بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى - [يېزا ياشانغادا كۈتۈنۈش سۇغۇرتى]

    2009/06/28

    يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى
     
    2009– يىل6– ئاينىڭ26– كۈنى 11:55 شىنجاڭ گېزىتى
     

         شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 24 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 24 – ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ‹‹خېڭچىن ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى›› مۇزاكىرە قىلىندى ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

         يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش  شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يېزىلاردا نامراتلىقنى تۈگىتىپ، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا 2009 – يىلى مەملىكەت بويىچە %10 ناھىيە(شەھەر، رايون) دە يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى سىناق قىلىش قارار قىلىندى.

         يىغىندا يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ‹‹ئاساسەن كاپالەتلەندۈرۈش، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولۇش، جانلىق بولۇش، ئىمكانىيەتلىك، سىجىل بولۇش›› تىن ئىبارەت ئاساسىي پرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ئىشنى تۆۋەن نۇقتىدىن باشلاپ، مەبلەغ جۇغلاش، تەمىنات ئۆلچىمىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قۇربىغا لايىقلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتنى شەخسلەر، كوللېكتىپ، ھۆكۈمەت مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىش، ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت يېتەكلەش بىلەن دېھقانلار ئىختىيارىي قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى سۇغۇرتىغا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ تۆتىنچى، ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىپ، تەدرىجىي كېڭەيتىش كېرەك.

         يىغىندا يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە جەمئىيەت بىر تۇتاش غەملەش بىلەن شەخسىي ھېساباتنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئاساسىي ئەندىزە،  شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش، كوللېكتىپ ياردەم بېرىش، ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن غەملەش شەكلىنى قوللىنىش  بېكىتىلدى. 16 ياشقا توشقان، مەكتەپتە ئوقۇمايدىغان ، شەھەر، بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى  يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ. 60 ياشقا توشقان، ئالاقىدار شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن سۇغۇرتىلانغۇچى دېھقان ئاساسىي كۈتۈنۈش  پۇلى ئالسا بولىدۇ.

         يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇخەي شەھىرىنىڭ خېڭچىن ئارىلى جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلار بىلەن قوشنا، ئاۋمېن بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. خېڭچىننى ئېچىشنى  ئىلگىرى سۈرۈش گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىلارنىڭ زىچ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شياڭگاڭ – ئاۋمېن رايونلىرىنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: خېڭچىن ئارىلى جۇخەي ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پورت تەسىس قىلىش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىدە لىنىيىگە ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. سودا مۇلازىمىتى، ساياھەتچىلىك، ئىلمىي تەتقىقات ۋە يۇقىرى يېڭى تېخنىكا يېڭى كەسىپلىرىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن كەسىپ ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خېڭچىننى تەدرىجىي ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› شارائىتىدا گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ئۈلگە رايونغا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاۋانگارت رايونغا، جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونلارنىڭ كەسىپ دەرىجىسنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن يېتەكچىلىك ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەەەلىيلەشتۈرۈپ، پىلانلاش تەشكىللەش، يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى. 

    ( مۇھەررىر : قـەيسەر )
    分享到:

    خەتكۈچ:
1056551709QQ