تۇپا باسقان خەتلەر(5)

يوللانغان ۋاقتى:28-02-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
تېخى سەن بەزى خەتلىرىمنى ئۇقۇپ ئۈلگۈرمىدىڭ. مەن ھەر كۈنى، ھەر سائەتتە ساڭا خەت يازىمەن. لېكىن، ئۇنىڭدىن قۇلۇڭغ

تېخى سەن بەزى خەتلىرىمنى ئۇقۇپ ئۈلگۈرمىدىڭ. مەن ھەر كۈنى، ھەر سائەتتە ساڭا خەت يازىمەن. لېكىن، ئۇنىڭدىن قۇلۇڭغا تەگكەنلىرى قانچىلىك؟ بۇنىسى ماڭا سىر ئەمەس. شۇنىسى ئېنىقكى، خېتىڭدىن قارىغاندا سەن بۇنى ھېس قىلىپسەن… مەن يازغان خەتلەردە بىز قىزنىڭ ئەمەس، بىر ئەركەكنىڭ جاراھەتلىك يۈرىكى بار… شۇنداق، بىزنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى بايانلىرىمىز ئەمدى باشلاندى!
خەير، ياخشى چۈش كۆر دېمىگىنم ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشقا ئاجىزمەن…
X X X X
ھاياتىمىزدىكى ئاياللار ھەققىدە مۇناسىپ خاتىرىلىرىمىز بار. بىزنىڭ چىنغىز ئايتماتوۋدەك كۆپكۆك دېڭىزدا بىر ئايال بىلەن بىر كېچە سىردىشىپ چىققىنىمىز يوق. ئايتماتوۋ مۇختارغا بۇ كەچۈرمىشىلىرىنى سۆزلىگەندە ئاۋازىدىن بىر يىراق ھەسرەتنىڭ ھېدى كىلەتتى… قۇم بارخانلىرىدىكى ئەپسانىلەر، يۇلغۇن چېچەكلىرىدىكى قەھرىمانلىق داستانلىرى ھېلىمۇ جىمجىت بۇران ئىچىدە. سەن مۇختار بولمىغىنىڭدەك مەنمۇ چىنغىز ئەمەس. بىز سۆزلىگەندە ئاياللارنى ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئىپادىلىيەلمەيمىز. ئۇلار بەزىدە ئاياللارنى ساناپ بۇلالماي ئېزىقىپمۇ قالغان بولغىيمىدى؟ بىز سۆزلىمەكچى بولغان ئاياللار بىلەن بىر قېتىممۇ ئىللىق تەبەسسۇم قىلىشمىغان. سەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولۇشۇڭ مۇمكىن. ئاۋازنىڭ كۆرۈنمەس ئوقلىرى يۈرىكىمنى يارا قىلمىدى دىيىشكە ئاجىزسەن. مەن بولسام ھەرپلەر جاڭگىلىدا كىيىك قوغلىدىم…
«بۇ ئاخشام» دېگەن ناخشا ئېسىڭدىمۇ؟ قەشقەرنىڭ كۈيۈك كوچىلىرىدا يۈرگىنىڭدە ئۇنى سېغىنغىنىڭنى مەندىن يۇشۇرما. سېنىڭ يامغۇرلۇق كېچىدە كوچىلارنى ئارىلىغىنىڭنى شاماللار مەندىن يۇشۇرۇپ ئولتۇرمىدى. قۇلۇڭدىكى بىر دەستە گۈل ئىگىز بىنادىن يەرگە تاشلانمىغان بىلەن كۆز ياشلىرىڭدا سەكپارە بولدى. بىز يېزىشقان شېئىرلار تىمتاس سۈكۈتتىكى ئاخىرقى سادا ئەمەس. قايسى كۈنى مەن سەھەردىكى شەبنەمدىن چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئۈلۈكى ھەققىدىكى بايانلارنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ چىرايلىق قىزنىڭ ئۈلۈمى ھەققىدە توختالدىيۇ، سەۋەب ھەققىدە ھېچنىمە دىمىدى. ئەزەلدىن سەۋەبكە كۈنۈپ كەتكەن ئىدىيەم بىلەن مەن بۇلارنى چۈشىنەلەرمەنمۇ؟ زىمىستان قىشتا باھار ھەققىدە خىيال سۈرۈپ توڭلاپ قېلىشنىڭ ئارقىسىدا ئېچىنىشلىك تىراگىدىيىلەر سۇزۇلۇپ يېتىپتۇ…
قىزلار يازغان خەتتىكى ھەرپلەردىن گۇمانلىنىمەن. مەن دائىم شۇ ھەرپلەرنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ. سەلكىن كىرسۇن دەپ ئېچىپ قويغان دېرىزەمدىن بىر پارچە ئوت كىرىپ مېنى كۆيدۈرىدۇ… كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىش مېنىڭ ئىختىيارىمدىن ئۇچۇپ كەتكەن قۇش…
بىز ئەمدى ئۇ كىتابنى يېپىپ قويىمىز. چۈنكى، بىزنىڭ كىتابنى ئېچىپ قويۇپ بىر غايىپ پەرشتە بىلەن سۆزلىشىش ھوقۇقىمىز يوق. سەن قىزىڭغا تەپكۈچ تىپىشنى ئۆگەت، مەن ئوغلۇمغا قەپەستىكى شىرنى كۆرسىتىمەن…
X X X X
ئۈلۈك مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىم گۆرىگە كىرىۋالدى. بۇ ئۇنىڭ بۇ جاھاندىن نارازى بولغانلىقىمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. سەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەپسەن. مەن چوڭلارنىڭ ئادەم تۇغۇلغان كۈنىدە بالىلىقىغا قايتىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. مەن يالىڭاچ پېتىم سىرتقا چىقىشنى ئويلىدىم. مېنىڭ يالىڭاچ سىرتقا چىققىنىمنى كۆرگەن تۇنجى ئادەم ئېنىقكى، بۇگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكەن دەرمۇ؟ مەن غايىۋانە تەلپۈنگەن ھېلىقى قىز تەسادىبەن ئۇچراپ قالسا، جەزمەن كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ماڭا قايتا زەن سېلىشى مۇمكىن. ئۇ بىر بولسا كەينىگە تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كېتىدۇ يەنە بىر بولسا دەرھال كۆز كېسەللىكلىرى دۇختۇرخانىسىغا يۈگرەيدۇ….
سىرتقا چىقتىم، يالىڭاچ ئەمەس. ئەخلاق پۇركەنجىلىرى ئىچىدە تۇگۈلۈپ تۇرۇپتىمەن. ماڭا تۇنجى ئادەم ئۇچرىمىدى. مەن غايىبانە ئاشىق بولغان قىز پەقەت تىنجىق شامالدىن ھەسرەتلىك سېغىنىشىنى ئەۋەتتى. ياشتا چوڭ بىر ئايال خوشنام ماڭا ئالىيىپ قۇيۇپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئىشىكنىڭ «جالاققىدە» يېپىلغىنىدىن بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكىنى ئىككىنچى رەت ھېس قىلدىم. ئۇ نېمىشقا ئىشىككىدە بۇنداق ياپىدۇ؟ مەن ئۇنىڭ قاتتىق ئۇيقۇسى كەلگەن بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم. تۈنۈگۈن كيۇ كيۇدا بىر قىز ماڭا نەسىھەت قىلدى: «ئەمدى ئۇنى ئەبلەخ دېمەڭ». سەن مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭ ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرەر ئىدىڭ. مەن سەگەكلىشىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسام كىرەك. شۇ تاپتا ھەممە ئادەم چۈشلۈك ئۇيقىدا…
X X X X
كەمىنە ئابدۇرېشىت ساڭا تۇنجى پارچە خەتنى يېزىۋاتقاندا دېرىزەم ھاڭغىرقاي ئۇچۇق ئىدى، بوران چىقىۋاتاتتى… سۆزلەردىن ياسالغان بۇ پايانسىز باغچىدا بىر ئاشىق تەنھالىق ھەققىدىكى ئاخىرقى شېئىرغا چۆككەن. ئۇنىڭدا يالىڭاچلىق تەسۋىرلىنىدىغان بىر مىسرا بار ئىدى. بۇ مىسرادىكى پەش، چېكىتلەر ئۆزىنى ھەدەپ يۇشۇرماقچى بۇلاتتىيۇ، بىردىنلا كەچكۈز ئايلىرى كىرىپ ھەممە نەرسە ئاشكارلىنىپ قالاتتى….
ئۈرۈمچى كوچىلىرى خاتىرىلىرىمدە ھېلىغىچە غۇۋا. بىز ئىچكەن يىلمان پىۋە قىزىل تاغدىكى جىمجىت سەيلىگاھقا نىسبەتەن يېڭىلىق ھېسابلانمىسا كېرەك. ئارىمىزدا بىر ئايال بار. لېكىن ئۇ ئىككىمىزدىكى تەنھالىقنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرگۈچى سۈپىتىدە قىينىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. قىزىلتاغدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە سۇغۇق تەرگە چۆمگىنىمنى سەندىن يۇشۇرمايمەن. ئادەم تۇغۇلۇش ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچى؟…
سېنىڭ ئېغىزىڭدىن ئۆلۈۋېلىش سەنئىتىنىڭ ئاپتورى ھەققىدىكى يالغان گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەتراپىمغا قاراپ قويدۇم. ئۆلۈۋېلىش سەنئىتىدىكى تايىر راستىنلا بىنورمال ئادەممۇ؟ ئۇ دائىم ئۈلۈۋېلىشنى ئويلايدۇ، شۇنداقمۇ! لېكىن. سەندىكى بۇ يالغانچىلىقنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىكى يالغانچىلىق بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ چۆچۈپ كەتتىم. بىز ھەر ئىككىمىزلا ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاپ يۈرگۈچىلەر بولىشىمىز ناتايىن. ئەمما، كىمنىدۇر ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىمىز، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى ئەشەددىي تەنھالىقتىن قۇتۇلماقچى بولغانلىقىمىز ھېچكىمگە سىر ئەمەس….
بىز ئىككى ئىدۇق، كىمدۇر بىرى بىزنى ئۈچ قىلماقچى بۇلاتتىتۇ. ئالدىدىكى رەھىمسىز رېئاللىقنى كۆرۈپ نىيىتىدىن يېنىۋالاتتى. سەن ئۇ ئايالنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭ يەنە بىر يۈزىدىن پۇشكىن دوئىلغا چۈشكەن مەنزىرە ئەكىس ئېتەتتى…. بۇ مەنزىرە نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق ۋە كۈلكىلىك ھە!…
بۇران يەنە ئەزۋەيلىگىلى تۇردى. خېتىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىشقا مەجبۇرمەن. ئۇنى تاقىۋەتمىسەم ساڭا خەت يازىدىغان ئابدۇرېشىت توپىغا كۆمۈلۈپ قالغۇدەك. كۆرۈشكىچە ئامان بول!
X X X X



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار