[دېلو ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش] دەۋاگەر: غولام جاۋابكار: مىرشات مەترېھىمنىڭ مۇقۇم ئىش ئورنى يوق بۇلۇپ، 1997-يىلى 8-ئايدا قوشنىسى غولامنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆيىگە ئوغرلىققا كىرىپ، ئۆيىدىكى 27سۇڭلۇق رەڭلىك تېلۋوزۇرنى ئوغرىلارپ چىقىپ، ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان ھەمدە ئىنىسىنىڭ قوشىنىسى مىرشاتقا 2600يۇەنگە ساتقان. 1998-يىلى 2-ئايدا مەترېھىم يەنە باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرلىققا كىرگەندە تۇتۇلۇپ قالغان. سوراق قىلىش جەريانىدا مەترېھىم ئۆزىنىڭ قوشنىسى غولامنىڭ ئۆيىگە ئوغىرلىققا كىرىپ، رەڭلىك تېلۋوزۇرنى ئوغرلاپ چىقىپ، قوشنا يېزىدىكى ئىنىسىنىڭ مەھەللىسىدىكى مىرشاتقا ساتقانلىقىنى ئىقرار قىلىغان. ج خ ئورۇنلىرى مۈلۈك ئىگىسى غولامغا خەۋەر قىلىغان، غولام تېلۋوزۇر سېتىۋلغاندا پۇل تۆلىگەن ئىسچوت ۋە باشقا رەسمىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تېلۋوزۇرنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورنىدىن تېلۋوزۇرنى ئېلىپ كەتكەن. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە، مىرشات غولامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ: بۇ تېلۋوزۇرنى ئۆزىنىڭ پۇل تۆلەپ قانۇنى يول بىلەن سېتىۋالغانلىقىنى، شۇڭا قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن غولام سوت مەھكىمسىگە ئەرز قىلىپ دەۋا شەكىللەنگەن. [سوت قىلىنىش جەريانى ۋە نەتىجىسى] سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ سوت قىلىش ئارقىلىق، دەۋا نىشانى قىلىنغان رەڭلىك تېلۋوزۇر كۆچمە مۈلۈك بۇلۇپ، بۇ مۈلۈكنى سېتىۋالغۇچى ياخشى نىيەتتىكى ئۈچىنجى كىشى سۈپتىدە رەڭلىك تېلېۋوزۇرنىڭ زاڭ مال ياكى زاڭ مال ئەمەسلىكىدىن خەۋىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا سېتۋالغان؛ ئۈچىنجى كىشى مىرشاتنىڭ رەڭلىك تېلىۋوزۇرنى سېتۋېلىش ھەرىكىتى ياخشى نىيەت بىلەن ئېرىشىش ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا تېلىۋوزۇر ئىگىسى جاۋابكارندىن تېلىۋوزۇرنىڭ پۇلىنى تۆلىتىۋېلىشقىلا ھوقۇقلۇق دەپ قاراپ، جاۋابكارنىڭ تېلۋوزۇر ساتقان پۇل 2600يۈەننى تۆلىشىنى ھۆكۈم قىلىغان. بۇ ھۆكۈمگە غۇلام قايىل بولماي، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلق ئەرز بەرگەن. ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككىنجى سوت تەرتىبى بويىچە سوت قىلىپ: جاۋابكار مەترېھىم رەڭلىك تېلۋوزۇرغا قانۇنسىز يول بىلەن ئىرىشكەن، مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى قانۇنسىز، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ قانۇنسىز قىلىمىش ئارقىلىق مال-مۈلۈككە ئېرىشكەن؛ مۈلۈكنىڭ خاراكتىرى زاڭ مالغا ياتقان بولغاچقا، زاڭ مالنى ئېلىم-سېتىم قىلىپ مۈلۈككە ئېرىشىشكە قارىتا ياخشى نىيەت بىلەن ئېرىشىش تۈزۈمىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. شۇڭا، مەترېھم بىلەن مىرشات ئوتتۇرىسىدىكى تېلىۋوزۇر ئېلىم-سېتىم ھەرىكىتى قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، مۈلۈك ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇشى كېرەك دەپ قاراپ، (1) ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچتىن قالدۇرۇشقا؛ (2) مىرشات تېلىۋوزۇرنى دەۋاگەر غولامغا قايتۇرۇشقا؛(3) مىرشات تېلىۋوزۇرنىڭ پۇلىنى مەترېھىدىن ئېلىشقا ھۆكۈم قىلغان. [دېلودىكى قانۇنى مەسىلە] بۇ دېلودىكى ئاساسلىق قانۇنى مەسىلە: زاڭ مال، زاڭ پۇللارغا نىسبەتەن ياخشى نىيەت بىلەن ئېرىشىش تۈزۈمى قوللىنىشقا بۇلامدۇ؟ زاڭ مالنى سېتىش-سېتىۋېلىش ھەق تەلەپ ھەرىكىتى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بۇلامدۇ؟ سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشى مۇۋاپىقمۇ- يوق، دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. [قانۇنى تەھلىل] مۈلۈكنىڭ كېلش مەنبەسى قانۇنغا خىلاپ بولغان، يەنى ئوغرىلانغان، ئالداپ ئېلىۋېلىنغان ، قاقتى-سوقتى قىلىنغان، پارا ئېلىشقا ئوخشاش جىنايەتكە چېتىشلىق يوللار بىلەن ئېرىشىلگەن مۈلۈككە قارىتا ياخشى نىيەت بىلەن ئېرىشىش تۈزۈمىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. جاۋابكار مەترېھم ئوغرلىغان رەڭلىك تېلۋوزۇرنى ئۈچىنجى كىشى مىرشاتقا ئەسلى باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن باھادا سېتىۋەتكەن؛ مىرشات گەرچە تېلېۋوزۇرنىڭ ئوغرلىغانلىقىنى بىلمەي سېتىۋالغان بولسىمۇ، تېلىۋوزۇرنىڭ بازار باھاسى بىلەن مىرشات سېتىۋالغان باھا ئوتتۇرىسىدا پەرق خېلىلا زور بۇلۇپ، مىرشات تېلۋوزۇرنى سېتۋېلىشتا ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلمىغان، شۇڭا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم-سېتىم ھەرىكىتىنى قانۇنلۇق دىيىشكە بولمايدۇ؛ مىرشاتنىڭ مۈلۈككە ئېرىشىشىنى ياخشى نىيەت بىلەن ئېرىشىش دەپ بېكىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشى پاكىتىقا ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان. سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى قىزىل ياپىراق يازمىسى |