تۇپا باسقان خەتلەر(6)

يوللانغان ۋاقتى:28-02-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
سەن يەنە دېرىزىنى سەمىمگە ساپسەن. مەن ئالدىنقى خەتلىرىمدە بۇ ھەقتە ئازراق توختالغاندەك قىلغان. ئۇچۇق دېرىزىدە

سەن يەنە دېرىزىنى سەمىمگە ساپسەن. مەن ئالدىنقى خەتلىرىمدە بۇ ھەقتە ئازراق توختالغاندەك قىلغان. ئۇچۇق دېرىزىدە ئاينىڭ قەبرىسى سۇزۇلۇپ ياتىدۇ. مەن ئۇنى ياپماقچى بولىمەنۇ بىردىنلا نۇرغۇن نەرسىلىرىمنى يۇقىتىپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن. سەن دېرىزىگە قاراپ نېمىلەرنى خىيال قىلىدىغانلىقىڭنى تېخى بايان قىلمىدىڭ. مەن بولسام دېزىرىگە قاراپ قۇپ قۇرۇق بىر بوشلۇققا ئايلىنىمەن. ئۇ بوشلۇقتا قاپقارا كېچە بار، ئۇ بوشلۇقتا مېنىڭ جىمجىت سۈكۈتلىرىم بار، ئۇ بوشلۇقتا شېئىرلىرىم يىرتىلغان، ئۇ بوشلۇقتا… مەن ئەمدى گۈللەرنىڭ نازلىق شىۋىرلاشلىرىدىن ئېھتىيات قىلىشىم كېرەك. چۈنكى، مەن ئاخىرى روھىمدىكى مۇقەددەس تەنھالىققا ئېرىشتىم. بۇ مۇقەددەس تەنھالىقىمنىڭ ئەمدىلىكتە ئەرزىمەس ئىشلار تۈپەيلى ۋەيران بولۇشىغا قاراپ تۇرسام بولمايدۇ. ئىلگىرى تۈندە بىرسى ئىشىكىمنى چەككەن بولسا، ئاستا چىقىپ ”كىمنى ئىزدەيسىز؟“ دەپ سورىشىم مۇمكىن ئىدى. ئەمدى شۇنداق ئىش يۈز بېرىپ قالسا ”كەچۈرۈڭ، سىز ئىزدىگەن ئۇ ئادەم بۇ يەردە يوق“ دىيىشىم ۋە سۈكۈتنىڭ ئەڭ يىراق دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىم مۇمكىن. مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇلۇش ھەققىدىكى بىر ئۇزۇن قىسسىنى ئوقۇۋاتىمەن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمەن. مەندەك ئوقۇغان نەرسىلىرىنىڭ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرگۈچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ھېچنېمىنى خىيال قىلماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى.
مەن ئەمدى سەن بىلەن باشقا بىر مەسىلە ھەققىدە سۆزلەشمەكچى. دېرىزە يوق يەردە نېمە بار؟ يىرتىلغان مەن نېمىنىڭ سىمۋۇلى. ئويلىغانلىرىمىزنى ئىپادىلىيەلىگىنىمىز بىزنىڭ بەختسىزلىكىمىزنىڭ يىلتىزىمۇ؟ ئىپادىلىيەلمىگۈچىلەر شۇ تاپتا بىز ئىككىمىز خىيالەن ئايلانغان جىمجىت سەيلىگاھتا پىۋە ئىچىپ قارشىسىدىكى نېمىنىدۇر تاماشا قىلىۋاتقان ۋە بىز توغرىلىق يېڭى بىر ئەپسانىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇنىڭغا ئامالسىزمىز. بىز ھەققىدە يەنە كۆپلىگەن ئەپسانىلەر بارلىققا كېلىدۇ.
مەن كېچىنىڭ بەكمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم بۇنداق تۇيغۇنى ھېس قىلىشىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كارۋاتتا ياتىمەن، قۇلۇمدا ھېلىقى پەلسەپىۋى رومان. بىر قىز (مەن شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلدىم) دېرىزىگە ئانچە يىراق بولمىغان سىرىن تۈۋىگە كېلىپ قۇلىدىكى بىر دەستە گۈلنى يەرگە تاشلىدى. ئۇ قارشىسىدىكى دېرىزىدە ھېلىقى تۇنۇش گەۋدىنىڭ سايىسىنى كۆرەلمىگەنىدى… ”دېرىزە“ دېدىم ۋاقىراپ، ”نىمىشقا مەن ئوقۇغان ۋە ئوقۇماقچى بولغان بارلىق كىتابلاردا دېرىزە سۆزلىنىدۇ؟“
سەن بىلەن ئۇ مەسىلە ھەققىدە كىيىن پاراڭلاشسام بولغۇدەك. چۈنكى، مەن يەنە دېرىزە ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋېتىپتىمەنۇ قەلىمىم ئۆزۈمنى دېرىزە سىرتىدىكى تەنھا سىرىن تۈۋىگە باشلاپ كېتىپتۇ… مەنمۇ ھېلىقى تەنھا گەۋدىدەك قايسىدۇر بىر دېرىزىگە بۇيۇنداپ قارارمەنمۇ؟ لېكىن، بۇ كېچىدە مېنىڭ گەۋدەمنى يوشۇرۇپ قالغۇدەك ھېچنېمە يوق…

 




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار