مىللىي رايونلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەتى ئۆستۈرۈلىدۇ
يوللانغان ۋاقتى: 11:31 11-03-2011 مەنبە: خەلق تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
مىللىي رايونلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ
«خەلق گېزىتى»نىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ يۈپېي مۇنداق دېدى: «‹12-بەش يىل›نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياردەم بېرىش دائىرىسى شۇ جايدىكى نوپۇسنىڭ %8.5ىدىن تۆۋەن بولمايدۇ، شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى شۇ جايدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمىنىڭ %30ىگە تەڭلەشتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ تولۇقلىما مەبلىغى شۇ يىلدىكى شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى چىقىمىنىڭ %75ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
دۇ يۈپېي مۇنداق دېدى: «‹12-بەش يىل›نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى يېزا تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى شۇ جايدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال چىقىمىنىڭ %35ىگە يەتكۈزۈلىدۇ، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىش ئۆلچىمى شۇ جايدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولمايدۇ، شۇنداقلا، يېزىلاردىكى بەشتە بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىش ئەسلىھەلىرى تۈرىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما كۆپەيتىلىپ، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى يىغىپ بېقىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. (مۇخبىر جى يې خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
|
------分隔线----------------------------