-
ئۆزىمىزنى دەڭسەشنى بىلگىنىمىز تۈزۈك - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]
2009/06/28
ئۆزىمىزنى دەڭسەشنى بىلگىنىمىز تۈزۈك2009– يىل5– ئاينىڭ29– كۈنى 14:31 شىنجاڭ گېزىتىمۇھەممەد ئىبراھىم
بىزدە ‹‹ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىش دانالىق››، ‹‹باشقىلارنى ھۆرمەتلەش – قەدىرلەش ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىك ۋە قەدىرلىگەنلىك›› دەيدىغان ئەقلىيىلەر ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كەلمەكتە. بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەر قايسىمىز ئۆمۈر مۇساپىسىدە ئەلگە ئېلىكىمەن، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ھەمدەملىكىگە ئېرىشىپ، ھايات ئاسايىشلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولىمەن، دەيدىكەنمىز، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشكە، باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇشنى بىلىشكە ھەر ۋاقىت، ھەرجايدا ئەمەل قىلىشىمىز، ھېسسىي تۇيغۇمىز بويىچىلا باشقىلاردىن ئالدىراپ – تېنەپ ئاغرىنماسلىقىمىز، ھەرقانداق ئىشتا ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئوبدان دەڭسىشىمىز، ئۇرۇق – تۇغقان، قېرىنداشلارغا، ئەتراپىمدىكىلەرگە، خىزمەتداشلىرىمغا، قولۇم – قوشنىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتىمەن، ئۇلار بىلەن ھەمدەملىكتە ئۆتۈشتىكى مەجبۇرىيىتىم نېمە؟ دەپ، ئۆزىمىزگە ھەرۋاقىت سوئال قويۇپ تۇرۇشىمىز لازىم. تەبىئىيكى، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، باشقىلارنىڭ ھىممىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش گۈزەل كىشىلىك پەزىلەت. بۇ پەزىلەتنى ھەركىم مەنىۋىيىتىگە سىڭدۈرەلىسە، كىشىلىك كامالىتىگە يېتىنىپ، ئىززەت – ھۆرمەت تاپالايدۇ.
ئەتراپىمىزدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار تۇرمۇشتا، خىزمەتتە، قوشنىدارچىلىقتا، ئېلىم – بېرىمدە، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ‹‹ھە›› دېسىلا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگىلا ۋاپادارلىق قىلىشىنى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىنى، كۆيۈنۈشىنى، غەمخورلۇق، ھېسداشلىق قىلىشىنى تەمە قىلىپ، ھەممە ئىشتا ‹‹مەن››نى چىقىش قىلىدۇ – دە، نەتىجىدە ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازابلايدۇ. مەسىلەن: بەزىلەر ئۆز خاھىشى، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، جاھاندا بىر ئۆزىلا ياشايدىغاندەك، ئۆي بېزەشتە ئەسلىدىن ئىچىگە ئېچىلىدىغان تالا ئىشىكىنى قەستەن تېشىغا ئېچىلىدىغان، ئوڭغا ئېچىلىدىغىنىنى سولغا ئېچىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، يان قوشنىسى ۋە يۇقىرى قەۋەتتىكىلەرنىڭ كىرىپ – چىقىشى، چىقىپ – چۈشۈشىگە قۇلايسىزلىق كەلتۈرگەندە، قوشنىلار ئۇنىڭغا بۇ ئىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە، ئۇ قوشنىلىرىغا دېۋەيلەپ يېنىپ، ‹‹مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك››دېگەندەك ئۇلاردىن رەنجىپ، دومسىيىپ يۈرۈپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىملار ئەرمەك ھايۋانلارنى ئەسلىدىلا كۆلىمى كىچىك، كۆپ قەۋەتلىك ئۆيلەردە بېقىپ، قولۇم – قوشنىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا، ئارامىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. قىسمەنلەر ئىدارىسى ياكى بۆلۈمىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قايىل بولماي، ئۇنداق قىلالايتتىم، مۇنداق قىلالايتتىم، دەپ، ‹‹ئۆزۈمنى دەڭسىمەي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن›› دېگەندەك ئاقىۋەتكە مۇپتىلا بولماقتا. بۇ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ھال – ھە!؟ ئەگەر بۇنداق ئىللەت ۋاقتىدا ‹‹شىپا›› تاپمىسا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز جېنىمىزغا ئۆزىمىز ئېكەك سالغان بولىمىز، خالاس.
( مۇھەررىر : لالە )历史上的今天:
نومۇس ۋە ئەقىدە 2009/06/28يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى 2009/06/28دوستلۇق ھەققىدە ھىكمەتلەر 2009/06/28بىز قانداق ئىختىساسلىقلار قارىشىغا موھتاج؟ 2009/06/2850 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ئىگىلىك تىكلەڭ 2009/06/28
