بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى كۆزلەپ، توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي توختاملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە بازار تەرتىپى ھەم توختامدىكى داۋالاشقۇچىلارنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە توختامنى تۈزۈش، ئىجرا قىلىش جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ قىلمىشنىڭ كونكرېت شەكىللىرى: بىرىنچى، يوق ئورۇننىڭ ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا توختام تۈزۈش؛ ئىككىنچى، ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، بىكار قىلىنغان چەك - ھۆججەت ياكى باشقا يالغان مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى بىلەن كېپىللىك قىلىش؛ ئۈچىنچى، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق، ئالدى بىلەن ئاز سوممىلىق توختامنى ئىجرا قىلىش ياكى توختامنى قىسمەن ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، قارشى تەرەپنى توختامنى داۋاملىق تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشقا ئازدۇرۇش؛ تۆتىنچى، قارشى تەرەپ بەرگەن، مال، مال پۇلى ۋە ئاۋانىس پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ياكى مال - مۈلۈكككە كېپىل بولغاندىن كېيىن قېچىپ يۈرۈش؛ بەشىنچى، قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋېلىش 3.سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.22 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىنى سادىر قىلىپ، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى كۆزلەپ، توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى كۆزلەپ، توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا، قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: |