شېئىر قانىتىغا يېزىلغان ئويلار

يوللانغان ۋاقتى:04-07-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
شېئىر, ئوقۇرمەن, شائىر توغرىسىدا

 

شېئىر قانىتىغا يېزىلغان ئويلار
قاسىمجان ئوسمان غازى
 
 بىز دائىم شېئىر ئوقۇشقا ئادەتلەنگەنلەرمىز، ئەتراپىمىزدىن خۇشاللانغاندىمۇ، ئىچىمىزدىن ئازابلانغاندىمۇ شېئىردەك جۇشقۇن، شېئىردەك غېرىبانە ھالغا قالىمىز. تەبىئەت تىللىرىدىكى سادالارغا، ئادەملەر ئوقىغان ناخشىلارغا قۇلاق ياقىمىز. شېئىر بىزنى ئوراپ تۇرغان بولىدۇ، بىراق ھەممە ئادەم ئۇنىڭ تۇيغۇدىكى لەھزىسىنى خاتىرلىۋېلىش نېئمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ ئۇلۇغ پۇرسەتكە ئېرىشكۈچى شائىرلارلا بىزنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرىمىزدىكى لەھزىلەرنى بىزگە شىۋىرلاپ بېرەلەيدۇ. بىز بەزىلىرىدىن ھوزۇرلىنالايمىز، بەزىلىرىدىن بىزار بولىمىز، بەزىلىرىنى تەپەككۇر ۋە تەسەۋۇرىمىزغا يىغىپ، ئاندىن يەنە يېيىپ باقىمىز.
شېئىر ھەققىدە نۇرغۇن شائىرلار، مەتەپەككۇرلار ئاجايىپ پاساھەتلىك ئىبارىلەرنى قالدۇرغان. پەيلاسۇپلارمۇ شېئىر ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ساقلىنالمىغان. ئادەتتىكى ئاۋام گەرچە شېئىر ھەققىدە بىر نېمە دەپ باقمىغان بولسىمۇ، ئۇلار شېئىرنىڭ دائىملىق ئوبېيكتى ۋە شائىرلارنىڭ قەلىمىدىكى سوبىيېكتلىق قاتارىدىن ھەر زامان ئورۇن ئېلىپ كەلدى ياكى ساپ قەلبلەردىن پارتلاپ چىققان شېئىرلارنىڭ ئەڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرى بولۇپ كەلدى. شېئىر كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان كەچمىشلىرى، تۇيغۇلىرى، تەسىراتى، ھايات خاتىرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئىستېتىك تەلىپى بويىچە ئوخشىمىغان تۈرلەرگە ئايرىلىپ شېئىرىي شەكىللەر ھەر قاچان يېڭى- يېڭى تۈستە ئىجاد قىلىندى. ئەمما، ئۇ ھەرقاچان شۇ ئىنسان توپى ئورتاق ئالاقە قۇرالى قىلغان تىلنى ئۆز ۋەتىنى قلىشنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنىڭ ئاساسى قىلىپ كەلدى. ئۇ بۇ ۋەتەندە ھاياتنىڭ ئىزتىرابلىرىنى، شەخسنىڭ خۇشاللىقىنى، ئۆلۈمنىڭ جىمجىت چاقنىغاندىكى ھاياجانلىرىنى شائىرغا ئېيتقۇزۇپ، ئۇنى ئۆز تۇتقۇنىغا ئايلاندۇرۇپ كەلدى.
بىز بۇ يەردە ئوقۇرمەن، شېئىر، شائىرنىڭ دائىم بىر- بىرىگە ئۆتۈشۈپ، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىنى بىلەلمەي قالىمىز. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇئەييەن ئورۇن مۇناسىۋىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز.  ئوقۇرمەننىڭ شېئىر ئوقۇش جەريانى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا شائىرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى، ئوقۇرمەن ئاشۇ شېئىر ئىچىدىكى بوشلۇقتا ئۆزىنى ئوقۇش جەريانى. ئوقۇرمەن ئۆزى شېئىرلارنى تاللاپ ئوقىغاندا بىردە سۈزۈكلۈككە، بىردە غۇۋالىققا كىرىپ كېتىشى مۈمكىن.
      شېئىر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتى تۇراقلىققا ئىگە بولمايدۇ. چۈنكى،  شائىر بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق جەھەتتە ۋاقىت ئارىلىقى ھامان مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئارىلىق چۈشنىش دائىرىسىدىكى تولۇقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ  بوشلۇق نۇقتىسى ئاپتۇر بىلەن ئوقۇرمەندىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ بىر- بىرىگە روبىرو تۇرىشىدىن تۈزۈلىدۇ.  بۇ يەنە ئەسىرلەردىن ھالقىپ بۈگۈنگە گۈزەل پېتى  يېتىپ كەلگەن شېئىرلار بىلەن ئۇچرىشىشقىچە بولغان ۋاقىت ئارلىقى ۋە ئاپتۇر نىڭ ئەينى شارائىتتىكى بىرىنچى قول يازمىسىنىڭ ئوقۇرمەنگە يېتىپ كەلگۈچە باشقىلارنىڭ ئىنكاسلىرىمۇ قۇشۇلۇپ، بىرەسىمىي ئارىلىق پەيدا قىلىشقىچە تاقىلىدىغانلىقىنمۇ كۆزدە تۇتقان قاراشتۇر.
    ئوقۇرمەن شېئىرغا ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا كىرىشىۋاتقاندا ئاجايىپ يېڭىچە تەسەۋۋۇرلارغا چۆمىدۇ. شائىر گۈزەل تەسەۋۋۇرنىڭ قۇرۇلمىسىنى قاتلام ئىستىكىدە قۇرۇپ چىقىۋاتقاندا، ئوقۇرمەننىڭ ھېس قىىلىش  مۈمكىنچىلىكىگە سىتىخىيسىز يوسۇندا تەپەككۇر بوشلۇقى قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئوقۇرمەن بولسا، ئۆزىنىڭ پىسخىك تەسەۋۋۇر مۇھىتىنى چىقىش قىلىپ ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى ئوبراز قۇرۇلمىسىنى نىسبىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئىستىمالىغا ماسلاشتۇرۇشقا تېرىشىدۇ. بۇ يەردە شائىر بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىدا روھىيەتلىك تۇمانلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ چاغدىكى لەززەت ئەينەنلىكتىكى مەنىلەردىن زوقلىنىشلا ئەمەس، تەپەككۇرغا يۈكلىنىۋاتقان يوقىتىش ۋە ئېرىشىىش ئىچىدىكى مەنىۋى مۇساپىنى تەسەۋۋۇر بىلەن لىباسلاشتا ئىپادىلىنىدۇ.
  بۇ يەردە شائىر ئورتاق گۈزەللىك ( يەنى رەزىللىكىتىكى گۈزەللىك ۋە گۈزەللىكىتىكى گۈزەللىكنى ئىستېتېكا كەڭلىكىدە ئەركىن تىل بىلەن ئېيتىپ بېرەلىسە) نى ئىنسانىيەتنىڭ تۇيغۇلىرىغا سادىق بولۇپ، يوچۇن گۈزەللىكنى قېزىپ چىقالىغانلىقى بىلەن زامان ۋە ماكان، مىللەت ۋە دىن دائىرسىدىن ھالقىپ، بارلىق ئوقۇرمەنلىرىدىن كېڭىيىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت روھىيىتىگىچە كېڭەيتەلەيدۇ. بۇنداق شېئىر ھەربىر ئادەمنىڭ روھىيىتى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆزگىچە تۇيغۇلارنى بەخش ئىتىپ ئوخشىمىغان سېھىرلەرگە بەنت قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولالايدۇ.
ئوقۇرمەنلەر دائىم شېئىر ئوقىغاندا، ئۇنىڭدىن  قانداقتۇر بىر نەرسىنى تېپىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئەركىن ھوزۇرلىنىشنى مەقسەت قىلىشىدۇ. ئۇلار ئۆز قەلبىدە ئەسلىدىنلا بار، ئەمما ئۆزلىرى قانداق دېيىش ئۇسۇلىنى تاپالماي تىپىرلاۋاتقاندا شېئىرغا ئۇچرىشىپ قالىدۇ، بۇ خىل ئۇچرىشىش دەل ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى پىنھانلىقنى پىچىرلاپ بېرىۋاتقان شېئىر ئارقىلىق ئوقۇرمەن شائىرغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، شېئىر يەنىلا تىلدىكى ئەركىنلىكىدە كېيىنكى ئوقۇرمەندىن باشقىچە بىر سالاھىيەتتىكى ئۆزىنى قايتا ئوقۇغۇچىنى كۈتۈپ قېلىۋىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي ئىجادىيلىققا ئىگە شائىر باشقىلارغا قانداقتۇر بىر نەرسىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدۇ، ئوقۇرمەندىن سۆيىنىدۇ، ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنى سۆيدۈرۈش جەريانىدا لىروس بوشلۇققا يېيىۋەتكەن شەيئى  بىلەن ئوقورمەن ئوتتۇرىسىدىكى پىسخكىلىق دىئالۇگدا ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتىنى نامايەن قىلالايدۇ. لىروس بوشلۇق بولسا غۇۋالىق پەيدا قىلىشتىكى بىر شەكىلدۇر.
   شېئىردا غۇۋالىق (گۇڭگالىق) بولمىسا، شېئىر شېئىر بولمايلا قالماستىن ئۇ شۇنى يازغان ئادەمنىڭ شەخسىيىتىنى كىشىلەرگە تاڭغان  بىيرۇگراتلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ھەم ئۇ شېئىر ئاتىقى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ھوقۇقسىزلىشىش ئەركىنلىك بولمىغاندەك، ھوقۇققا ئېرىشىىش جەريانى ئەركىنلىك بولىدۇ.  
  شېئىردىكى غۇۋالىق ئىپپەتلىك قىزنىڭ يۈزىنى گۈزەل رومال ئىچىدىن نۇرلاندۇرىشىغا ئوخشاش نازۇك گۈزەللىك بولۇپ، تىلدا ئۆز ماتانەتلىرىنى ئايان قىلىدۇ. زىيادە ئاشكارە بولۇپ كەتكەن نەرسىنىڭ تالادىكى تاشلاندۇقتەك ئىتىبارسىز قېلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىيالمايدۇ. قىسمەن ئوقۇرمەنلەر كىچىككىنە غۇۋالىق ئىچىدە تىلغا مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىرگە تەسەۋۋۇر كۆزى بىلەن ئۆزىدىكى غىدىقلىنىش سەزگۈلىرىگە ئەگىشىپ بېقىشتىن باش تارتىدۇ. بۇ بارغانسېرى ئىجادىي ئوقۇرمەنلىكتىن ئايرىلىپ، پۈتكۈل ۋوجۇدى بىلەن ئەسەر يارىتىۋاتقان ئىجادكارنىڭمۇ ئىجادىيىلىقىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شائىردىن پىكىر تىرەنلىكىدىن يىراقلاشمىغان ئاساستا شېئىرىي كەيپىياتنى ئىمكانقەدەر گۇڭگا بېرىشنى بىر خىل گۈزەل ئىجادىيلىق دەپ چۈشىنىشمىزنى ئۈمىد قىلىشتۇر.
يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك « پىسخىك تەسەۋۋۇر مۇھىتى» ئەقىلىي تەپەككۇرنى يەكلەمدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ پىسخىك تەسەۋۋۇر مۇھىتى ئەقلىي تەپەككۇرنى ئويغىتىشنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسى بولىشى مۈمكىن. چۈنكى، ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرى ئاۋۋال خىيالدىن چوڭقۇرلىشىپ ئاندىن ئەقىل نۇقتىسىدا ماھىيەتلىك بۇرۇلۇشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ ئارىلىقتا پىسخىك تەسەۋۋۇر ئۆز ئەركىنلىكىگە ۋاقتىنچە ئاراملىق بېرىدۇ ۋە شېئىرنىڭ رېتىملىرىدا ئۆزگىرىپ كېتىش ئالدىدىكى مۇھىتنى ئەسەرگە قوشۇپ چىڭ قۇچاقلىۋالىدۇ.
  ھەقىقىي ئىجادىيلىققا ئىگە شائىر باشقىلارغا قانداقتۇر بىر نەرسىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدۇ. دېمىسىمۇ،  ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىدا شائىرلارغا كۆز تىككەندىن باشلاپلا،  " شائىرنىڭ يازغانلىرى بىرنەرسنى- يەنى ھۆكمىران سىياسىينىڭ ياكى ئىجتىمائىي توپنىڭ ئومۇمىي كۆنۈك مەۋقەسىگە قارشى بىرنەرسە دەۋاتىدۇ" دەپ ئېسەنكىرەش تۇيغۇسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ئازاد بولالمىغانلىقى ئۈچۈن شائىرلانى ھەر بىر دەۋرىدە قەتلى قىلىشتى ياكى ئۇنىڭ زۇۋانىنى بوغۇپ كەلدى. شۇنداق  قىلىپ بۇ ئىنسانىيەت- دەۋردىن دەۋرگە يادلىنىدىغان قەھرىمان شائىرلارنى يارىتىپ، ئۆزلىرىمۇ بىلمەي ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە روھىنى ئەۋلادلار قەلبىگە يادلىتىپ كەلدى، بۇ سەۋەبتىن شائىرلار ئارقا- ئارقىدىن يەنىمۇ يېڭىچە تۇغۇلۇپ زامان ئۆتەڭلىرىدە ئۆز ئاۋازلىرىنى ئۆلمەس شېئىرلىرىغا يۇغۇرۇپ  ياڭرىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى ۋە خۇشال دەملىرىنى ئۇلارنىڭ تىلىدا ئۇلارغا ئاڭلىتىپ كەلدى ھەم ئۈزلىكىسىز قۇربانلىق بولۇپ كېلىۋەردى. مانا بۇ- شائىرنڭ قىسمىتى ۋە ئىنىسانىيەتنىڭ ئۇنڭغا  ئاتا قىلغان ئامىتى شۇنداقلا، ئوقۇرمەننىڭ چەكلەپ بولغىلى بولمايدىغان ھوقۇقىدۇر.
ھەر بىر دەۋردىكى ئوقۇرمەنلەر ئىجادكار شەخسلەر تۆكىۋاتقان تەييار تەپەككۇر ئۈنچىلىرىنى ئوقىۋېرىشتىن زېرىكىشى مۈمكىن، ئۆزلىرىگە تەپەككۇر بوشلۇقى قالدۇرمىغان شائىردىنمۇ زېرىكىشى مۈمكىن. بۇ خىل تەلەپنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئوقۇرمەننى ئۆزى تەۋە شېئىرىيەتنىڭ  سېھىرلىك قەسىرىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى شېئىرغا بولغان قىزىقىشقا يېتەكلەيدۇ. بۇ خىل يېتەكلىنىش شېئىرنىڭ قانداق يېزىلغانلىقىغا بولغان غۇۋا ئويلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئەمەلىيەتتە بىر پارچە شېئىر تۇيغۇ لەھزىسىنى خاتىرلەۋاتقان شائىرنىڭ قانداق شارائىتتا بولىشى بىلەن كارى يوق ھالدا يېزىلىشقا باشلىغاندا، بىر يولىلا قەغەز يۈزىگە چۈشىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ. بەزى شائىرلار شېئىرنى ئاۋۋال ئويلىنىۋېلىپ يېزىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ خىل شېئىرلار ئۇزۇندا خاتىرلىنىدۇ ياكى شائىرنىڭ تەپەككۇرىغا بوي سۇنۇپ، ئۇزۇندىن- ئۇزۇن يېزىلىپ كېتىدۇ. بۇ يەردە بىز شائىرلارنىڭ قانداق ئىجادىيەت مېتۇدىنى ئۆزىگە مىزان قىلغانلىقىغا قارايمىز. ئۇلۇغ شائىر ناۋايىمۇ نۇرغۇن غەزەللىرىنى بىرپارچە- بىر پارچىدىن يېزىپ، ئەڭ ئاخىرىدا «خەمىسە» تۈزۈپ قالدۇرغان ئىدى. ئەمما، «شېئىرنىڭ نەچچە كۈندە نەچچە پارچە يېزىلىشىنىڭ قانداق ئۆلچىمى بولسۇن؟!» دېيىشىڭىز ھەمدە،  2011- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى شىۋىتسىيەلىك شائىر توماس ترانسترومېر 80 يىللىق ئۆمرىدە ئارانلا 160 پارچە شېئىر يازغانلىقىنىمۇ ئېيتىشىڭىز مۈمكىن. شۇنداق، گېرمانىيلىك شائىر  گىيۇتېنىڭ «فائۇسىت» نى 60 يىلدا يازغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. بىراق ئۇ  بىر شېئىرىي  ئوپېرا قىلىپ يېزىلغان، شۇڭا  ئۇنى ھەر بىر دەۋردە، شۇ دەۋرگە يارىشا ئۆزگەرتىپ يېزىشقا بولىشىمۇ مۈمكىن. بىراق،  بىز دەۋاتقان تۇيغۇ لەھزىسىنى خاتىرلىمەكچى بولغان شائىرنىڭ شېئىرى بىر قەلەمدە بىرلا ئولتۇرۇشتا يېزىلسا،( ئۇ بىر پۈتۈن شېئىر دېيىلسە ) بۇنى ئۆزگەرتىپ يازغىلى بولمايدىغان ئېسىل ئەسەر بولۇپ قېلىشى ئېنىق.
قىسقىسى، ئوقۇرمەن، شېئىر ۋە شائىرنىڭ مۇناسىۋىتى تولىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، خۇددى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان چوڭقۇر زىددىيەتتەك تۇيۇلىدۇ. يەنە بىر قاراشقا تولىمۇ ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئاجايىپ چەمبەرچاسلىققا، ئۆز ئارا تەسىرچانلىققا ئىگىدۇر.
 شېئىر ئەزەلىيلىكتىن ئەبەدىيلىككە سوزۇلغان تەنھالىق تالالىرىنىڭ كەرەشمىلىرىدۇر. شائىرغا نىسبەتەن ئۇ مەۋجۇدىيەت ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش شۇنداقلا، ئۆزىنى مەۋجۇدىيەتكە بېغىشلاش سەپىرىدىكى شېئىر ئوردىسىغا بارىدىغان ئۆزگىچە بىر يولدۇر.
 ئىنسان بىلەن تەبىئەت، ئىنسان بىلەن كۆرۈنمەس بىرلىك ۋە كۆرۈنمەس بىرلىككە بوي سۇنغان تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى گارمۇنىيەلىك باغلىنىشلار شېئىر بولۇپ خاتىرلىنىدۇ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك مىراسىغا ئايلىنىدۇ. ئىنساننىڭ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ تاكى ھاياتى ئاخىرلاشقۇچە بولغان بۇ ئۆتكۈنچى مۇساپە شېئىر ھاۋاسى بىلەن نەمدەلگەن دېسەك، ھەرگىزمۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز.
   ئۇنداقتا شېئىر دېگەن نېمە؟ شېئىر – ئۆزىنى مەۋجۇدىيەتكە تاپشۇرۇش، شەيئىلەرنىڭ ئاۋازىدا ياشاش ۋە شەيئىلەر بىلەن بىرلىشىپ كېتىدىغان روھىيەت تىنىقلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر.
 شائىر بىلەن شېئىرنىڭ مۇناسىۋىتىچۇ؟-شائىر بىلەن تەبىئەتمۇ ئۆز-ئۆزىگە شېئىرى تىلدا تېنىمسىز مونۇلۇگ قىلىدۇ. شائىر بۇ  خۇش پەيتلىرى ۋە ئىزتىراپلىرىنى تۇيغۇسى ئارقىلىق خاتىرىلەپ ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىدۇ. ئەسلىدىنلا بىر گەۋدە بولمىش بۇ سىيمالاريەنە ئايرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تىكلەيدۇ-دە، شېئىرىي تىل بىلەن يەنە بىرلىككە كېلىدۇ. مانا مۇشۇنداق سۆھبەت مەڭگۈلۈكلىكىنى يوقاتمايدۇ. شائىر مۇشۇ سۆھبەت ئىچىدە، ئانا تىلىغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ھېچكىم يوق بۇ سۆھبەتنىڭ زاھىرەنلىكىنى تۇيىدۇ. شېئىر دائىم رېئاللىق بولىۋەرمىگىنىدەك تاشقى رېئاللىق شائىرنى ھەرۋاقىت يالماپ يۇتىۋېتىشنى ئىستەيدۇ، شائىرنىڭ ئىچكى رېئاللىقىلا ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، شائىر  مۇشۇ مۇستەقىللىققىمۇ ئورۇن بەرمەسلىك ئىستىكىدە شېئىرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن شېئىر يازىدۇ. بۇنى پەقەت ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرلا لال بولۇش ئۈچۈن ئۆز قەلبىدىن ئۇنىڭغا ئورۇن ھازىرلايدۇ.
 
 2012- يىلى ئىيۇل، پەيزاۋات
(ئاپتۇر پەيزاۋات ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىدا)
13579311833، qasimjan@126.com
 



ھالقىلىق سۆزلەر : غازى


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار