-
بىز قانداق ئىختىساسلىقلار قارىشىغا موھتاج؟ - [ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار]
2009/06/28
بىز قانداق ئىختىساسلىقلار قارىشىغا موھتاج؟2009– يىل6– ئاينىڭ25– كۈنى 12:32 شىنجاڭ گېزىتىكې جياۋپىڭ
پەرزەنتىنىڭ ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش — ئاتا – ئانىلاردىكى بىر ئورتاقلىق، ‹‹ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىش›› — جۇڭگودىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئىنتىلىدىغان نىشان. بۇنداق كىشىلىك تۇرمۇش پىلانى، قىممەت قارىشى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.
ئاتا – ئانىلارنىڭ ئارزۇسى، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىمى، جەمئىيەتنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمى، جامائەت پىكرىنىڭ قوللىشى ئۆزئارا بىرىكىپ شۇنداق بىر شەكىلسىز كۈچ ھاسىل قىلغانكى — ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹ئۆتكەل››دىن ئۆتۈش كېرەك. مۇشۇ قاراشنىڭ تەسىرىدە ھازىر نۇرغۇن ئاتا – ئانا ۋە ياش – ئۆسمۈر تېڭىرقاپ قېلىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا، جەمئىيەت ئېھتىياجى ۋە باھالاش ئۆلچىمى كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇسۇلى ۋە ئىش ئورنى كۆپ خىللىشىۋاتقان، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش نىشان قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قانداق ئىختىساسلىقلار قارىشىغا ئىگە بولۇش، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆلچىمى قانداق بولۇش، قانداق قىلىپ ئىختىساسلىق بولۇش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەر چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن بولۇپ قالدى.
ئۇنىۋېرسىتېتتا، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغاندىلا، ئىختىساسلىق بولغىلى بولامدۇ؟
ھازىر بەزى ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىدە، ‹‹تولۇق كۇرستىن تۆۋەن مەلۇماتلىقلار قوبۇل قىلىنمايدۇ›› دېگەن ۋىۋىسكىلار كۆزگە چېلىقىدۇ، بۇ نۇرغۇن ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە. يېقىندا مەركەزنىڭ مەلۇم ئورگىنى ئىككى تېز خاتىرىلىگۈچىنى تەكلىپ قىلماقچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ ماگىستىرلىق ئۈنۋانى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. ‹‹ئوقۇش تارىخىنى چوڭ بىلىدىغان›› بۇنداق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كىشىلەر ‹‹داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت››لارغىلا تەلپۈنىدىغان بولۇپ قالدى.
ئۇنىۋېرسىتېت، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتكۈزگەنلەر چوقۇم ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولالايدۇ، دەيدىغان قاراش ئومۇملىشىپ قالغاچقا، بۇنداق ئىجتىمائىي كەيپىيات ھازىر يەسلى مائارىپىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.
ئۇنىۋېرسىتېت، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش ھەقىقەتەن ئىختىساسلىق بولۇپ يېتىلىشكە پايدىلىق، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىۋېرسىتېت، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن چىققان. بىراق بۇ ئۇنىۋېرسىتېت، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى ئىختىساسلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئىختىساسلىق خادىم بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىۋېرسىتېت، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس.
ئىختىساسلىق بولۇشنىڭ يولى نۇرغۇن، بۇنىڭدا جەزمەن ‹‹ئالىي مەكتەپ ئۆتكىلى››دىن ئۆتۈش زۆرۈر ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇۋاتىدۇ، جەمئىيەتتە تېخنىكلارغا، كەسپىي مائارىپقا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، تېخنىكلار قوشۇنىدا ئىش ئورنى ماھىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى قايتىدىن ھۆرمەتلىنىۋاتىدۇ، بۇ ئامىللار كىشىلەرنىڭ كەسپىي مائارىپقا بولغان كونىچە قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپ مەنبەلەشكەن ئىختىساسلىق بولۇش ئۆلچىمىنى قايتىدىن شەكىللەندۈردى.
چوڭ شەھەرلەردە، چوڭ ئىدارە – ئورگانلاردىلا ئىشلىسىلا، ئىختىساسلىق بولغىلى بولامدۇ؟
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ستۇدېنت چوڭ شەھەرلەردە ‹‹لاغايلاپ يۈرۈش››نى خالايدۇكى، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى خالىمايدۇ. چوڭ ئىدارە – ئورگانلاردىن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر قوشۇنىغا قېتىلىشنى خالايدۇكى، كىچىك ئىدارە – ئورگانلارغا بېرىپ ئۆزىنى سىناپ بېقىشنى خالىمايدۇ. بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 6 مىليون 100 مىڭ ستۇدېنت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدۇ، چوڭ شەھەرلەر، چوڭ ئىدارە – ئورگانلاردا ستۇدېنتلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنى يەنىلا چەكلىك. ئالىي مائارىپ ئاممىۋىلاشتۇرۇلغان بۈگۈنكى كۈندە، سەرخىللار مائارىپى باسقۇچىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش كۈتۈلمە قىممەت قارىشى بويىچە كەسپ تاللاشقا بولمايدۇ.
چوڭ شەھەر، ئىدارە – ئورگانلارنىڭ شارائىتى ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ، ئەمما بەزى ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئىدارە – ئورگانلار ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ موھتاج، شۇڭا ئۇلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن، بۇ ئورۇنلار بىلىم قۇرۇلمىسى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن، ئەمەلىي تەجرىبىسى كەمچىل ستۇدېنتلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. تەجرىبىسى كەمچىل ياشلارنىڭ پۇرسەت كۈتۈپ، ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكىنىدىن كۆرە، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغىنى كۆپ ياخشى.
ئاساسىي قاتلام دۆلەت ئەھۋالىنى ئىگىلەيدىغان، قابىلىيەت يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم دەرسخانا، ئىرادىنى تاۋلايدىغان، كەڭ دائىرىدە تەجرىبە توپلايدىغان سورۇن. دەۋر، جەمئىيەت ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقان ھەم ئۇ يەرلەردە مۇھىم رول ئويناۋاتقان ستۇدېنتلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ. ‹‹2008 – يىللىق جۇڭگو ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى››غا قارىغاندا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاز كەم %50ى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا ئىشلەۋېتىپتۇ، خۇسۇسىي كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ %40 نى ئىگىلەيدىكەن.
داڭق چىقارسىلا، ئىختىساسلىق بولغان ھېسابلىنامدۇ؟
ئىختىساسلىق بولۇشتا، قانداق قىلغاندا ئىختىساسلىق بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بىلىم بىلەن ئىقتىدار ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغاندا بىلىم بىلەن ئىقتىدار قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىدۇ، ئەمەلىيەتكە تەتبىقلانمىسا ئۇ ئوخشاشلا ئەسقاتمايدۇ. مەكتەپتە ئوقۇغانلىق ئىختىساسلىق بولۇش ئۈچۈن بىر قەدەر ياخشى ئاساس سالغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، خالاس. چامىنىڭ يېتىشىچە جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلىش، ئىختىساسلىق بولغان – بولمىغانلىقنى بەلگىلەشنىڭ ئاچقۇچى.
ئىختىساسلىق بولۇشنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم — مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. كىشىلەر ھەمىشە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان – قازانمىغانلىققا قاراپ، ئىختىساسلىق بولغان – بولمىغانلىققا باھا بېرىدۇ. ئۇنداقتا، باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشسىلا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئىختىساسلىق بولغان ھېسابلىنامدۇ؟ روشەنكى، بۇ چەكتىن ئاشقان بىر تەرەپلىمىلىكتۇر. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش 30 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، جۇمھۇرىيىتىمىز پات ئارىدا 60 ياشقا تولغان قۇتلۇق كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئاشىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ پۇرسەت يارىتىدۇ. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئەمگەكچىلەر ئىشچى، دېھقان، ئەسكەر، دەپ ئاددىيلا ئايرىلماستىن، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ ئىنچىكە ئايرىلدى، تۈرلۈك ساھەلەردىكى كەسپىي تېخنىكلارغا قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كەڭ سورۇن ھازىرلاندى. لېكىن، جەمئىيەتتىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت يۆنىلىشى ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ چەكلىمىسىدىن تېخى قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىدىمۇ ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ ئىزنالىرى ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتە نۇرغۇن ياشنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ.
ئۇلۇغ دەۋر، ئۇلۇغ ئىشلار تۈرلۈك كەسپلەردىكى ئىختىساسلىقلارغا موھتاج. پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا، ئىختىساسلىقلار ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت بولۇش، كېرەك. بىز ئىلمىي ئىختىساسلىقلار قارىشى بويىچە پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى، ئىختىساسلىقلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
( مۇھەررىر : قـەيسەر )历史上的今天:
نومۇس ۋە ئەقىدە 2009/06/28يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى 2009/06/28دوستلۇق ھەققىدە ھىكمەتلەر 2009/06/28ئۆزىمىزنى دەڭسەشنى بىلگىنىمىز تۈزۈك 2009/06/2850 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ئىگىلىك تىكلەڭ 2009/06/28
