نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشتىكى 10خاتا قاراش

يوللانغان ۋاقتى: 17:16 06-09-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: قىزىل ياپىرا كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشتىكى 10خاتا قاراش

1-خاتا قاراش: ئادۋوكات تەكلىپ قلىش ھاجەتسىز.

بۇنداق قاراشتىكىلەردە مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت. بىرى، ئۇلار ئىلگىرى ئادۋوكات تەكىلپ قىلىغان، ئەمما دەۋادا ئۇتتۇرغان. يەنە بىرى، دەۋا قىلىپ باققان ئەمما ئادۋوكات تەكىلىپ قىلمىغان بولسىمۇ دەۋادا ئۇتقان. بۇنداق ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىسنى ئاشۇرغان.

2-خاتا قاراش: مەسىلە چققاندىن كېيىن ئادۋوكات تەكلىپ قىلش.

ئەمەلىيەتتە قانۇن خەتىرىدىن ساقلىنىش تەننەرخى مەسىلە تەننەرخىدىن تۆۋەن بۇلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي تەننەرخىنى كۆزدە تۇتۇپ دېىيىلگەن بولماستىن يەنە ۋاقىت تەننەرخىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

3-خاتا قاراش: ئامال تاپالمىغاندا ئادۋوكات تەكىلىپ قىلىش.

بەزىلەر سوت مەھكىمىسىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قورقۇپ كېتىدۇ-دە، ئادۋوكات تەكىلىپ قىلىش جەريانىدا ئادۋوكاتنىڭ مەسئۇلىيىتى،.ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئويلاشمايلا ئالدىراپ ئادۋوكات تەكىلىپ قىلىدۇ. 

4-خاتا قاراش: <داڭلىق> ئادۋوكاتلارنى تەكلىپ قىلىش. 

<ئەڭ ياخشىسىنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇشى ناتايىن، بەلكى مۇۋاپىق بولغىنى دەل ئەڭ ياخشىسىدۇر> بۇ گەپ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشقىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

5-خاتا قاراش: ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشتا ئالدىغان ھەقنىڭ ئازلىقىغا قاراش. 

كەسپىي ئەخلااققا ئىگە ئادۋوكات خالىغانچە باھا قويۇپ، دەۋالاشقۇچىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى كۆزلىمەيدۇ ھەم ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتمەيدۇ، ناتوغرا يوللار ئارقىلىق باھا تالاشمايدۇ. دەۋا قىلغۇچى شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئادۋوكات تەكىلىپ قىلىشتىكى مەقسەت، قانۇننىڭ ياردىمىگە ئېرشىشى ۋە ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداش. ھەرگىزمۇ كۆپەرەك پۇل تېجەپ قېلىش ئەمەس.

6-خاتا قاراش:  <ھۆددىگە ئالغۇچى > ئادۋوكات تەكىلپ قىلىش.

كۆپ ساندىكى دەۋاگەرلەر ئادۋوكات بىلەن ھاۋالە مەسىلىسىنى سۆزلەشكەندە ھەمىشە <مەيدىسىگە بەكرەك ئۇردىغان> ئادۋوكاتنى تېپىشنى ئويلايدۇ.ئەمما ئادۋوكاتلار كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇش نىزامىدا: <ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇنى مۇلازىمەت ئىشلىرىدا ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن كاپالەت بېرىشكە بولمايدۇ> دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

7-خاتا قاراش: ئادۋوكات تەكىلىپ قىلىشتا ئادۋوكاتنىڭ سوتچى، تەپتىش قاتارلىق ئەدلىيە خادىملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى ئاساسلىق شەرت قىلىۋېلىپ، <دەۋالىشىش دېگەن مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش> دەپ قارايدۇ.

8-خاتا قاراش: ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشتا <سالاپەت> ىگە قاراش.

بەزى دەۋالاشقۇچىلار ئادۋوكاتنىڭ كىيىنىشى، ماشىنىسىنىڭ دەرىجىسى قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىشتىكى ئاساسىلىق شەرت قىلىۋالىدۇ.

9-خاتا قاراش: ئادۋوكات تەكىلپ قىلشتا <ئۇنۋان> ىغا قاراش

بەزى ئادۋوكاتلار ئىسىم كارتىسىغا قانداقتۇر <قۇشۇمچە پىروفېسور>، <ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان> دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەرنى يازدۇرۇۋالىدۇ. ھەققىي ئەھۋالنى بىلمىگەن كىشلەر بۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇلارغا چىڭ يېپىشىدۇ.

10-خاتا قاراش: ئادۋوكات قانچىكى تەجىربىلىك بولسا شۇنچە ئەسقاتىدۇ، دەپ قاراش.


سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى قىزىل ياپىراق تەرجىمىسى

ياخشىكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر