جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
«12-بەش يىللىق پىلان» باشلانغان يىلى، مەركەزدىن يەرلىككىچە ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كەلدى. مەركەز مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتكەن چىقىمى ئۈچتىن ئىككى قىسىمغا يەتتى. جايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، تۇرالغۇ قاتارلىق پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى يېڭى تەدبىرلىرىنى كەينى-كەينىدىن قوللىنىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنى خەلق تۇرمۇشى باھار شامىلىدىن بەھرىمەن قىلدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس، ئادەم ئىشلىتىش تەس، خادىم قوبۇل قىلىش تەس بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار گىرەلىشىپ كەتكەن كەسكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەركەز مالىيەسى 42 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر بىر تەرەپتىن تۈرلۈك شەكىللەردە خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنلىرىنى پائال تەشكىللەپ، ئاممىۋىي ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. دېھقان ئىشلەپچىلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشتىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك يارىتىشىغا ئىلھام بېرىشكىچە، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نۆۋەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىدىكى قىيىنچىلىقتىن تىرىشىپ قۇتۇلدى.
بۇ يىل داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئۈچ يىل يولغا قويۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. بۇ يىل مەركەز مالىيەسى داۋالاش سەھىيە چىقىمىغا 172 مىليارد 750 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، %16.3 كۆپەيتىدۇ. 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى دورا باھاسىنى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلەتتى. 162 خىل 1300 گە يېقىن دورىنىڭ باھاسىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21 تۆۋەنلەتتى، بۇ تەدبىر ئارقىلىق ھەر يىلى ئاممىنىڭ ئون مىليارد يۈەن سېلىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
گوۋۇيۈەن يېقىندا مۇنۇلارنى قارار قىلدى: بۇ يىللىق خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا، يەنە 12 مىليارد 300 مىليون يۈەن كۆپەيتىلىپ، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىنىقى تولۇقلىمىسىغا سەرپ قىلىنىدۇ. ئەسلىدىكى يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا سىنىقى دائىرىسىنى مەملىكەت بويىچە %40 ناھىيەگە كېڭەيتىش نىشانى %60گە يەتكۈزۈلىدۇ. شەھەر، بازارلاردىكى تېخىمۇ كۆپ كىرىمى يوق ئائىلىلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
ئالاقىدار مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، كەلگۈسى ئون يىلدا ئېلىمىزدە 50 مىليون بالا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپقا قوبۇل قىلىنىدىكەن ھەمدە ھازىرقى ئېلىمىزدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %50 كە يەتكۈزۈلىدىكەن. ئۇزۇندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپقا سالغان مەبلىغى ئومۇمىي مائارىپ راسخوتىنىڭ تەخمىنەن %1.3 نى ئىگىلەپ كەلدى. بۇ يىل مەركەز مالىيەسى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپ تەرەققىياتى مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىپ، 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ يېزىلاردا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىدۇ.
كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى پۇقرالارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. شۇنداقلا بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك تەدبىرى. يېقىندا ئېچىلغان دۆلەت ئىشلىرى ئىشخانىسى دائىمىي ئىشلار يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇ يىل مەركەز مالىيەسى 18 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي ۋە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، شەھەرلەردىكى كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش ھەمدە ئالاقىدار ئاساسىي مۇئەسسەسەلەر يۈرۈشلۈك تولۇقلىمىسىغا سەرپ قىلىدۇ. مەركەزدىن يەرلىككىچە، كۆپ يوللار ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، سېلىنمىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاتاكا مارىشىنى ياڭراتماقتا.
تەرجىمان: ئىىنجان ئىسمائىل مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |