نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

شەھەردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيت

يوللانغان ۋاقتى: 23:14 24-03-2011 مەنبە: خەلق تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، شەھەرلەردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى يەنى

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، شەھەرلەردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش خىزمىتى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، شەھەرلەردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش خىزمىتى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مەملىكەت دائىرىسىدە مەركەز تارماقلىرىنىڭ «ھۆكۈمەت پۇلغا ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلغا مېھمان چاقىرىش» چىقىم خام چوتىنى داۋاملىق قىسقارتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شەھەردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، جەريانىنى تولۇق تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش شەرت. تىرىشىش ئارقىلىق 2015-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەرلەردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىياسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇرۇش، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەرنىڭ %50دە يېمەك-ئىچمەك ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ يىغىش ۋە يۆتكەپ بىر تەرەپ قىلىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 2009-يىلى ۋە 2010-يىلى زور نىسبەتتە ئىخچاملاش ئاساسىدا، 2011-يىلى مەركەز تارماقلىرىنىڭ «ھۆكۈمەت پۇلغا ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلغا مېھمان چاقىرىش» چىقىم خام چوتىنى داۋاملىق قىسقارتىش، بۇ يىل 6-ئايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مەركەز مالىيەسىنىڭ نەق چوتىنى دوكلات قىلغاندا، مەركەزنىڭ «ھۆكۈمەت پۇلغا ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلغا مېھمان چاقىرىش» چىقىمى ئەھۋالىنى دوكلات مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (دەسلەپكى لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى ھەم ماقۇللاندى، بۇ لايىھە يەنىمۇ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سونۇش قارار قىلىندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمسى)

 مەنبە: خەلق تورى

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر