1) بۇ جىنايەتنىڭ ئۇقۇمى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ مەجبۇرلاش ۋاستىسى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىگە بۇزغۇچىلىق قىلغان ئېغىر قىلمىشلىرىغا ئېيتىلىدۇ. 2) بۇ جىنايەتنىڭ ئالاھىدىلىگى بۇ جىنايەتنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلدىغان ئوبيېكتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىسلاھ قىلىش ھوقوقى بۇلىدۇ. بۇ جىنايەت سۇبىيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىنلا شەكىللىنىدۇ، يەنى دۆلەت قانۇنلىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكى ھوقوقىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇنىڭغا قەستەن دەخلى-تەرۇز قىلىشتىن شەكىللىنىدۇ. ئوبىكتىپ جەھەتتىكى مۇھىم شەرتى. بۇ جىنايەت ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە مەجبۇرلاش ۋاستىسى بىلەن قانۇنسىز ئارىلىشىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىىشلاردا ئىپادىلىندۇ. ئارلىشىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش شەكلى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ھوقۇقدىن پايدىلىنىپ مەمۇرىي تەدبىر قوللىنىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىندۇ. مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش، ئاز سانلىق مىللەتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئېلىپ بارغان نورمال ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىش ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ئىپادىلىندۇ. ،خۇيزۇ ئاممىسىنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېيىت-بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىقلار مۇشۇنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ مەسلىگە دېققەت قىلىش كېرەك: جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇشۇ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىلا بۇ جىنايەتنى شەكىللەندۇرىدۇ. قىلىمىشى ئېغر دېگىنىمىز، ئاساسلىقى ۋاسىتىسى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر، سىياسى جەھەتتە تەسىرى يامان بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەىلى-تەرزۇ قىلغانلىقتىن، مىللىي ماجىرا كەلتۈرۈپ چىقارسا، قىلىمىشى ئېىغىر بولغانلار ھېسابلىنىپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىندۇ. دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىدىن سىياسى سەۋىيىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى بىلمىگەنلىكتىن، كونكىرېت مەسىللەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىماي، ئۇلارغا ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي جازا بېرىلسە ياكى تەنقىد-تەربىيە بېرىلسە بولىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەىلى-تەرزۇ قىلىش جىنايىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى <<جىنايى ئىشلار قانۇنى>> 251-ماددا قانۇنسز يوللار بىلەن پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىگىدىن مەھرۇم قىلىغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى-تەرزۇ قىلغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلىمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى 4-ماددا 4-تارماق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققى قىلىدۇرش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. سالام ئۈرۈمچى توربېكىتى - قىزىل ياپراق يوللانمىسى |