غازاڭ- ناملىق ھېكايە توغرىسىدا) ئوبزۇر(

يوللانغان ۋاقتى:04-07-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
ھېىكايىلەرگە ئوبزۇر يازغاندا, تەكرارلىنىپ كەتكەن سۆزلەرنى دەۋېرىشتىن ساقلىنىپ, نەخ گەپنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك。 ھېكايىمۇ شۇنداق بولى

 

 
پەرھات تۇرسۇننىڭ «غازاڭ»ناملىق ھېكايىسى توغرىسىدا
 
    "غازاڭ" ناملىق ھېكايە يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ 2012- يىللىق 6- سان "تارىم" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ھېكايىدە بىر ئائىلىدىكى ئەر، ئايال، تۆت ياشلىق بىر بالا تىلغا ئېلىنىدۇ. ھېكايە بالا بىلەن ئانىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندىكى دېئالۇگى ۋە ئانىنىڭ خىياللىرى بىلەن راۋاجلىنىدۇ.
   ئايالنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى بۇندىن ئالتە يىل ئىلگىرىكى سەرسانلىقتىن ھازىرقى ئېرىگە ئۇچرىشى بىلەن ئاخىرلىشىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىدە ئەرلەرگە بولغان قىزىقىشنىڭ دەل مۇشۇ جىدەلخور ئېرىنىڭ تەلۋىلىكى سەۋەبىدىن سۇسلاپ كېتىشى ئىدى. بىز بايانچىنىڭ بۇ خىل يەتكۈزمىسىدىن، بۇ  ئايالنىڭ ئىلگىرىكى سەرسانلىق ھاياتىنىڭ تۇرمۇش قىسىلچاقلىرىدا تۇتامى يوق ھەۋەسنىڭ قۇربانى بولۇپ ئۆتكەن بىر ناتىۋانلىقىنى بىلەلەيمىز.
  ئۇ بۈگۈن يەنە سەرسانلىق ھاياتىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى، بالىسىنى دادىسىغا قالدۇرۇپ قويماقچى ئىدى.
-بۈگۈن كەتسەڭ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟
- قارلار ئېرىپ دەرەخلەرگە يوپۇرماق چىققاندا بالام.
 
  بۇ دېئالۇگ بىزنى ھېكايىدىكى ئانىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا ئۆزىنى ۋە بىراۋنى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئالداپلا كەلگەنلىكىدەك روھى دۇنياسى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن  بىر ئوبراز ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.
  ئانا بىلەن دادا تۇرمۇشنىڭ مۇھتاجلىقى ۋە قۇرغاق ھەۋەسنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن كىشىلىك ھاياتتا تەقدىر يوللىرى چېتىلىپ قالغان ئىككى سەرگەرداننىڭ پىروتۇتىپىدۇر. دادىمۇ پۇل ۋە باشقا سەۋەبلەر ھەلەكچىلىكىدە كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان بىر ”ئەركەك“.
    تۈنۈگۈنكى بالىنىڭ نەزەرىدە ھەممە نەرسە، ھەتتا رەسىملەرمۇ شۇ قەدەر جانلىق ۋە كۆركەم ئىدى. ئانا بىلەن دادىنىڭ نىشانسىز تۇرمۇش قۇرۇشىنىڭ  ئاپىرىدىسى بولغان بۇ نارىسىدە  بىز كۆرىۋاتقان بۈگۈنكى  دۇنيادىكى خاتا تۇغۇلۇپ قالغان بالىلارنىڭ، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئازابلىق قىسمىتىنىڭ بىر تامچىسى ئىدى. كۆز ئالدىمىزدا ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق كەچمىشلەرنىڭ ئاچچىق كۆرىنىشى ئىدى。
   بالا سىكىلدەپ مېڭىپ، ئانىسىنىڭ ئۆزىنى كۆتۈرىۋېلىشىنى رەت قىلىدۇ، ئانا بۇ قىلىقنى ئۆزىنىڭ سەرسانلىقتا ئۆتۈشكە تولغان ھاياتىدىكى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئوخشىتىپ ئۆزىنى بەزلەيدۇ. بالا بولسا دەرەخلەرگىلا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇ يېشىل يۇپۇرماق ياكى دەرەخ شېخىدىكى ھەرقانداق بىر يوپۇرماقنى ئىزدەيتتى. ئۇنىڭ ئىزدەۋاتقىنى ئۆز دۇنياسىنىڭ لىققىدە باھارغا تولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شادىمان بالىلىقىنىڭ ۋەيران بولماسلىقىنى ئىستەيدۇ، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆز شەخسىيەتلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەمما، ئوقۇرمەننىڭ دىلىدىكى كۆز ياشلارنى توسۇپ قالالمايدۇ.
    ھېكايىدە ئايال ئۆلىۋالماقچى بولىدۇ، سەۋەبى ئۇرۇشقاق ئەرنىڭ راك كېسىلىدەك ساقايماس جىدەلخور خۇيى ئىدى.
-ئاپا، قارا ئاۋۇ ساقچىلارنى، مىلتىقىنى پوڭ- پوڭ- پوڭ... قىلىدۇ. (پۇل تۇشۇيدىغان بانكا ساقچىلىرىنى كۆرۈپ ئېيتاتتى)
   بالىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن بىز  پۇل ۋە ماددى دۇنيا ۋەس-ۋەسىسىدە بالا، ئائىلە ھەققىدە باش قاتۇرمايدىغان بۇ خىل ئاتا- ئانىنىڭ جىنايەتلىك ھاياتىنى ئاشۇنداق ئىككى- ئۈچ پاي ئوقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا رازى بولىمىز.
بالا ئاخىرى بىر تال قىزغۇچ غازاڭ ساڭگىلاپ قالغان دەرەخنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ئانىسىنى يولىدىن توسىماقچى بولۇپ ئاخىرلاشقان بۇ ھېكايىدە, نە بىر ئادەمنىڭ ئىسمى ياكى ئۇلارنىڭ ئىلگىرى- كېيىنلىك ھايات كەچمىشلىرىنىڭ ئارتۇق بايانلىرى يوق. ئۇلار رىئاللىقتىكى مەن، ئۇ، سىز ۋە باشقلار بولىشى ئەينەنلىككە قويۇلغان. قويۇق رېئاللىق تەسۋىرلەنگەن بۇ ھېكايە بىزنى كىشىلىك دۇنيادىكى ئورنىمىز ھەققىدە قايات- قايتا ئويلىنىشقا قىستايدۇ.
ھېكايە ماۋزۇسىغا قويۇلغان «غازاڭ»- ھېكايىدىكى بالا ئىزدەۋەتقان دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن قۇرۇپ چۈشكەن يوپۇرماق بولۇپلا قالماستىن كۈچلۈك سېمىۋۇللۇق مەنىگىمۇ ئىگە بولۇپ، ھايات ئۆتەڭلىرىدىكى نۇرغۇن ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تىراگىدىيەلىك كەچمىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان قۇرغاق قەلىب ۋە سەرگەردان ، كىشلىك قىممىتىنى يوقاتقان پۈچەك ئىدىيەدىكى ئادەملەرنىڭ كىشىلىك دۇنيادىكى ئار- نۇمۇسلۇق ئورنىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرىگە خاس تىل ۋە بايان بىلەن ئەپچىل قۇرۇلغان  شۇنداقلا بالىلار تۇرمۇشىغا ئاتالغان بۇ ھېكايىسىدە، ئادەملەر ھامان مۇستەسنا بولالمايدىغان ئۆلۈم، كەچمىش، تەقدىر ۋە يەككە- يىگانە ھالدا دۇنياغا  يۈزلىنىش، ھاياتقا بولغان ئۈمىد ۋە كەلگۈسىگە ئېرىشىشكە بولغان ئىشەنچ قىسقا، ئىخچام بايان ئۇسۇلى بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان.
2012-يىلى 4- ئىيۇن
 
   
 



ھالقىلىق سۆزلەر : غازى


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار