خەير، خېتىم بېرىپ بولغۇچە قاراڭغۇ تۇلۇق ھۆسنىگە تولۇپ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سەن ئۇنى جەزمەن ۋاقتىدا ئوقۇيسەن. چۈنكى، ئاي بولمىسا يۇلتۇز بار ئەمەسمۇ! X X X X مېھمان كۈتۈش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز بولمىغىنىدەك، مېھمان بولۇشمۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ئەمەس. ئچىۋەرسەڭ سۇمۇ تۈگەيدۇ. يىراق كۆكتە ئۇچقان كەپتەردە ئەزەلدىن زەڭگەر خىيال بولۇپ باقمىغان دېسەم ئىشىنەمسەن. سەن تەرەپتىكى قاراڭغۇلۇق بەلكىم مەن تەرەپتىكى دەھشەتلىك تاڭدىن بىشارەت بەرسە كېرەك. مېنىڭ سەن بولماي ئابدۇرېشىت بولغىنىم جىنايەتمۇ؟ ئوۋچى كىيىكنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۇيقۇغا كەتتى. ئۈلۈك مەنالارنىڭ قەبرىسى بولۇپ سۇزۇلۇپ ياتماقتا… بالىلارنىڭ بىز ھەققىدىكى قۇرقۇنچلىق خىياللىرى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ: يۇپۇرماقلارنىڭ ھۆسنىگە تولمايلا سارغىيىشى كۈز پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ دېگەن سەپسەتىدىن گۇمانلىنىش كېرەك. خاككېرلىق بىلىمى كومپيۇتېردا ئەمەس. بىلگەيتىس ئالدىدا 10 مىڭ دوللار چېچىلىپ ياتسا قاراپمۇ قويماي كېتىۋىرىدىغان ئالدىراش ئادەم. ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دە «شائىرلىق ئەركىنلىكى قەيەرگىچە» دېگەن ماقالىنى يېزىپ بالاغا قالدى. مەن ئەمدى ئۇنى ئاۋامنىڭ خاھىشى بويىچە مۇنداق ئۆزگەرتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم: «مۇھەببەت ئەركىنلىكى قەيەرگىچە»… ئاسىمجان 2-3 بەت گەپ سېتىپ مەقسىتىنى چالا – پۇلا ئۇقتۇرغان بولسا، مەن بىر جۈملە سۆز بىلەنلا ئىپادىلەيمەن «مۇھەببەت ئەركىنلىكى ئىشىكتىن كارىۋاتقىچە»… جاللات قېلىچىنى بۈلەپ قويۇپ بىمار داۋالاشقا كېتىپ قالىدۇ. نەسىرلىرى بولسا بىچارە شېئىرلىرىنىڭ كىكىرتىكىدىن بوغۇپ ئۆينى بېشىغا كىيىدۇ. ئۇ بۇ دۇنيادا بىرمۇ ساق ئادەم يوق دەپ قارايدۇ. مەنچە بولسا ھەر ئادەم كېسەل بولغىنىدىن چەكسىز پەخىرلىنىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بەرگەن ئاخىرقى شاپائىتى، ئاخىرقى پۇرسىتى. كېسەل ئادەم ئەركىن خىيال قىلىدۇ، كېسەل ئادەم ئىشتانلىرىنى يىرتىپ تەنھا شاختىكى قىپقىزىل ئالمىغا ئېسىلمايدۇ… كىم ئۇ ئاياللارنى ئالۋاستى دېگەن؟ ئاياللار بولسا كىمدۇر بىر نامەلۇم خىسلەت ئىگىسى تەرىپىدىن تۈجۈبۈلەپ تىزىلغان چىرايلىق بىر دەستە گۈل. پۇرىيالمىغىنىڭ گۈلنىڭ گۇناھى بولسا – ھە!…….. ئەمما، شۇنى بىلىش كېرەككى، شائىرلارنى پەلسەپە ئىزدەپ باياۋانغا كەلگەنلەر دېسەڭ خاتالاشقان بولىسەن. ئۇلارنىڭ سەرسان مىسرالارنى ساڭا چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى يوق. سەن ئەركىنلىكىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئۇخلىساڭ، ئۇلار ئەركىنلىك تۇيغۇسىنى چەكسىز ئۇزارتىش ئۈچۈن ئەينەك چوڭقۇرىغا غەرق بولىدۇ… خوتۇن قويۇۋېتىش بايرىمى بولسا مېنىڭچە ھېچكىم ئەجەبلەنمەيدۇ. چۈنكى، ھازىر ھەممە ساھەدە بايرام بار. مەن ئەزەلدىن تالادا قالمىغان. 4 تام ئىچگە قايتىپ كېلىپ دائىم ئۆزۈمنى بىر تەكشۈرۈپ چىقىمەن. «بالىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىپتۇ، تۇخۇم يىگۈزەيلى» دەيدۇ ئايالىم. مەن مۇشۇنداق كالامپاي ئادەم، كونىلارنىڭ تىل ئادىتى بويىچە ئېيتقاندا، ئىشارىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمەن. ئۇ كۈزۈمنىڭ ئىچىگە مىقتەك قادىلىدۇ. شۇ چاغدىلا مەن ئۇ مەندىن تۇخۇم سېتىۋالغىلى پۇل سوراۋېتىپتۇ دەيمەندە، يانچۇقۇمنى مالتىلايمەن. مىڭ تەستە پارچە- پۇرات قەغەزلەر ئارىسىدىن ”جۇڭگۇ خەلق بانكىسى“ دېگەن بىر نەچچە خىل يېزىق بار قاتلانغان، يىرتىلغان پۇللارنى ئىلغاپ چىقىمەن… مۇشۇنداق جىددىيچىلىك ئىچىدە پارچە – پۇرات قەغەزلەردىن بىرەرىنى يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، شۇنداق چاغلاردا ئوغلۇم ئىتتىكلا كىلىپ قەغەزنى يەردىن ئالىدۇ – دە، ئۇقۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن دادا – بالا ئوتتۇرىسىدا ھېچكىمگە دېگىلى بولمايدىغان سىرلىق بىر ئىش يۈز بېرىدۇ. ئەر كوچىدا ئويلايدۇ: جىنىسنى كۈچلەندۈرۈش توغرىلىق ئېلان ۋاقىتسىز قار… ئادەم دېگەنگە زادى نېمە كەلمەس ھار! كوچىلارنى جىنسىيەت ھەققىدىكى ئېلانلار قاپلاپ كەتتى. تېخى 15 كىمۇ تولمىغان قىزلار ساڭا بىر ۋاراق ئېلان تېكىستىنى ئۇزاتقاندا نېمىلەرنى ئويلايدىغانسەن؟ مەن بۇ يىلقى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئانامنىڭ تۇپراق باشىغا چىقىپ يېزىلمىغان شېئىرلىرىمنى ئوقۇيمەن. ئانام شېئىر يېزىشىمغا ئۆچ ئىدى، شېئىر يېزىش بولسا مەڭگۈلۈك خاتالىشىش دەپ قارايتتى. شۇڭا، مەن شېئىر يازمىدىم، لېكىن، شېئىر ئۇقۇشقا خۇمار بولۇپ چوڭ بولدۇم. دائىم شېئىرلارنى ئوغۇرلۇقچە ئۇقۇش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنىدى، خۇددى تۆت ئەتراپتا ئانامنىڭ كۆزى مېنى ماراپ تۇرغاندەكلا ئويلايتتىم. ئانام 4 -ئوغلىنىڭ ياۋاش پۇقرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى… ساڭا خەت يازاي دەپ ئولتۇرۇپ باشقا نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇرۇمغا سىغدۇرالماي قەلەمنى سۇندۇرۇۋەتتىم. بۇ بىر پارچە ئاق قەغەز… سەن ئۇنى ماڭا يېزىلغان خەت دەپ چۈشەنگەيسەن. X X X X مەن تۇرۇپلا خاتالىق بىلەن ئۆزۈم ئوتتۇرىسىدا بىر سىرلىق باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. مەن كېچىلەپ ئىشلەۋاتقىلى بىرەر ئايدەك بولدى، ئۇرۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۈستىخان بولۇپ قالغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېلىمۇ تاماكا چېكىپ، ئۈچ ۋاق يىيەلمىسەممۇ ئىككى ۋاق تاماق يەپ يۇرۇپتىمەن…. ئادەم 30 ياشتىن ھالقىغاندا خىيالچان بولۇپ قالىدىكەن: مىللەت ئۈچۈن نېمە قىلدىڭ؟ ئەۋلادلىرىڭغا يۈز كېلەلەمسەن؟… مۇشۇ سۇئالنى ئۆزۈمگە تەدبىقلىسام ئۆزۈمنى تېخى 20 ياشقىمۇ تولمىغاندەك ھېس قىلىمەن. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا،مەن ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرەلەيمەن. بۈگۈن قىلمىسام ئەتە قىلمامدىم دەپ كەيپىياتىمنى تۇراقلاشتۇرالايمەن. تېلېفۇنۇم ئەنسىز سايراپ دىققىتمنى يەنە چاچتى (مەن بۇ ھەقتە گەپ قىلمىغىلى ئىككى يىلدەك بولۇپ قالغان). ”جىددىي ئىشىڭ بولمىسا سۇغا چۈمۈلۈپ كېلەمدۇق“ ھېكايە يازىدىغان بۇ دوستۇم تەرلەپ كەتكەن چېغى، مەن ئىككىلىنىپ ئولتۇرمىدىم : ”بولىدۇ، ئەمىسە مەن سېنى تۆت كوچا ئېغىزىندا ساقلايمەن“ … بىز سۇغا چۈمۈلمەكچى ئىدۇق، لېكىن دەريالار رىستۇرانغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. كونىلارنىڭ ”زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق“ دېگەن ھېكمىتىنىڭ روھى بويىچە دەريانىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان رېستۇرانغا كىردۇق. شۇ تاپتا بىز ئۈچۈن مۇزدەك پىۋا ئىچىش بىلەن لاي سۇغا چۈمۈلۈشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقتەك ئىدى. ”شۇ ئاخشام“ بۇ تۈركىيەلىك مۇراد كېكىللى ئېيتقان ناخشا. مەن سېنىڭ تەۋسىيەڭ بىلەن بۇ ناخشىنى ئاڭلىغىلى نۇرغۇن زامانلار بولدى. لېكىن، شۇ ئارىلىقتا مەن تېخى بىر ياشقا كىرمىدىم. سەن بىلەن بىز ئەمدى شېئىر يازماسلىقىمىز مۇمكىن. شېئىر يېزىش بىلەن باياۋانغا كىرىشنىڭ نېمە پەرقى. مەن يەنە 15 كۈندىن كېيىن ماقالە ئۇقۇيمەن. شۇ نەرسە ئېنىقكى، مەن ماقالەمدە بۇ ھەقتە توختالمايمەن. چۈنكى، مەن بۈگۈن زور خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويدۇم، قانداق خاتالىق دەمسەن؟ مەن قاراپ تۇرۇپ بىر ئەركەكنى ئايال سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپتىمەن. بەلكىم، بۇ مېنىڭ ئەزەلدىن ئاياللاردىن كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالمىغىنىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئۇنىڭغا دېگەن بىر ئېغىز سۈزۈم كوچىدا سازايى قىلىندى، خۇددى مىللىي مۇناپىقنىڭ جەسىتى قۇرىغان دەرەخكە ئېسىلغاندەك… مەن مۇشۇنداق بىر تەپسىلاتنى كۆرگەن. بۇ لۇشۈننىڭ يازمىلىرىدا بارمۇ؟ لۇشۇن بىلەن مەن ئىككى زاماندىكى مەغلۇبىيەتچىلەر. مۇشۇ قۇرلارنى ئۇقۇۋاتقىنىڭدا، بۇ ئاداش ئۆزىنى لۇشۈنگە سېلىشتۇرۇش خاتالىقى ئۆتكۈزۈپ قويدىمۇ – نېمە؟ دېگەن گۇمان قەلبىڭگە سۇس سايە تاشلاپ ئۆتۈشى مۇمكىن. ئەمما، سەن بۇ يەردە تېخى بۇراننىڭ توختىمىغانلىقىنى بىلىسەن. |