تۇپا باسقان خەتلەر(3)

يوللانغان ۋاقتى:28-02-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
زامان تەرەققىي قىلسا مەخپىيەتلىك دېگەن سۆز لوغەت تەركىبىدىن قېچىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ. مەن دەل شۇ سۆزگەمەنا ئى

زامان تەرەققىي قىلسا مەخپىيەتلىك دېگەن سۆز لوغەت تەركىبىدىن قېچىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ. مەن دەل شۇ سۆزگەمەنا ئىزدەپ بىر كۈن لوغەت ئاختۇردۇم… بىر چاغدا ئوغلۇم ”يۈرە دادا، بازاغا چىقىپ ماڭا پۇل خەجلەپ بەر“ دەپ قالدى. دەرھال كىتابنى يېپىپ قويۇپ ئوغلۇمنىڭ پىشانىسىدىن سۈيۈپ قويدۇم.
يۇمۇردىن مەنا چىقمايدۇ دېگەن گەپكەئىشەنمەيمەن. بۇ خۇددى مەن سېنى قەرزدار قىلىپ قويىمەن دەپ يۈرۈپ ئۆزۈم قەرزگە بۇغۇلۇپ قالغىنىمدەكلا بىر ئىش… مۇراد كېكىلى ”شۇ ئاخشام“ نى ئۇقۇماقتا: ساڭا ئۈلۈپ بىرەرمەن، مېنى ھېچكىم تۇتالماس…
بىلىمەن، سەنمۇ بۇ ناخشىغا ئامراق. بۈگۈن خەت يېزىشىنى قۇربان قىلساقمۇ بۇ ناخشىنى چۇقۇم ئاخىرغىچە ئاڭلىشىمىز كېرەك. قىز – يىگىتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تىراگىدىسى ئەمدى تەكرارلانمايدۇ…
X X X X
بالامنى بەزلەش، گىپىمنى ئاڭلىمىسا ئەدەبلەش ماڭا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ھوقۇقمۇ؟
__ چاپان كىيىمەن
__ بالام مۇشۇ چىدىغىلى بولمايدىغان ئىسسىقتىمۇ چاپان كىيەمدۇ كىشى!
__ مەن تۈڭۇپ كەتتىم، چاپان كىيىمەن…
ئوغلۇمنىڭ قەغىشلىكىدىن جۇدۇنۇپ تۇتۇپ تىز – تىز كىتىۋاتقان قەدىمىمنى مىقلاپ قويغاندەك توختاپ قالدىم.
__ مېنى كۆتۈر -، بالام مىشىلدىغاچ پىشىمگە ئېسىلدى. ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەن بولساممۇ يەنە ئۇنىڭغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم:
__ ئوغلۇم سەن كىچىك بالىمۇ چوڭ بالىمۇ؟
__ چوڭ بالا
__ چوڭ بالا دېگەنمۇ دادىسىنى كۆتۈرۈڭ دەپ تۇرۇۋالامدۇ؟
__ ئەينا ئانام بەزىدە ساڭا ھاپاچ بولۇۋالىدۇ…
يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا ئىتتىكلا قارىدىم… خۇداغا شۈكرى، بىرەرى بالام بىلەن مېنىڭ سۆھبىتىمگە دىققەت قىلغاندەك ئەمەس. بالامنى كۆتۈرۈپ يەسلىگە كېتىۋاتىمەن. ”سۇفىيەنىڭ دۇنياسى“ دېگەن كىتابنى تېخى ئۇقۇپ تۈگەتمىدىم. كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىگە مۇنداق خەتلەر يېزىلغان: ”سۇفىيەنىڭ دۇنياسى، پەلسەپىۋى رومان“ … مەن بۇ كىتابنى ”پەلسەپىۋى رومان“ دېگەن گەپكە قىزىقىپ سېتىۋالغان. پەلسەپىۋى رومان دېگەن قانداق بولىدىغاندۇ؟ بەلكىم، كىتابنى ئۇقۇپ تۈگەتكەندە ئاندىن بۇنىڭغا جاۋاب تېپىلىشى مۇمكىن.
تۈنۈگۈندىن بىرى سېنىڭ كەيپىياتىڭدا باشقىچە ئۆزگىرىش بولغاندەك ھېس قىلدىم. مەن ئويلايمەن، ئادەم دېگەننىڭ كەيپىياتى يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۆزگىرىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى يېڭىلىنىش دەپ تەرىپلىسەك ئارتۇقچە بۈلمايدۇ. بىزنىڭ تۇخۇ تۇخۇم قۇيمىغانلىقى ئۈچۈن بىر ۋاق تاماققا يارىدى. ئۇنىڭ بوينىدىن جىرغىپ قان ئېقىۋاتقاندا مېنىڭ يۈرەك باغرىممۇ ئېقىپ تۈگىدى. ئاياللار ئەينەككە قاراۋىرىپ ئەينەكتىن زىرىكەرمىش. دېرىزە ئاينى كۆرمەسلىك ئۈچۈن تىمتاسلىققا غەرق بۇلامدۇ؟ ئوغلۇمنى چوڭ بولسا ساقچى بۇلامدىكىن دەيمەن، ئۇ كۇچا قاتىلى دېگەن ئويۇننى ئوينىغاندا پۇقرالارنى ئۆلتۈرسە ئۆلتۈرىدۇكى، ساقچىنى ئۆلتۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا ھەيران قېلىپ ”نېمىشقا ساقچىلارنى ئۆلتۈرمەيسەن“ دېسەم، ئۇ ”ساقچىلارنى ئۆلتۈرسەم تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلىدۇ“ دەپ جاۋاب بەردى. ئەمدىلا 4 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىنىڭ بۇ گىپى ماڭا دۇنياسازلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەندەك بولدى…
بۈگۈن ساڭا خەت يازمىدىم، خەت يېزىپ پاراكەندە كۆڭلۈڭگە تەسەللىي نېرىشىمنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ماڭا ئايان… لېكىن ئوغلۇم ھەققىدىكى بۇ بايانلاردىمۇ يەنە ئېزىش يۈر بەردى. لېكىن، تاماكا چەكمىدىم. بۇگۈن ئوينى ئىس قاپلاپ كەتسە دېرىزىنى ئاچقىلى بولمايدۇ. نىمىشقا دەپ ياندۇرۇپ سورىمايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن، شۇنداقتىمۇ، كىچىككىنە ئىزاھات بەرگىنىمنىڭ يامىنى يوق. چۈشتىن كېيىن بۇ يەردە تۇپا يىغىشقا باشلىدى… ئۈچىنچى ئەۋلاد شائىرلار ھەققىدىكى ئەپسانىنى پات – پات جاللاتنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ قالىمىز. ئۇ يېقىندىن بىرى كېسەل داۋالاپ ئۆزىمۇ كېسەل بولۇپ داۋالىنىپ يۈرەرمىش…. مەن بۈگۈن يەنە پىۋە ئىچىدىغان ئوخشايمەن. چۈنكى ھېلىلا يازغۇچى دوستۇمنىڭ تېلېفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئاۋازىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ كەيپى چاغ ئوخشايدۇ. ئىلگىرى كەچتە ئىچمەيتتىم، ئەمدى كۈندۈزى ئىچمەي كەچتە ئىچىدىغان بولۇپ كەتتۇق… كېچىدە سەندىن باشقا ھېچنېمە يوق.
ماڭا خەت يازىمەن دەپ قەلەم سۇندۇرۇپ يۈرمىگەيسەن… چۈنكى، بىز ھامان قىلمىغاننى قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ يۈرگۈچىلەرمىز. مۇراد كېكىلىنىڭ «بۇ ئاخشام» دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلىما، بولۇپمۇ بۈگۈن! چۈنكى، ئۈلۈم تۈنۈگۈندىن باشلاپ مەنىسىنى يۇقىتىپ قويدى! خەير!
X X X X
ئۇ ساڭا يازغان خېتىمنى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭچە بۇ خەتنىڭ كۆڭۈلنى ئازادە قىلىش رولى بارمىش. ئۇ تېخى ”ئابدۇرېشىتنىڭ ئاتىسىغا رەھمەت“ دەپتۇ. كارۋان ئۆتكەن يولدا بىر توپ ئىتنىڭ سايىسى قېتىپ قالغان…. بەزىدە تۇرۇپلا جۇدۇنۇپ تۇتۇپ قالىدۇ. جىم تۇرغان تامغا ئۈسۈپ پىشانىسىنى يېرىۋېلىپ ”ئۆزۈمنىڭ شورى“ دېگەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدۇق. جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاينى مەدھىيەلەش سېنىڭ قىسمىتىڭ بولمىغىنىدەك ئۆزۈمنى چۈشەندۈرۈش، يازمىلىرىمدا نېمە دېگەنلىكىمنى بايان قىلىشمۇ مېنىڭ قىسمىتىم ئەمەس. مەن دەريانى يازغاندا، تاشلار ئۆز – ئۆزىگە چۈكۈپ كېتىدۇ. جىگدە چېچەكلىرىدىكى ئاخىرقى تېۋىشلار كۈننىڭ تىزراق پېتىپ يۇلتۇزلارنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەن ھازىرغىچە بولغان قىسقا جەرياندا تېنچ ئولتۇرۇپ ساڭا سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالمىدىم. سېنىڭ تۇيۇقسىز ئىسىم ئۆزگەرتىشىڭ مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا نۆل ئالغىنىمغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى مېنىڭ شېئىر يازغان خاتىرەمنى شۇ سەۋەبتىن تارتىۋالغان… ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ئاق خاتىرە ئىدى، ئەپسۇسلىنارلىقى مۇئەللىم ئۇنىڭدا شېئىر بار دەپ ئويلايتتى. ئۇ ماڭا تەنبىھ بىرىپ: ”شېئىر – قوشاق دېگەن يوق نەرسە، ماتېماتىكىدەك رېئال نەرسىلەرگە پەرۋاسىز قارىغىنىڭغا ھەيرانمەن“ دېگەنىدى. لېكىن، ئۇ ھازىرغىچە مېنىڭ ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇيغۇسىز بىر كېچىنى ئۆتكۈزگىنىمنى بىلمەيدۇ. قىزلارنى ئالداشمۇ بىر تۈرلۈك روھىي پائالىيەت. بۇ پائالىيەتتە سەن، بىزدەكلەر كۆپ ھاللاردا ئالدانغۇچىغا ئايلىنىپ قالىمىز. ئۇلار بىزگە خوش دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي كېتىپ قالىدۇ، خۇددى ئۇلارنىڭ «ئەسسالام» دەپ كەلمىگىنىدەك، كەتكىنىدىمۇ «خوش» دېمەسلىكىدە مەلۇم ئاساس بار… بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر خىل يالغانچىلىق دەۋر سۈرگىلى نۇرغۇن يىللار بولدى. بىز ھەر قېتىم «ئەتە ھېلىقى دوقمۇشتا كۆرۈشەيلى» دەپ خوشلىشىمىز – يۇ، ئەتىسى ھەر ئىككىلىمىز ئۆز تۈشەكلىرىمىزدىن تۇرىمىز. ئەمما، بىز مۇشۇنداق دەپ ۋەدە بەرمەسلىككە ئامالسىزمىز. بىز يازمىغان شېئىرلاردا مۇنداق مىسرالارنىڭ بارلىقىنى باشقىلار ئاللىقاچان مۇئەييەنلەشتۈرۈپ چىقتى:



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار