەر ھالاكەتلىك بېرمۇدا ئۈچ بۇلۇڭ رايونىدا، نۇرغۇن ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنىڭ سىرلىق ھالدا غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىگە قارىتا ۋەھىمىلىك، ئەندىشىلىك ئوي - خىياللاردا بولۇپ يۈرمەكتە. كوتىس كالان ئەنە شۇ ئەجەبلىنەرلىك ھادىسىنى تۇتقا قىلىپ، بېرمۇدا ئۈچ بۇلۇڭ رايونى، يەنى يالماۋۇز ئۈچ بۇلۇڭ بىلەن UFO نى، يەنى ئۇچار تەخسىنى بىر - بىرىگە ئورگانىك ھالدا باغلاپ، ئەجەبلىنەرلىك ھادىسىنى يېشىپ بېرىدۇ. ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەر ئۇستىلىق بىلەن قۇراشتۇرۇلغان، ئادەمنى خۇددى راست بولغان ئىشلاردەك جەلپ قىلىدۇ. بۇ ئەسەر ماڭا بەكمۇ ياققاچقا، بۇ خىل يېزىش ئۇسۇلى فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىمدە مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن.
سوئال: ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ رولىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار. سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىڭىز قانداق؟
جاۋاب: »يالماۋۇز ئۈچ بۇلۇڭ ۋە UFO« ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە »ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر ئىنسانىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەڭ ھەم مۇھىم ساھەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ھەققىدىكى ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىنتىلىشلارنى ئۈزۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ«، »ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر بارلىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇۋەتتى. ئۇ تەسەۋۋۇر قىلىش، ئالدىن بېشارەت قىلىش جەھەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە... ئۇ بۇرۇنقى نۇرغۇن خىياللارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلانغانلىقى بىلەن كىشىلەرنى تېخىمۇ ئىشەندۈرمەكتە. شۇڭلاشقا ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە يۈزلىنىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش جەھەتلەردىن پەن - تېخنىكىنى ئۆزگەرتىشتە ئاكتىپ تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا...«، »ھازىر بەزىلەر كەلگۈسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسەرلەرنى ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەردىن ئىزدەش كېرەك دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ...«، »فانتازىيە ئەدەبىياتى ھەققىدە« ناملىق ماقالىدە: »... ئەدەبىيات تارىخىدىن قارىغاندىمۇ، پەقەت فانتازىيە ئەدەبىياتىدىلا تۇنجى بولۇپ تەبىئەت دۇنياسىغا، كائىنات مەسىلىلىرىگە، ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلۈنۈپ ھەمدە ئۇ باش تېما قىلىنىپ تەسۋىرلەندى. ئىنسان تەبىئىتىدىكى غايىۋىلىك ئاساس قىلىنىپ، ئىنسانغا كۆڭۈل بۆلۈش روھى ئىپادىلەندى. ئىنساننىڭ ئىدىيە قاتماللىقى بۇزۇپ تاشلىنىپ، يېڭى پىكىر يوللىرى ئېچىلدى« دېيىلگەن. مېنىڭچە بۇ قاراش ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ رولىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب.
ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى ھەرگىزمۇ بەزىلەر ئويلىغاندەك پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان ئەمەس. شۇڭا ئۇنىڭدا ئۇزاقتىن - ئۇزاق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتىدا ئىلىم - پەن روھىدىن ھالقىپ چىققان تەسەۋۋۇرلار ئارقىلىق تەسۋىرلەش ئوبيېكت قىلىنىدۇ. چۈنكى تەسەۋۋۇر ئىجادچانلىقنىڭ ئىچكى ئامىلى، تەسەۋۋۇر بولمىسا ئىجادچانلىقمۇ بولمايدۇ. ئېينىشتىيىنمۇ »تەسەۋۋۇر بىلىمدىن مۇھىم، چۈنكى بىلىمنىڭ چېكى بار، بىراق تەسەۋۋۇرنىڭ چېكى يوق. ئۇ پۈتكۈل دۇنيانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم ھەر خىل بىلىملەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشىنىڭ مەنبەسى...« دېگەن. مېنىڭچە، فانتازىيە ئەدەبىياتى ئۆزىدىكى مول تەسەۋۋۇر كۈچى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، خىيالىمىزدىكى مۇكەممەل غايىۋى كەلگۈسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ ھەم شۇ يۈزلىنىش بويىچە توختىماي ئىلگىرىلەيدۇ.
سوئال: سىزنىڭچە بۇ تۈردە يازىدىغانلار چوقۇم تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇشى لازىممۇ؟
جاۋاب: مەن كىشىلەرنىڭ: »ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرىنى يازىدىغان يازغۇچىلار چوقۇم تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش كېرەك« دېگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. مېنىڭچە، تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇش ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈر. بىراق ئۇنى ئالدىنقى شەرت قىلىۋېلىش توغرا ئەمەس. ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىدىنمۇ چوقۇم خەۋەردار بولۇش كېرەك. مەن ئوقۇرمەنلەرگە ژىيول ۋېرىننىڭ فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىدىن بىرەرسىنى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ژىيول ۋېرىننىڭ فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىنى تەبىئىي پەن بىلىملىرى بىلەن ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى دېيىشكە بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۈچلۈك جەلپكارلىققا ئىگە.
سوئال: ھازىرقى دۇنيا ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بىزدە چەت ئەلنىڭ فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلىۋاتامدۇ؟
جاۋاب: 1983- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان »يالماۋۇز ئۈچ بۇلۇڭ ۋە UFO« ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە: »ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر 160نەچچە يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە بولدى...« دېيىلگەن. ھازىرغىچە ھېسابلىغاندا 200يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالدى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئامېرىكا، ئەنگلىيەدەك سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردە 19- ئەسىرنىڭ 20−، 30- يىللىرىدا يېزىلغان فانتازىيەلىك ئەسەرلەر چاكىنا، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا يېزىلغان ئەسەرلەر ئىدى. زامان ئۆزگەردى، تەرەققىي قىلدى، فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنىڭمۇ سەۋىيەسى ئۆسۈپ، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىر - قىسمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خىلمۇخىل قىياسلار تەسۋىرلىنىدىغان بولدى. ئىساك ئاسىموۋ )1920− 1993(، روبېرت ھېنلېيىن )1907- (، راي برادبورى )1920−(، ئارتۇر كىلارك )1917− 2008(، ب. ئوۋدىرىس )1952(، جون ۋىندىم )1903− 1969( قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلار ئىلمىي فانتازىيە ژانىرىدا نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە كۆپ خىللاشتى، تەسەۋۋۇر تېخىمۇ دادىللاشتى. ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتى تېخىمۇ كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلدى. نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئىلمىي فانتازىيەلىك كىنو، تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئىشلەندى. ھازىر غەرب دۇنياسىدا، ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى گۈللەپ ياشناشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە پەن - تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئەمدى چەت ئەلنىڭ فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ۋە 90- يىللارنىڭ باشلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى فىرانسىيەلىك يازغۇچى ژىيول ۋېرىننىڭ »كاپىتان گىرانت ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى«، »سۇ ئاستىدىكى 80مىڭ كىلومېتىرلىق سەپەر«، »يەرنىڭ مەركىزىگە قىلىنغان ساياھەت«، »سىرلىق ئارال« قاتارلىق رومانلىرىنى، غەربنىڭ نادىر ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايە - پوۋېستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان »يالماۋۇز ئۈچ بۇلۇڭ ۋە UFO« ناملىق كىتابنى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى »گۆر ئاغزىدىن قايتىش« ناملىق فانتازىيەلىك ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمىنى نەشر قىلغان. بىر قىسىم ئەدەبىي ژۇرناللار ئامېرىكىلىق ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى ئىساك ئاسىموۋنىڭ ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان، بۇ كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشى نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى نەشر قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئەسەرلەر يازغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن ھەم ئۈلگە ھەم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قېلىش رولىنى ئۆتىگەنىدى. بىزگە بۇ ئەسەرلەر بەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ، بىزدە مەيلى سېھرىي، مەيلى ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر بولمىسا بولمايدۇ. مەن نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى نەشر قىلىپ تۇرۇشىغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىنى، تەرجىمانلىرىمىزنىڭ مەيلى ئۆزىمىزنىڭ، مەيلى چەت ئەلنىڭ بولسۇن، نادىر فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
سوئال: سۇلتان ئاكا، مېنىڭ بىلىشىمچە، سىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە فانتازىيەلىك ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىسىز. بۇنىڭدىن كېيىن رېئال تۇرمۇشىمىز تېما قىلىنغان ئەسەرلەرنى يېزىش خىيالىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: مەن بايا دېگىنىمدەك، ئەدەبىيات سېپىگە رېئال تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ قېتىلغان. ھېسابلاپ باقسام، 1979- يىلى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشلاپ بۈگۈنگىچە ھەرقايسى گېزىت، ژۇرناللاردا 80پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە - پوۋېست ئېلان قىپتىمەن. پەرەز قىلىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭمۇ چېكى باردەك قىلىدۇ. فانتازىيەدىن توختاپ قالغۇدەك بولسام رېئال تۇرمۇش تېمىسىغا يۈزلىنىمەن. فانتازىيەلىك تەسەۋۋۇر قوزغىلىپ قالغۇدەك بولسا، فانتازىيەلىك ئەسەر يېزىشنى ھەرگىز تاشلىمايمەن. مېنىڭ فانتازىيە ژانىرىدا يازغان ئەسەرلىرىمنىڭ سانى كۆپ ئەمەس، ساناپ باقسام، 1990- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە بولغان 20يىل ئىچىدە ئاران تۆت ھېكايە، ئالتە پوۋېست يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپتىمەن. فانتازىيەلىك روماندىن بىرنى نەشرگە تەييارلاپتىمەن. يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىمنىڭ ئۈچتىن بىرى فانتازىيە ژانىرىغا سەرپ قىلىنىپتۇ. مەن ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىمنى كەم - كوتىسىز دەپ قارىمايمەن. ئەسەرلىرىمنىڭ يېتەرسىزلىك تەرەپلىرى ئۆزۈمگە ئايان. مەيلى نېمە دېمەيلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بوش تۇرغان بۇ ژانىرغا ئۇرۇنۇپ بېقىش ئىستىكىدە قەدەم باسقانلىقىمدىن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن.
سوئال: سىز يۇقىرىدا »ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىمنىڭ يېتەرسىزلىك تەرەپلىرى ماڭا بەش قولدەك ئايان« دېدىڭىز. يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىنى سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
جاۋاب: ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلەر يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىنتىلىشلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئويلىنىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىلمىي پەرەز، ئىلمىي تەسەۋۋۇر ئوقۇغان كىشىنى ئىشەندۈرەلىشى، چىنلىق تۇيغۇسىنى ئاتا قىلالىشى كېرەك. ھېچ بولمىغاندا يېقىندا ياكى كەلگۈسىدە شۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالى بار، دەيدىغان تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويالىغۇدەك بولسىمۇ بولىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئۇ ھەقىقىي ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەر بولالايدۇ. بۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن، ئىلمىي تەسەۋۋۇر، ئىلمىي پەرەزلەرگە خۇرۇچ بولالايدىغان ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، تەجرىبىخانىلار، ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئورۇنلىرى، يادرو تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق يۇقىرى پەن - تېخنىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايلارنى كۆرۈش، مۇمكىن بولسا بىر مەزگىل شۇ يەرلەردە تۇرۇپ ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىش لازىم دەپ قارايمەن. شۇنداق قىلغاندىلا ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، تەپەككۇرى چوڭقۇرلىشىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ. مەن پەقەت بىرلا قېتىم ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەلى ھېسامىدىن بىلەن سۆھبەتلىشەلىدىم، ھەم ئۇ ئىشلەۋاتقان نەنسەندىكى رەسەتخانىنى كۆرۈپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم. كۆرۈش، بىلىش، چۈشىنىش دائىرەم چەكلىك بولغاچقا، مەن پەقەت ئۆزۈم كۆرگەن، بىلگەن، چۈشەنگەن ھەم ئاڭلىغانلىرىمنى ئىلمىي پەرەز، ئىلمىي تەسەۋۋۇرلىرىمغا خۇرۇچ قىلدىم.
مەن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى »ياغاچ ئات«نى ئىلمىي فانتازىيەگە ئايلاندۇرۇشنى ئۇزاقتىن بېرى ئويلاپ يۈرەتتىم. ئاخىر قولۇمغا قەلەم ئېلىپ »ياغاچ ئاتلىق شاھزادە« ناملىق فانتازىيەلىك پوۋېستنى يازدىم. ئەسەرنى يېزىش، ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ئۈستىدە ئويلىنىش ئۈچۈنلا ئىككى يىلدەك ۋاقىت كەتتى. قولدا سوقۇپ ياسالغان پۇرژىنا ئارقىلىق تۆمۈرچى ئۇستام ياسىغان تۆمۈر بېلىقنىڭ سۇدا ئۈزۈشى، ياغاچچى ئۇستام ياسىغان ياغاچ ئاتنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشى مۇمكىن ئەمەس. ژىيول ۋېرىن سۇ ئاستى كېمىسى »نائىتىلوس«نى لايىھەلىگەندەك، ئادەم ئىشەنگۈدەك بىر قۇرۇلما بولغاندىلا، تۆمۈر بېلىق سۇدا ئۈزەلەيتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدە بىر قۇرۇلما بولغاندىلا، ياغاچ ئات ئاسماندا ئۇچالايتتى. ئەمما مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم پۇرژىنىدىن نېرى ئۆتەلمىدى. »سېھرىي فانتازىيە« تۈرىگە ياتىدىغان بىر پوۋېستنى »ئىلمىي فانتازىيە« دەپ ئېلان قىلىۋەتكىنىمگە ھازىرغىچە خىجالەت بولۇپ يۈرىمەن. »فانتازىيە« دېگەن ئادەمنى بەزىدە ئاشۇنداق ئايىغى چىقماس ئويلارغا سېلىپ قويىدىكەن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مېنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سوئال: يازغۇچى پەخرىدىن مۇسا »باش ئەگىمدىكى رىۋايەت« رومانىنى يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىلمىي فانتازىيەلىك رومان بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى. مەزكۇر رومانغا بولغان قارىشىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟
جاۋاب: پەخرىدىن مۇسا بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىمنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئەسلەيمەن. پەخرىدىن 1997- يىلى )مېنىڭ نەشرىياتتا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىم ئىدى( »باشئەگىمدىكى رىۋايەت« ناملىق رومانىنى ماڭا تاپشۇردى. راستىمنى ئېيتسام، روماننى قولۇمغا ئېلىپ سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم، چۈنكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ فانتازىيە ژانىرىدىكى ھېكايە - پوۋېستلىرى ئەمدىلەتىن مەتبۇئات يۈزىدە كۆرۈنۈشكە باشلىغان مەزگىللەر ئىدى. روماننىڭ ئارگىنالىنى قىزىقىپ ئوقۇپ چىقىپ، ئۆزۈم بىلەن مەسلەكداش بىر ئادەمنىڭ چىققانلىقىدىن خۇش بولدۇم، پەخرىدىننىڭ يازغىنى ئىسمى - جىسمىغا لايىق فانتازىيەلىك رومان ئىدى.
»باشئەگىمدىكى رىۋايەت« ئوقۇغان ئادەمگە سېھرىي فانتازىيە تۈسىدە يېزىلغاندەك تەسىر بېرىدۇ. ئۇ شۇ ھالىتىدىمۇ سېھرىي فانتازىيەلىك رومان بولۇپ ھېسابلىنىۋېرىدۇ. ئەمما روماننىڭ ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان يېرى: قۇياش سىستېمىسىدىكى ۋېنېرا، مېركۇرىي، ساتۇرىن، مارس قاتارلىق پىلانېتىلارنىڭ مۇھىتى، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى، ئۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەر، ئاز ئۇچرايدىغان مەدەنلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، زاپىسى، ھايۋاناتنىڭ تۈرى ۋە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىش ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئېكولوگىيەگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار ۋە كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلەر ئىپادىلەنگەنلىكىدە. يازغۇچىنىڭ مەزكۇر رومانىنى يېزىشتىن ئاۋۋال كائىنات، تەبىئەت ۋە ھايۋاناتقا دائىر بىلىملەرنى ئۆگەنگەنلىكى، ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئىنتايىن قىممىتى بار مەلۇماتلار بىر نەچچە جۈملە سۆز بىلەنلا خەۋەر قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەدرىنى بىلگەن فانتازىيە يازغۇچىسى ئۇنىڭدىن شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇكى، شۇ مەلۇماتنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي قىممىتىدىن تېخىمۇ ئىشەنچلىك يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈپ، ئادەمدە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ.
پەخرىدىن ئۆزى ئۆگەنگەن تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر بىلىملەرنى، ئىپادىلىمەكچى بولغان ۋەقە - ھادىسىلەرنىڭ ئىچىگە ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈۋەتكەن. مېنىڭچە، ئەنە شۇنىڭ ئۆزى ماھارەت. شۇڭا، »باشئەگىمدىكى رىۋايەت« رومانىنى كائىنات، تەبىئەت توغرىسىدىكى بىلىملەردىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار قىلىدىغان رومان دېسەكمۇ بولىدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر روماننى يەنە سېھرىي فانتازىيە بىلەن ئىلمىي فانتازىيەنىڭ يۇغۇرۇلمىسى دەپ قارىساق تېخىمۇ توغرا باھا بەرگەن بولىمىز.
پەخرىدىن مۇسانىڭ كېيىنكى قېتىم يازغان »ھالاكەت گىردابىدا« ناملىق فانتازىيەلىك رومانىغىمۇ مەن مەسئۇل مۇھەررىر بولغان. ئۇ ئىستېداتلىق يازغۇچى. ئۇ تېخى ياش، پەرەز قىلىشى، تەسەۋۋۇر قىلىشى تازا ۋايىغا يەتكەن مەزگىلى. فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى قانداق يېزىش جەھەتتىمۇ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان. بولسا رومان يېزىشنى، بولمىغاندا ھېكايە - پوۋېستلىرى بىلەنمۇ بۇ يولدىن چەتنەپ كەتمەسلىكىنى تىلەيمەن.
سوئال: سىز ئۇزاق مەزگىل نەشرىيات ئورنىدا مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىدىڭىز. بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشنى خالامسىز؟
جاۋاب: مەن خەلق نەشرىياتىغا 1982- يىلى يۆتكىلىپ كەلدىم. 1984- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، 2001- يىلى 6 - ئايدا پېنسىيەگە چىققاندا قەدەر ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈم تارمىقىدىكى پە ن- تېخنىكا، بالىلار ئوقۇشلۇقى، ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئەدەبىي تەرجىمە، لۇغەت ۋە كوررېكتور ئىشخانىلىرىنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدىم. مېنىڭ نەشرگە يوللاشتىن ئاۋۋال ئۈستىدىن تەكشۈرۈپ ئوقۇغان كىتاب - ژۇرناللارنىڭ خەت سانىلا 15مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا »قۇرۇلۇش سېلىش چېرتيوژى«، »بېتونچىلىق«، »ئۆلچىگۈچلەر«، »خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە - ئىنگلىزچە ماشىنىسازلىق رەسىملىك لۇغىتى«، »نېفىت خىمىيە سانائىتى لۇغىتى«، »قىسقىچە ئىسلام لۇغىتى«، »ئەقىل سىناش قامۇسى«، »ئىستالىن«، »يىراقتىكى كىشىلەر«، »ئېغىر تىنىقلار«، »بەختسىز سەئىدىيە« قاتارلىق 90دىن ئارتۇق كىتابقا مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىدىم، ئۆتكەن ئىشلارنى مۇشۇنچىلىك سۆزلىسەم بولار.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------