بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرگە ئىشەنمەيمىز، بىز ئىككى، تۆت بولۇشنى ئىستەيمىز. سۆزلەردىن چىقىپ ئىدىيەلەردەك چۇقان سالىمىز ئۈنسىز-ئۈمىدسىز… مەن شۇ تاپتا ھېچنېمىنى خىيال قىلمىدىم. بەلكىم، ئىلھام كېلىۋاتسا كېرەك. قەلبىمدىكى تۇيغۇلارنىڭ سۆزگە پاتماسلىقى دائىم مېنى خاۋاتىرسىزلەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئەزىز نەسىن (تۈرك يازغۇچسى) شېئىر يازمىغان. مەنچە ئۇ شېئىر يازغان بولسا چۇقۇم چۈشىنىشلىك شېئىر يازىدىغان شائىر بۇلۇپ چىقاتتى. فرانز كافكانى ھېچكىم يازغۇچى دېمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئاخىرقى مەغلۇبىيەتچى. ئەخمەتجان ئوسماننى ”بۇ يەردە پۇل تاپالماي چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن“ دىيىشىدىكەن. مۇشۇنداق دېگۈچىلەر چۇقۇم ئۇنىڭ ”يىلان مىھرى“ دېگەن شېئىرىنى ئۇقۇغانلار بولۇشى مۇمكىن. ئادىل تۇنىياز ئىنگىلىز تىلىنى بىلىدۇ – يۇ، ئىنگىلىزچە شېئىر يازمايدۇ. ئۇ يالغۇزلۇققا چوڭقۇرلاپ كىرگۈچى… بولدى. بالىلىرىڭ ئىمتىھاننى ياخشى بەرسۇن! X X X X مەن بۇ قېتىمقى خېتىمدە مۇھەببەت ھەققىدە سۆزلەيمەن. مۇھەببەت تۈزۈپ كەتكەن بىر دەستە چىرايلىق گۈل دېگۈچىلەرگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: سىلەر باياۋاندا چاڭقاپ لەۋلىرى چاك-چاك يېرىلغان سەيياھنىڭ بىر يۇتۇم مۇزدەك سۇنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچكىنىنى كۆرگەنمۇ. بۇنداق چاغدا يىراق ئاسماندا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان قۇياش جىمجىت سۈكۈتكە پاتقان بولىدۇ… بالىلىقىمدا ئالما دەرىخىگە چىقىپ قىپقىزىل پىشقان بىر تال ئالمىغا قول ئۇزىتىۋاتقىنىمنى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر سەھرا قىزى كۆرۈپ قېلىپ مىيىقىدا كۈلگەنىدى. مەن شۇندىن بىرى چۈش كۆرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم. ھەر كۈنى ئۆيۈم ئالدىدىكى تاش كۆۋرۈكنىڭ سالاسۇنىغا يۆلىنىۋېلىپ 500 مېتىر يىراقلىتىكى سۈگەت دەرىخىنى ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا ئېقىۋاتقان خىيالچان سۇنى كۆزىتەتتىم. مەن ئۇ يەرگە بىر قىز سۇ ئالغىلى چىقىدۇ، دەپ ئويلايتتىم… كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ يەرگە راستىنلا بىر قىز چىلەك كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەمما، ئۇ تاش كۆۋرۈك ئۈستىدە ئۆزىنى بىر نامەلۇم تەۋەككۈلچىنىڭ كۈزىتىۋاتقانلىقىنى نەدىن بىلسۇن! بىر كۈنى ئانام مېنى ئوت قالاشقا بۇيرۇپ قالدى. ئۇچاققا ئوت تۇتاشتۇرۇۋېتىپ قۇلۇمدىكى يېرىمى دېگۈدەك يىرتىلىپ بولغان كىتاب (ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ژۇرنال ئىكەن، ئۇ چاغلاردا ژۇرنالنىمۇ كىتاپ دەيتتىم) تىكى قۇشاققا كۈزۈم چۈشتى. ئۇقۇپ ئاجايىپلا بولۇپ قالدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ مەنمۇ قۇشاق تۇقۇشقا باشلىدىم، ھەيران قالارلىق يىرى شۇكى، مەن بارغانچە قۇشاق تۇقۇشقا مەپتۇن بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. ھەر كۈنى خاتىرەمنىڭ نۆۋەتتىكى بېتىگە بىرەر قۇشاق يازمىسام گېلىمدىن غىزا ئۆتمەيتتى. مەن تۇقۇغان قۇشاقلاردا بىر قىز كۈيلىنەتتى، ئۇنىڭغا بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىم مىسرالار ئارىسىدا جىلۋىلىنەتتى… بالىلىقتىن خوشلاشتىم. تويمۇ قىلدىم. شۇ ئارىلىقتىكى نۇرغۇن جەريانلار ئەسلىمىلىرىمدە ئاستا-ئاستا سۇسلاشتى. بىر كۈنى شېئىر يېزىپ ئولتۇرسام (كىيىن شېئىر بىلەن قۇشاقنى پەرقلەندۈردۈم) ناغرا ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۆزۈممۇ بىلمەي يەنە شۇ تاش كۆۋرۈككە يۈگرەپ چىقتىم. يولدىن توي ماشىنىسى ئۆتۈۋېتىپتۇ ئىككىنچى رەتتىكى تۈجۈبىلەپ تىزىلغان گۈلدەستىنى ئەسلىتىدىغان ماشىنىدىن بىر قىزنىڭ سۇس كۈلۈمسىرىگىنىنى كۆرۈپ قالدىم. يۈرەك رېتىمىم تېزلىشىپ كەتتى. بىردەمدە مەن تۇپا-تۇمانلار ئارىسىدا قالدىم. ئۆيگە قايتىپ كىرىپ شېئىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم. شېئىرىمنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپ بىلدىمكى، بايا ماڭا سۇس كۈلۈمسىرىگەن قىز دەل ئاشۇ مەن تاش كۆۋرۈكتە تۇرۇپ ئۇزۇن مەزگىل كۈزەتكەن قىز ئىدى. مەن ئۇنىڭ توي قىلغىنىغا ئەجەبلەندىممۇ ياكى ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمىگىنمگىمۇ؟… لېكىن، شۇنى ئېتىراپ قىلماسلىققا ئاساسىم يوقكى، مەن دەل شېئىر يېزۋاتقاندا ئۇ قىزنىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مېنىڭ شېئىر يېزىشىم بىلەن ئۇ قىزنىڭ باشقا بىرى بىلەن توي قىلىشىنىڭ چۇقۇم مەلۇم ئاساسى باردەكلا تۇيۇلاتتى. ئەگەر مەن شېئىر يازمىغان بولسامچۇ! مەن شېئىر يازمىغان بولسام ئۇ قىز يەنە شۇ سۈگەت تۈۋىگە چىلەك كۆتۈرۈپ سۇغا چىقارمىدى، مەن ئۇنى تاش كۆۋرۈكتە تۇرۇپ يىراقتىن كۆزۈىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالماس بولغىيمىدىم؟……….. دېمەك، مېنىڭ شېئىر يېزىشىم ئەنە شۇنداق باشلاندى. ئۇ قىز توي قىلغاندىن كېيىن شېئىر يېزىشنى توختىتىشقا يەنە بىرەر سەۋەب تاپالمىدىم. سېنىڭ بۇخەتنى ئۇقۇۋېتىپ نېمىلەرنى ئويلىغىنىڭنى بىلمەيمەن. ئوخشىمايدىغان بىر يىرى شۇكى، ئىلگىرى شېئىرنى قارا سىياھ بىلەن يازغان بولسام ئۇ قىز توي قىلغاندىن كېيىن قارا سىياھ ۋە خاتىرە ئىشلەتمەيدىغان بولدۇم. شېئىرلىرىمنى ئاق قەغەزگە يازدىم دەپ ئويلايمەنۇ، قەغەز ئاق پېتى قېلىۋىرەتتى. ئاق قەغەزگە قاراپ سۇس كۈلۈمسىرەيتتىم. بۇ كۈلۈمسىرەش ئۇ قىزنىڭ توي ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ ماڭا كۈلۈمسىرىگىنىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيتتى. X X X X خېتىڭنى ئۇقۇپ ئامانلىقىڭنى بىلدىم. ئاڭلاۋاتقان مۇزىكىنى بىرى سوۋغا قىلغان. مۇزىكىدا نېمە كۈيلەنگەن دەپ سورىساڭ دەپ بىرەلمەيمەن. لېكىن، بۇنىڭ جىنايەت ئەمەسلىكى ساڭىمۇ ئايان. كېچە بارغانچە ھۆسنىگە تولماقتا. كېچىدىكى ئاشۇ سەرسان ئاي سېنىڭ ماڭا خوش دېگەندىكى ھالىتىڭگە ئوخشايدۇ. سەن ماڭساڭ بىر توپ يۇلتۇزلار كەينىڭدىن ئەگىشەرمۇ؟ سەن قەشقەرنىڭ قەدىمقى كوچىلىرىدا مۇھەببەت ھەققىدە خىيال سۈرمىدىم دىيەلەمسەن… بىز بىر قىزنىڭ ئوخشاش تەبەسسۇمىغا نائىل بولغۇچىلارنى غالىپلار دىيەلمىگىنىمىزدەك مەغلۇبىيەتچىمۇ دىيەلمەيمىز. تەبەسسۇمدا شەيتان بار، تەبەسسۇمدا جەننەت بار. بۇۋىلارنىڭ كالاملىرىدىكى جەننەت بىلەن دوزاق ئارىسى بىر تىنىقمۇ كەلمەيدۇ. لېكىن، بىز كىتابلاردىن زېرىككۈچىلەرمىز. زوبىنزون يىگانە ئارالغا نېمىشقا كەلگەن؟ مەن ئۇ ھەقتىكى ھېكايىنى تېخى ئۇقۇپ بۇلالمىدىم. سۇدا ھاياجان يوق دېسەك بىزنىڭ ئاۋۇلاردىن نېمە پەرقىمىز قالىدۇ؟ سۇغا قۇياش نۇرىدىن قارىغاندا ئاي شولىسى بەكرەك يارىشىدۇ. بەلكىم. روبىنزون بىلەن كروزونىڭ ئويى ئەزەلدىن بىر يەردىن چىقمىغان. شۇڭا، ئۇلار ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئارال… ئارال بىلەن ئايالنىڭ پەرقى يېزىقتا ئارانلا بىر ھەرپ. «ي» گۇناھنىڭ يەنە بىر مەنىسى. «ي» ھەرىپىنى يېزىۋاتقاندا ئۆزۈمنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى ھېس قىلىپ چۆچۈپ كەتتىم. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا بەك كەپسىز بالا ئىدىم. ھەدېسە مەكتەپتىن قېچىپ ئىگىز قۇم دۆۋىسىگە چىقىۋالاتتىم. باشقىلار مېنى ئۇخلايدۇ دەيتتى. ئەپسۇسكى، مەن ھازىرغىچە ئۇ يەردە ئۇخلىغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. بىر كۈنى مۇئەللىم مېنى تۇتۇۋالدى – دە، قۇلۇمدىن دېگۈدەك سۆرەپ دادامنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. دادام ئوتۇن يېرىۋاتقان ئىكەن. دادامنىڭ ئوتۇن يېرىۋاتقان ھالىتى بەئەينى چۆچەكلەردىكى كۈچتۈڭگۈر پالۋاننى ئەسلىتەتتى. قورقۇپ قالدىم. دادام بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئاي پالتىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەلدى. دادام مېنى ئاشۇ كۆتەكنى يارغاندەك يېرىۋىتىدىغان بولدى، دەپ جان پېنىم چىقىپ كەتتى… شۇندىن بىرى ئۇ قۇم دۆۋىسىگە چىقمايدىغان بولدۇم. مۇئەللىم ماڭا ئېلېپبەنى قايتا ئۆگىتىشكە باشلىدى. بىر كۈنى مۇئەللىمنىڭ يۆتكەلگەن خەۋرىنى ئاڭلىدىم. مۇئەللىم شۇ چاغدا ماڭا «ي» ھەرىپىنى ئۆگەتمىگەن بولغىيمىدى؟… سېنىڭ «ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ بىر تال قۇۋۇرغىسىدىن يارالغان» لىقى ھەققىدىكى بايانلىرىڭنى ئۇقۇپ بۇ ئىشلار ئېسىمدىن كەچتى… بىز ئاخىرقى ئارالغا كېلىپ قالدۇق. بۇ يەردە يۇلقۇنۇپ ياشايمىز. بۇ يەردە ئوت بار، لېكىن بىزنى كۆيدۈرەلمەيدۇ. بۇ يەردە دېرىزە ئۇچۇق، بىز ئۇنى يىراقتىن كۈزىتىشكە مەجبۇرمىز… |