نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

يىتىپ كەتكەن چەكتىكى پۇلنى باشقىلار ئېلۋالغاندىن كېيىن

يوللانغان ۋاقتى: 15:44 29-05-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى تور ئاپتورى: قىزىل ياپىرا كۆرۈلۈشى: قېتىم
يىتىپ كەتكەن چەكتىكى پۇلنى باشقىلار ئېلۋالغاندىن كېيىنكى جاۋابكارلىقنى بېكىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەق تەلەپ دېلوسى

          [دېلو ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش]

          دۋاگەر: ئىسمائىل ھاجى

        جاۋابكار: شەھەر پېرېۋوت ئامانەت قەرز كوپىرتىپى

        قانۇن ۋەكىلى: ساۋۇت، كوپىراتىپ مۇدىرى

           دەۋاگەر ئىسمائىل ھاجى بىلەن شەھەر پېرېۋوت ئامانەت قەرز كوپىرتىپى ئۇزا قتىن بۇيان پۇل ئامانەت قۇيۇش، قەرز ئېلىش-قەرز بېرىش مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بۇلۇپ، 1998-يىلى 4-ئايدا ئىسمائىل ھاجى ئۆزىنىڭ 340مىڭ يەن پۇلىنى شەھەر پېرېۋوت ئامانەت قەرز كوپىراتىپىغا ئامانەت قويغان، بۇ پۇلغا 200مىڭ يۈەنلىك بىر چەك، 90مىڭ يەنلىك بىر چەك، 50مىڭ يۈەنلىك بىر چەك ئالغان، ئىسمائىل ھاجى بۇ چەكلەرنى كىملىك گۇۋاھنامىسى بىلەن بىرگە پۇل ساقلايدىغان پورتىمالىغا سېلىپ يانچۇقىدا ساقلاپ يۈرگەن، 1998-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۈم بىر كۈنى كەچتە ئىسمائىل ھاجى مەسچىتكە ناماز ئۆتىگىلى كىرىپ، چاپىنىنى سېلىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئىلىپ قويۇپ تاھارەت ئېلش جەريانىدا، يانچۇقىدىكى پۇل سالدىغان پورتمالنى باشقىلار ئېلۋالغان. ئىسمائىل ھاجمۇ بۇنى بىلمىگەن، 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىسمائىل ھاجى بانكىدىن پۇل ئالماقچى بۇلۇپ. پۇل چېكى ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 10يېرىم بىلەن شەھەر پېرېۋوت ئامانەت قەرز كوپىرتىپىغا پۇل چېكىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىگىنى مەلۇم قىلغان. لېكىن، ئامانەت قويۇلغان پۇلدىن 50مىڭ يۈەنلىك چەكتىكى پۇلنى چەكنى تېپىۋالغۇچى كىشى شۇ كۈنى سائەت 8يېرىم ئەترپىدا، ئىسمائىل ھاجىمنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسنى ئېلىپ كېلىپ بانكدىن ئاجىرتىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. شەھەر پېرېۋوت ئامانەت قەرز كوپىراتىپى قالغان 290مىڭ يۈەنگە قارىتا چەك يىتكەنلىك رەسمىيتى بېجىرگەن، ئسىسمائىل ھاجى پۇل چېكىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىكىنى جامەئەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۈم قىلغان بولسىمۇ، چەكنى ئېلۋالغۇچى ۋە چەكتىكى پۇلنى بانكىدىن ئالغان ئادەمنى تاپالماي، شەھەر پېرېۋوت ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى يىتۈپ كەتكەن چەكتىكى 50مىڭ يۈەننى باشقىلارنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە يول قويغانلىقى ئۈچۈن پۇلنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك، دېگەن ئاساس بىلەن سوت مەھىكىمىسىگە ئەرز قىلىپ دەۋا شەكىللەنگەن.

[سوت قىلىش جەريانى ۋە نەتىجسى]

         سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تەكشۇرۇپ سوت قىلىش ئارقىلىق، پۇلنى ئامانەت قويغۇچى پۇل چېكىنى ياخشى ساقلىماي ئۆزىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسى بىلەن بىرگە قوشۇپ يىتتۈرۋەتكەن. پۇل چېكى يىتۈپ كەتكەندىن كېينىمۇ پۇل چېكىنىڭ يىتىۈپ كەتكەنلىكىنى ۋاقتىدا بانكىغا مەلۈم قىلمىغان، چەك يىتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىش رەسمىيتىنى بېجىرىشتىن ئېلگىرى پۇل چېكىنى ئېلىۋالغان كىشى دەۋاگەرنىڭ كىمىلىك گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ كېلىپ بانكىدىن 50مىڭ يۈەننى ئاجىرتىپ چىقىپ كەتكەن، چەكنى ياخشى ساقلىمىغانلىق ۋە چەك يىتۈپ كەتكەندىن كېيىن دەرھال چەك يىتكەنلىكىنى جاكارلارش رەسمىيتى بېجىرمىگەنلىك مەسئۇليەت دەۋاگەرنىڭ ئۆزىدە بۇلۇپ، ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى 50مىڭ يۈەننى تۆلەپ بەرسۇن دىگەننىڭ ئاساسى يوق، قوللاشقا بولمايدۇ دەپ قاراپ. دەۋاگەر ئىسمائىل ھاجىنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم  چىقارغان، بۇ ھۆكۈمگە ئىسمائىل ھاجى قايىل بولماي ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز قىلغان. ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوت نارازىلىق تەرتىپ بويىچە دېلونى تەكشۇرۈپ سوت قىلىش ئارقىلىق، شەھەر پېرېۋوت ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى باشقىلار ئوغىرىلىۋالغان چەكىنى كۆتۈرۈپ ئەسلىي چەك ئىگىسى ئىسمائىل ھاجىنڭ كىملىك گۇۋاھنامىسى بىلەن بىرگە بانكىدىن پۇل ئاجىراتقىلى كەلگەندە، شەھەر پېرېۋوت ئامانەت قەرز كوپىراتىپى خادىملىرى پۇل ئالغۇچىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى سۈرۈشتە قىلىماي پۇلنى بېرىۋەتكەن، چەكتىكى 50مىڭ يۈەننى باشقىلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىدە شەھەر پېرىۋوت ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ مەلۈم مەسئۇليىتى بار، شۇڭا چەكتىكى باشقىلار ئېلىپ كەتكەن 50مىڭ يۈەننى تۆلەش مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قاراپ: (1) ئەسلى سوت ھۆكۈمىنىڭ بىكار قىلىشقا؛ (2)بانكىدىن باشقىلار ئېلىپ كەتكەن 50مىڭ يۈەننى ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى ئۈستىگە ئېلىپ ئىسمائىل ھاجىغا بانكا ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ تۆلەشكە، 1-،2- سوت دەۋا ھەققىنى شەھەر پېرېۋوت ئامانەت قەرز كوپىراتپى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان، بۇ ھۆكۈمگە شەھەر پېرېۋوت ئامانەت قەرز كوپىرتىپى قايىل بولغاي يۇقىرى خەلىق سوت مەھكىمىسگە قايتا سوت قىلش ھەققىدە ئلىتىماس ئەرزى قىلىغان. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى نازارەت تەرتىپى بويىچە تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمىنىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، مەسئۇليەتنى ئايريشنىڭ قانۇني ئاساسى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قاراپ: (1)دېلونى قالدۇرۇپ سوت قلىش؛ (2) يېىڭۋاشتىن قارىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئەسلى سوت ھۆكۈمىنىڭ ئىجىراسىنى توختىتىش ھەققىدە كېسىم چىقارغان، شۇنىڭدىن كېيىن قايتا سوت قىلىش تەرتىپى بويىچە دېلونى ئوچۇق سوت قىلىپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق، ئىسمائىل ھاجى ئۆز يېنىدىكى پۇل چېكى ۋە كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ياخشى ساقلىماي يىتتۈرۈپ  قويغان، پۇل چېكى يىتۈپ كەتكەندىن كېيىن پۇل چېكىنىڭ يىتكەنلىكىنى بانكىغا مەلۇم قىلىمىغان ۋە پۇل چېكى يىتكەنلىكىنى ئېلان قىلىش رەسمىيتىنى بېجىرمىگەن، دەۋاگەر پۇل چېكى يىتۈپ كەتكەنلىك رەسمىيتى بېجىرىشتىن بۇرۇن دەۋاگەرنىڭ پۇل چېكىنى ۋە كىلىك گۇۋاھنامىسىنى ئېلۋالغان ئادەم 50مىڭ يۈەنلىك چەكتىكى پۇلنى ئاجىرتىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، <<پۇل ئامانەت  نىزامى>> نىڭ 31- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، چەكتىكى پۇلنى چەكنى ۋە كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئېلۋالغۇچىنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىشىدىكى مەسئۇليەت شەھەر پېرېۋوت ئامانەت قەرز كوپىرتىپىدا ياخشى ساقلىيالماسلىق، پۇل چېكى يىتكەندىن كېيىن پۇل ئامانەت چېكى يىتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىش رەسمىيتى ۋە چەكنى ئىناۋەتسىز قىلىش رەسمىيتى بېجىرمىگەنلىكتىن چەكتىكى پۇلنى پۇل ئامانەت چېكى ۋە كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئېلۋالغان كىشى شەھەر پېرېۋوت ئامانەت- قەرز كوپىراتىپىدىن ئاجىرتىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. بۇ جاۋابكارلىقىنى پۇلنى ئامانەت قويغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك. ئوتتۇرا سوت ھۆكۈمىدە دېلونىڭ پاكىتىنى بېكىتىش، قانۇننى تەتبىقلاپ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش، مەسئۇليەتنى ئايرىش توغرا بولمىغان، دەپ قاراپ: (1)ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2-سوت ھۆكۈمىنى كۈچدىن قالدۇرۇشقا؛ (2)ئىسمائىل ھاجىنىڭ ئەرز تەلەپلىرىنى قانۇن بويىچە رەت قىلىشقا؛ سوتلارغا تۆلىگەن دەۋا ھەققىنى ئىسمائىل ھاجى ئۆزى ئۈستىگە ئېلشقا ھۆكۈم قىلغان.

[دېلودىكى قانۇني مەسىلە]

        بۇ دېلودىكى ئاساسلىق قانۇني مەسىلە، چەك ۋە كىملىك گۇۋاھنامىسىنى يىتتۈرۋەتكەن كىشى پۇل ئامانەت چېكىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىكىنى بانكىغا مەلۈم قىلمىغان ياكى پۇل چەك يىتىۈپ كەتكەنلىك رەسمىيتى بېجىرمىگەن بولسا چەكتىكى پۇلنى باشقلار بانكىدىن ئاجىرتىپ ئېلىۋالغاندا، مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ ھەقتە قانداق قانۇن بەلگىلىمىلەر بار، پۇل چېكىنى باشقىلار ئوغرىلىۋېلىپ، چەك يىتكەنلىكىنى مەلۈم قىلىشتىن بۇرۇن، بانكىدىن چەكتىكى پۇلنى ئاجرىتىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا مەسۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىش قانداق بۇلىدۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشى مۇۋاپىقمۇ يوق، دېگەن مەسلىدىن ئىبارەت.

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر