ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمىغان بولسىمۇ،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوخشاشلا سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 22-دېكابىر 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى لايىھىسىدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى توغرىسىدا مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىۋاتقان ئورۇنلار قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمىغان بولسا،ئۇنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
لايىھىدىكى بەلگىلىمە بويىچە،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمىغان ئەھۋالدا،ئىشتا يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرسە،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن داۋالاش ھەققىنى تۆلەيدۇ؛ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆلەشنى رەت قىلسا،ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ئاۋال تاپشۇرۇلۇپ،كېيىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا تۆلەتكۈزىدۇ،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆلىمىسە،ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى تەرتىپ بويىچە تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.
لايىھىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىدە يارىلانسا ياكى كەسىپ كېسىلىگە گىرىپتار بولسا،ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئىشتا يارىلانغانلىقى بېكىتىلگەن بولسا،ئىشتا ياىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايدۇ:ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاپ بېكىتىشتە،ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلىقى جەزىملەشتۇرۇلگەن بولسا،مېيىپلىك تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
|