ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • بۇ ئاۋاز چىقىشى بىلەن 39- سەكرەپ كىرىپ كەلدى. كەسىر چېكىتى «ۋىژ.....» ژىدە قىلىپ 3 بىلەن 9 نىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋېلىۋىدى، 39- نىڭ گەۋدىسى دەرھال يۇقۇرىغا قاراپ بىرمۇنچە ئۇزىراپ 3.9- غا ئايلىنىپ قالدى.

    ـــــ مەن 39- نى 3.9- غا ئۆزگەرتتىم. مەنپى سانلارنىڭ مۇتلەق قىممىتى قانچىلىك كىچىك بولسا، ئۇلارنىڭ سانلىق قىممىتى شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، مەن بىر ساننى چوڭايتىۋەتمىدىممۇ؟ مەن مۇسبەت پۈتۈن سانلارنى كىچىكلىتىپلا قالماستىن، مەنپى پۈتۈن سانلارنى.........

  • تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە پۈتۈن سان پادىشاھلىقى ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ پادىشاھلىقتا پادىشاھ، باش مىنىستىر، ۋە باش قوماندانلار بار ئىدى. ئۇنىڭ پادىشاھى سېمىزرەك 0 سانى، باش مىنىستىرى پاكار بويلۇق 1- ، قوماندانى ئورۇق  ئىگىز بويلۇق 1 ئىدى.

    بۈگۈن يېڭى يىل، شۇنداقلا نۆل پادىشاھنىڭ 1981 ياشقا كىرگەن كۈنى ئىدى.

    0 پادىشاھ قاچان تۇغۇلغان بولغىيدى؟ ئۇ مىلادىنىڭ 1-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 0 مىنۇت 0 سېكۇنت ئۆتكەندە تۇغۇلغان. توي ئۈستىگە توي بولۇپ مەمۇرى ۋە ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ............

  • ئالگېبرا 代数学 - [ماتېماتىكا تارىخى]

    ئالگېبرا [代数] ماتېماتىكىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇنىڭدا ئالگېبرالىق ئەمەللەرنىڭ ئومۇمىي ھاللىرى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سان ۋە سان ئۈستىدىكى ئەمەللەرنىڭ قانۇنىيەتلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى بايقالغاندىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سانلار ھەرپلەر ئارقىلىق ئىپادىلەندى ھەمدە سان ۋە ھەرپلەر ئارىسىدىكى ئەمەللەر قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدىكى مۇھاكىمىلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەرگە ياكى ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەر..............