بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • دوستلۇق ھەققىدە ھىكمەتلەر - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]

    2009/06/28

    دوستلۇق ھەققىدە ھىكمەتلەر
     
    2009– يىل5– ئاينىڭ24– كۈنى 12:56 شىنجاڭ گېزىتى
     

       دوستلۇق  ھاياتتىكى ئەڭ زۆرۈر نەرسە. گەرچە ئىنساننىڭ ئۆمرى راھەت – پاراغەتتە ئۆتمىسىمۇ ھېچكىم ھاياتىنى دوستسىز ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدۇ.

                          ئارەستو

      دانالىقتىن كېيىن ئادەملەرگە بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك ئىنئام دوستلۇقتۇر.

                     ف.لاروشفۇكو

      ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە  ئۇنىڭ  باشقىلار بىلەن بولغان دوستلۇقىدۇر.

                        ئا.لىنكولىن

      ئەگەر تەقدىر ئادەمگە ساخاۋەت كۆرسىتىپ دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك بەختنى ئىنئام قىلماقچى بولسا، ئۇنى سادىق دوست بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. 

                                ئە.تېلمان

      دۇنيادىكى بارلىق ئىززەت – ئېكراملارمۇ بىر ياخشى دوستنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

                         ف. ۋولتېر

      دوستۇڭنى ئۆز ئېتىقادىڭ بويىچە سېنى يۈكسەلدۈرگۈچى بىر كۈچ دەپ بىلىپ ئەتىۋارلا.

                       ر.ئېمېرسون

       دوستۇم دەپ ئىشىنىپ يۈرگەن ئادىمىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ئېغىر دەرت يوق.

                               ر.سېتىۋېنسون

      ھەقىقىي دوستلۇققا نادان ئادەملەر چۈشەنمەيدىغان بىر خىل جەلپ قىلىش كۈچى يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

                                  ج.لابريۇيېر

      دۇنيادا دوستلۇقتىن ئەۋزەلرەك ۋە يېقىملىقراق ھېچ نەرسە يوق؛ ئۆمۈر دەپتىرىدىن دوستلۇقنى ئۆچۈرۈۋېتىش دۇنيانى قۇياش نۇرىدىن مەھرۇم قىلغان بىلەن باراۋەردۇر.

                                    تىستېسرون

      ھەقىقىي دوستلۇق ئۆزئارا بىر – بىرىنى سۆيۈشتۇر، دوستۇم مېنىڭ نىيەتلىرىمنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنمۇ ئۇنى قۇۋۋەتلەيمەن. شۇ تەرىقىدە گەرچە قاراشلىرىمىز باشقا – باشقا بولسىمۇ بىرلىشىپ ئالغا باسىمىز.

                                      ئى. گيوتى

       تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق راھەت – پاراغەتلەرنى دوستلار بىلەن تەڭ كۆرمەي، يالغۇز ئۆزىمىزلا كۆرسەك ئۇنىڭ تەمى بولمايدۇ.

                               روتتېردامسكىي

    ‹‹تەپەككۇر گۈلشەنى››ناملىق كىتابتىن زۇلپىيە ئابدۇۋېلى تەييارلىغان.

     

     

    ( مۇھەررىر : قەيسەر قېيۇم )
    分享到:

    خەتكۈچ:
1056551709QQ