يۇلتۇز يۈرەك
(شېئىرلار)
قەھرىمان روزى ئەرچىن
يورۇق پەرۋازغا سىلكىندىم
جېنىم سىلكىندى ئەسلەردىن كۆزى تۈندەك قاراسىدىن،
يۈرۈپ دەشتلەردە قەلبىڭگە سىڭىپ كىرمەك بالاسىدىن.
قاناتتىن قايرىلىپ قالسام سېنىڭ شەيدالىقىڭ رىغبەت،
يورۇق پەرۋازغا ئايلاندىم ئۇنىڭ ئىشقى بالاسىدىن.
خىياللار تەشۋىشى دەھشەت،مۇھەببەتتىن ئاگاھ بولسام،
پۈتۈمنى بۇزغىلى بولماس يورۇق پەرۋاز چالاسىدىن.
قاتار ئەسكەن شاماللاردىن يۈرەكىڭ تىۋىشى كەلسە،
خالاس بولسام قوقاسلانغان قارا ھىجران ياراسىدىن.
سىناپ كەلدىڭ ئايا دىلبەر ئىشىقنىڭ ئىمتىھانىدا،
سەپەردىن پايسىنارىم يوق،ۋە يا كەچمىش قازاسىدىن.
دېسە
بارمىدىم، ئازغۇندىلار بىر كەل دېسە،
قىز، ھوقۇق، شۆھرەت، پاراغەت تەل دېسە.
شار كەبى پۈۋلەپ ئۇچۇرساق كۆك ئارا،
تەل بولۇر، مەقسەت- مۇرادىڭ ھەل دېسە.
ماڭغىنىم ماڭغان ئادالەت يولىدا،
شاد ئۆلەي ئوغلۇم مېنى زۇھەل دېسە.
شوخ كۈلۈپ قانداق تۇراي يار ئالدىدا،
ياش تۆكۈپ قىلغان قەسەمنى يەل دېسە.
پۇت قويۇپ يۈگرەپ باراي باشىم بىلەن،
بار مانا ‹‹ئارۇزىدىن رەمەل ››دېسە.
دوستقا مەن قولغا قانات، دىلداش بولاي،
ھەر قاچان قەلبىمدە مىللەت- ئەل دېسە.
جۇدا
ئېھ !جانان قىلدىڭ مېنى جاندىن جۇدا،
مەۋج ئۇرۇپ ئاققان قىزىل قاندىن جۇدا.
تاغ يارار پەرھات كەبى ئەركەك ئىدىم،
بوپتىمەن تەن ساقلىقىم- خاندىن جۇدا.
دىلبىرىم ئەگدىڭ بويۇمنى دال قىلىپ،
تال كەبى تۇرغان بۇ دەرماندىن جۇدا.
ماڭمىدى ئەمدى قەلەملەر يورغىلاپ،
قىلدى يار ئىلھام پىرى كاندىن جۇدا.
كەل يۇرەكىمنى بىرەي بىر گۈل قىلىپ،
گاھ پۇرا، گاھ قىل خازان،ياندىن جۇدا.
سەن ئۈچۈن دوزاخقىمۇ يۈگرۈپ باراي،
قول ئۈزۈپ شۆھرەت، ئاتاق- شاندىن جۇدا.
يۇلتۇز يۈرەك
مېنىڭدىكى مەسۇم يۈرەك
ئاڭا رەڭسىز كۆرۈنگىدەك.
قانداقلارچە چوغلۇق گۈلى
كۆرۈنىدۇ ياۋا چېچەك.
كىممۇ بىلەر، كىممۇ بىلەر،
جۈپ يۈرەكنى خىرەلىكتە.
شەپەق نۇرى چوغ گۈلىدەك
چوغلىنىدۇ ئاخىرەتتە.
تىلىكىنى يوشۇرمايدۇ
جۈپ يۈرەكمۇ ئارامخۇدا.
تىرىۋالغىن يۇلتۇزۇمنى
ئۇ ئولتۇرار بۇلۇتلاردا.
قىمىز، قىز ۋە باشقىلار
(ئايالىم ب گە بېغىشلاپ)
كۆزۈمدە چاپار
چىلان كۆز لېۋەن.
ساقايدى- پۈتتى كۆڭلۈم ياراسى
قىمىزدا قىزاردى قىرغىز دالاسى.
ئانا سايدىن باشلانغان سەپەر
ئىسسىقكۆلدە ئىسسىنىپ
تۇشتۇق تىكتى مۇزاتتا.
ئاق توزان خانتەڭرى كۆكسىدە ئوينار
تامامى ئاق ئۆيدە ئاق قىمىز قاينار.
كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن
شىر- شىر ئاققان بوستاندا
ئوغۇز تاغلىرىدىكى كۆك ياللىق يىگىت
ئات چاپتۇرۇپ
چاڭقاپ تۇرۇپ
ئىچتى ئاق قىمىز.
ئاق ئۆيدىكى پاك لېۋەن
ئانار يۈزلۈك
چىلان كۆزلۈك بوتىلاق
ئانار كەبىي قىزىرىپ
ئىچتى
سۇنۇپ بەرگەن
ئاق يۈرەكنى تەڭ.
كۆزۈمدە چاپتى
چىلان كۆز لېۋەن،
ئېسىڭگە پاتتى
قوشاقچى يارەن.
سەيياھ قىسسىسى
(بىر ئارخېئولوگ ھەققىدە)
(1)
ئاچ قەسرىڭنى!
ئاچقىن سېھرىڭنى!
كەلدى جابدۇقلۇق
سەيياھ- بۇرۇتقلۇق.
(2)
قەلەم، كەتمەن، بوقۇسا- ساپان
توققۇز ساراي(1)،مىڭئۆي(2)،كېرىيە(3)
قىزىل قاغا(4)،نىيە(5)،ئىدىقۇت(6)
بىر دۆۋە تۇپراققا كۆمۈلگەن مەدرىس
خەرىتە ئىچىدە ھەممە-ئالامان
يىگانە سەيياھ- يېشىل كەپتەرگە
زۇۋانغا كەلدىلەر- سۆزلەر خىرامان،
كېمە سۇنىقى،ئارقار مۈڭگۈزى
زۇۋانغا كەلدىلەر- سۆزلەر خىرامان.
900يىللىق قاراياغاچ
تۇپراق يېشىدىكى مويسىپىت يىگىت
ساقال سىپاپ، ساقلاپ كەلگەن
سۇندى بىر ئاياق سايرام قېتىقى
قۇملۇق ئەركىسى- يېشىل كەپتەرگە.
سەكرەپ چىقتى كەتمەنلەنگەن
مۇددەرىس، تالىپ.
ساياز،تۇر- تۇرا،مازار ۋە بازار
سۇ، دەرەخ،خانىقا،مەسجىت ۋە مۇنار
چەك- چېكى بۆسۈلدى؛ بولدى زاھىرەن
سۈكۈتكە شۇڭغۇغان غېرىبلىق تېرەن.
(4)
قېرى كاھىن پەرۋاسىزلىق ئىلكىدە
چۈشلىرىگە كىرمەس ھېچنېمە؛
كىم ئۇ سېۋىن ھېدىن؟
كىم ئۇ ئارخېئولوگ؟
لىم ئۇ تارىملىق سەيياھ؟
جىسمىدا يېشىلمەس ئاددى تېپىشماق
ھېچنېمە، ھېچقەيەر.
تىلىكى بار پەقەت
كېچە قاراڭغۇلۇقى كەلسە دەپ پاتراق
قېرى كاھىن دۇرۇد ئوقار شۇنداق.
(5)
سوپاخۇن(7)مېڭىپ ئۆتكەن قورغان(8) يولىدا
سەپەردىكى سەيياھ مىنگەن
تۆمۈر ئۇلاغ ئۆردىگە چاپار.
سېۋىن ھېدىن چۈش كۆردى
قاناتلىق ئارخېوئوگ- سەيياھنى كۆردى.
(6)
لوپنۇر، تارىم،تەكلىماكاندا
كروران گۈزىلىنىڭ كەپىسى ئارا
ياۋا كەپتەپ-بۇرۇتلۇق كەپتەر
بەزەن- بەزەندە
دانلاپ سالار يوچۇن كوۋۇكتا
ياۋا كەپتەر-بۇرۇتلۇق كەپتەر
ئۈنئالغۇ- تاشپۈتۈك قوينىدا كەپتەر
كامېرا سول قانىتىدا
ئوڭ قانىتىدا خاتىرە دەپتەر.
(7)
ياۋا كەپتەر- بۇرۇتلۇق كەپتەر
تۇغۇم بالاغىتىگە كىردى شۇ يۇسۇن،
تۇغدى، تۇغماقتا
لىققىدە بىر سېۋەت
شەكىللىك، شەكىلسىز
مەرۋايىت تۇخۇم.
________________________________
ئەسكەرتىش:
(1)توققۇز ساراي- مارالبېشى تەۋەلىكىدىكى يوقالغان قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى.
(2)مىڭئۆي- باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆيى، ۋە بارلىق مىڭئۆيلەر خارابىلىقى.
(3)كېرىيە- كېرىيە دەرياسى.
(4)قىزىل قاغا- كۇچا ناھىيەسىدىكى قەدىمىي قورغان.
(5)نىيە- نىيەدىكى قەدىمىي شەھەرلەر خارابىلىقى.
(6)ئىدىقۇت- تۇرپاندىكى ئىدىقۇد قەدىمىي شەھەر خارابىلىقى.
(7)سوپاخۇن- ئەسلى ئىسمى سوپاخۇن سۇۋۇر، 3 ۋىلايەت ئىنقىلابى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ پولك كوماندىرى،سوپاخۇن تۈەنجاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
(8)قورغان-ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ باي ناھىيەسىگە چېگرىداش بولغان قەدىمىي يۇرت. ئىلىغا ئۆتىدىغان مۇز داۋان يولى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
(باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن:
قەھرىمان روزى ئەرچىن ) qq763126417 13899245167
拜城县文体广电局:卡合尔曼.肉孜
|