تۇپا باسقان خەتلەر

يوللانغان ۋاقتى:28-02-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
تۇپا باسقان خەتلەر

 

تۇپا باسقان خەتلەر

ئابدۇرېشىت ئېلى

ھېلى ئالەم ئۇچۇق ئىدى، تۇرۇپلا دەھشەتلىك بۇران باستۇرۇپ كەلدى… شۇنىڭ بىلەن ئىشىك – دېرىزىلەرنى مەھكەم تاقاپ قويۇپ ساڭا خەت يېزىشنى باشلىدىم. ئەمما، خەت يېزىشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر مەسىلە ھەققىدە ئۇزاق ئويلىنىپ كەتتىم: ساڭا نېمىشقا خەت يازغۇم كېلىپ قالدى؟ بىز كۈندە دېگۈدەك كيۇ كيۇ ئارقىلىق پاراڭلىشىپ تۇرىمىز. ئارىمىزدا مەخسۇس خەت يېزىپ دېمىسە بولمايدىغان ئالاھىدە ئىشلارمۇ يوق.
ــــ بۇران توختىدى ، ـــ ئايالىم دىققىتىمنى يەنە چاچتى.
ــــ ھە …
ئۇ نېمىشقا شۇنچىلىك ئىشنىمۇ ماڭا دوكلات قىلىپ يۈرىدىغاندۇ؟ بىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا گەپ قىلغۇسى كېلىپ ئەتەي شۇنداق دېدى، لېكىن، ئۇ بۇنداق گەپكە جاۋاب بەرگىلى ، بۇنداق گەپ ئارقىلىق رەسمىي سۆھبەتكە كىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدى…
ۋادەرخ، بۇ يەردە پات – پات بۇران چىقىدۇ، يامغۇرمۇ يىغىپ قويىدۇ. بىر تۇرۇپ بۇ يەر ئۈرۈمچى بىلەن ئالمىشىپ قالغاندەكمۇ تۇيۇلىدۇ… نېمىلا بولمىسۇن، زاماننىڭ ئۆزگۈرۈۋاتقانلىقى راست!
شۇنداق قىلىپ مەن مەقسەتسىزلا ساڭا خەت يېزىش قارارىغا كەلدىم ۋە مۇشۇ تاققۇ جۈملىلەر بىلەن باشلىدىم. سەنمۇ ماڭا خەت يازىسەن، بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشنىڭ ئاساسى يوق. لېكىن، سەن مەندەك «“خەت يېزىش“ ھەققىدە ئويلىنىپمۇ ئولتۇرمايسەن ھەم يەنى دەل ماڭا خەت يېزىۋاتقىنىڭدا ئايالىڭ سىرتتىن كىرىپ ئەتەي دىققىتىڭنى چېچىشىمۇ ناتايىن. دېمەك، مەن ساڭا خەت يازدىم. ئارىمىزدا نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى، يۈرەكلىرىمىزدىكى يارا شەلۋەرىدى… بىز بەلكىم مۇشۇ ھەقتە سۆزلىشىشىمىز مۇمكىن.
بۇ تۇنجى خەت مۇشۇنداق باشلاندى. دەسلەپتە قەلىمىمنى قانداق توختىتارمەن دەپ ئەندىشىدىمۇ بولغانىدىم. ئايالىم دىققىتىمنى چاچقاندىن كېيىن زادىلا يىغالمىدىم.
بۇران توختاپتۇ، ئەمدى ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىپ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇراي. ئەتىدىن ساڭا مۇشۇ خەتنى يازغۇچە 5 تال تاماكا چېكىپتىمەن… ئۆينىڭ ئىچى ئىسقا تۇلۇپتۇ…
X X X X
خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا بۇران يەنە گۆكىرەۋاتاتتى… ئىتتىكلا ئۇقۇشقا باشلىدىم، خۇددى خېتىڭدە سەن بۇراننىڭ توختايدىغان مۆھلىتى ھەققىدە بىرەر ئىشەنچىلىك ئۇچۇر ئەۋەتىدىغاندەك… كەچلىك تاماقنى يەپ بولدۇم، بۇ ماڭا نىسبەتەن بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇمۇ بىر چىرايلىق قىز بولۇشى مۇمكىن. ئىنتېرنىتتا ھاياجان يوق. مەن دائىم سائىتمگە قارايمەن، گۇيا ئۇ پات – پات شەكىل ئۆزگەرتىدىغاندەك. لېكىن، ئىلگىرى سىكۇنت، مىنوت، دەقىقىدىن ئىبارەت ئۈچ تال ئىستىرىلكىدىن ۋە بەزىدە ئادەم ئېلىشىپ قالغۇدەك سان بەلگىلەردىن تەركىب تاپقان يۇمۇلاق نەرسىگە قارىغان بولسام ھازىر بىرىنچى سىنىپنى پۈتتۈرگەن ھەر قانداق ئادەم بىلەلىگۈدەك ئۆلچەملىك سان-سىفىردىن تەركىپ تاپقان، ئاستىن ئۈستۈن ئىككى چېكىتى توختىماي لىپىلداپ تۇرىدىغان نەرسىگە قارايمەن… بۇ يەردىكى ئۆزگىرىش مېنى ئەزەلدىن ئويلاندۇرۇپ باقمىدى.
بىز كۆپ ھاللاردا باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاپ كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىمىز. ھېلىقى دوكتۇر قىزغا ماڭا دىسىرتاتسىيە ماقالىسى يېزىپ بېرىڭ دېسەم، ئۇ ”ئەمدى يېزىپ بەرمەيمەن“ دېدى. ئىككىمىزنى دائىم بىر ئادەممىكىن دەپ قالىمەن. ئۇلارنىڭ يازغان شېئىرلىرىدا ھېچنېمە يوق… قاراڭغۇ چۈشۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭى لەتىپىلىرىنى كۆرمىدىم. تور مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ نەرگە ئاپارماقچى؟ شېئىر چۈشىنىدىغان نەرسىمۇ ياكى ھېس قىلىدىغان نەرسىمۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئۇزاقتىن بىرى ئويلىنىۋاتىمەن. بۈگۈن بالىلارنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىۋېتىش ئىشىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن يالغۇزلۇققا موھتاجمۇ؟ نېمىشقا كۆزلىرىمدە ھەسرەتلىك بىر تامچە ياش چاقنايدۇ… مەن يۇغان قۇرساقلارنى كۆپ كۆردۇم، ئۇلاردىن سورىساڭ، ”بىز باشقىلارنىڭ دەردىنى تارتىپ بۇلالماي مۇشۇنداق قۇرساق سېلىۋالغان“ دېيىشىدۇ. يازدا سۇغا چۆمۈلۈش كېرەك. دەريالار چاڭقاپ چاك- چاك يېرىلىپتۇ. قۇياش ئەمدى ئەتە چىقىشى مۇمكىن.
مەن چەتئەل كىنولىرىنى كۆرگىلى ئامراق، خونتېر ئاجايىپ پالۋان ئادەم… لېكىن، ئۇنىڭ پالۋانلىقىدىن گۇمانلانماي تۇرالمايمەن. ئۇ نېمىشقا پالۋانلىق قىلىدۇ، بۇ ئۆزىنى كۆرسىتىش بولماي نېمە! ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئابدۇرېشىت ئاللىقاچان تۇپراققا ئايلىنىپ كەتتى، ئۈلۈكلەر ھەققىدە باشقا نەرسە دېگۈم يوق. مەن پىكىر قىلىپ قېرىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئەركىنلىك بىزنىڭ ھويلىدىكى كەپسىز ئىككى توخۇغا ئوخشايدۇ. ئازراقلا بىخۇتلۇق قىلساق ھە دەپ ئۆيگە كىرىۋالغان. ئايالىم دائىم ئىشىكنى ئۇلۇغ ئېچىپ قويۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كېتىدۇ. مەن كيۇ كيۇدىكى كىمدۇ بىرسى بىلەن ئۇرىشىمەن. ئەمما، ئۇنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ماڭا ئايان. دۇنيادا مەۋجۇت ئەمەس نەرسىلەر بىز ئاز ۋەھىمە پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
شۇنداق قىلىپ يەنە ساڭا جاۋاب خەت يازالمىدىم…
X X X X
خېتىڭغا ۋاقتىدا جاۋاب يازالمىدىم، سەۋەبى: مەن ساڭا خەت يېزىپ بولۇپ تۇرۇشۇمغا يەسلىدىكى ئوغلۇم كوچا قاتىلى ئوينايمەن دەپ كومپيۇتېرنى مەندىن تارتىۋالدى. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەزەلدىن بىر مەغلۇبىيەتچى… ئارلىقتا نېمە قىلىشنى بىلمەي سىرتقا چىقىپ كىردىم، ئايالىم ئاشخانىدا تاماق ئىتىۋاتاتتى. خېمىر پىلتىسىنىڭ تاختىغا تەگكەن ئاۋازىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىر خىل زېرىكىشلىك جىمجىتلىق ئىچىمنى سىقاتتى. يەنە ئۆيگە كىردىم – دە، ئەتتىگەن پوچتالىيۇن ئەكىلىپ بەرگەن ”جۇڭگو مىللەتلىرى“ دېگەن ژۇرنالنى قۇلۇمغا ئېلىپ بىر قۇر ۋاراقلاپ چىقتىم… ”ئىككى شېئىر، مۇختار بۇغرا“ بىردىنلا يۈرىكىم ئەنسىز سېلىپ كەتتى…
چوڭ بالام يۈگرەپ كىرىپ قولۇمدىكى ژۇرنالنى تارتىۋېلىپ مۇقاۋىسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن يەنە قۇلۇمغا تۇتقۇزدى (ئۇنىڭدا يېقىندىن بىرى شۇنداق بىر ئادەت شەكىللەنگەنىدى). ”جۇڭگو مىللەتلىرى“ ئىككى قۇرغا يېزىلغان بۇ خەت كۆزۈمگە ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولۇپ كۆرۈندى… ”جۇڭگو مىللەتلىرى“ جۇڭگو دېگەن سۆز مىللەتلىرى دېگەننى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك تۇيۇلدى… ژۇرنالنىڭ باسما سۈپىتى خېلىلا ياخشىلىنىپتۇ دېدى ئايالىم بىر قولىدا بىر تەخسە لەڭمەننى كۆتۈرۈپ كىرگەچ. ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن ”ئەمدى سىز تاماق يەڭ، ژۇرنالنى مەن ۋاراقلاي“ دېگەن مەنانى ھېس قىلدىم.
بالام تەرىپىدىن ئاخىرى ماڭا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. يۈرەكلىرىم ھاياجاندىن سەكرەيتتى. تىزلا تورنى ئاچتىم ۋە ساڭا يازغان خەتكە قارىدىم. پاھ… بىردەمنىڭ ئىچىدە ئىنكاس دېگەن يېغىپ كېتىپتۇ… ھەممىسىنى ئۇقۇپ چىقتىم… مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقىنى شۇ بولدىكى، ھېلىقى بالا (كىمدۇر بىرى ئۇنى 30 ياشتىن ھالقىغان ئادەم دېگەندەك قىلغان، بالا دېسەم خاپا بولۇپ كەتمەس – ھە! كىمنىڭمۇ بالا بولغۇسى يوق!) ئۆزىنى كەمىنە ئابدۇرېشىتنىڭ ئورنىدا قويۇپ ساڭا (خۇددى ئۇ سەن بىلەن ماڭا ئوخشاش ئاغىينىدەك) خەت يېزىپتۇ… خەت يېزىشنىڭ مۇنداقمۇ شەكلى بارلىقىدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم… ئۇنىڭ يازغانلىرى پۈتۈنلەي تاققۇ-تۇققۇدەك بىلىندى، لېكىن، ئۆزۈمنىڭ ھالىنى ئويلاپ بېقىپ ”ياخشىكەن“ دېگەن يەكۈننى چىقاردىم… نېمىلا دېگەن بىلەن ئوتتۇز ياشلىق ئادەم بوش يەردىن چۈشمەيدىكەن… مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنمۇ كۆرگەن. شېئىرلىرىمۇ خۇددى مۇشۇ خېتىدەك تاققۇ – تۇققۇ سۆزلەر دۆۋىسى ئىدى… راست، بۇنى ئەركىن ئىپادىلەش دەيدىكەن! سادىغاڭ كېتەي، مەن ئەمدى ئۆگىنىمەن! ئەمما، نېمىنى ئۆگىنىشنى بىلىشمۇ بىر خىل بايقاش ھېسابلىنىدۇ. بەزىدە ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمەيدىغاندەك، بەزىدە مەن ئۈچۈن سىر قالمىغاندەك تەسىراتتىمۇ بولىمەن… ئىشقىلىپ، مېنىڭ ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىم قىل سىغماس ھەقىقەت!




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار