نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

قەرز ماجىراسى دېلولىرى ۋە قانۇنى تەھلىل

يوللانغان ۋاقتى: 17:46 28-05-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى تور ئاپتورى: قىزىل ياپىرا كۆرۈلۈشى: قېتىم
قەرز مۇناسىۋىتىنى بېكىتىشتىن كېلىپ چققان ھەق تەلەپ دېلوسى

   [دېلو ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇش]

دەۋاگەر: سۈبھى

جاۋابكار: كېرەم

       1996-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى زاكىرجان جىددىي پۇل لازىم بۇلۇپ قېلىپ كېرەمدىن پۇل  سورىغان، كېرەمنىڭ ئۆزىدە پۇل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سۈبھىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن سۈبھى 50مىڭ يۈەن پۇلنى 15كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن زاكىرجانغا قەرز بەرگەن، زاكىرجان بۇ پۇلغا 15مىڭ ئۆسۈم بېردىغان بولغان. <<مەنكى زاكىرجان سۈبھىدىن 15مىڭ يۇەن ئۆسۈم قۇشۇلۇپ 65مىڭ يۈەن قەرز ئالدىم. 15كۈندىن كېيىن قايتۇرىمەن>> دەپ ھۆججەت يېزىپ بەرگەن. ھۆججەتكە ئوسمان، ئەخەت، ئابلەت قاتارلىقلار گۇۋاھچى بولۇپ قول قويغان، كېرەممۇ گۇۋاھچىلار قاتارىدا قول قويغان. شۇ يىلى 11- ئايدا زاكىرجان قەرز پۇلنى قايتۇرالماي ئوسمان، ئەخەت قاتارلىقلانى گۇۋاھ قىلىپ پۇلنىڭ ئۆسىمىگە يەنە 10مىڭ يۈەن قوشۇپ 25مىڭ يۈەنگە قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن. كېرەم بىرگە بارغان بولسىمۇ، سۈبھىنىڭ ئۆيىگە كىرمەي ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن زاكىرجان يوقاپ كېتىپ ئىز-دېرىكى بولمىغان. سۈبھى زاكىرجاننى ئىزدىگەن بولسىمۇ تاپالماي، زاكىرجان ئالغان قەرز پۇلغا كېرەم قەرزدار قاتارىدا قول قويغان، زاكىرجان بولمىغانلىقتىن بۇ قەرز پۇلنى كېرەم قايتۇرۇشى كېرەك دەپ سۈبھى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ دەۋا شەكىللەنگەن.

[سوت قىلىنىش جەريانى ۋە نەتىجىسى]

          سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قوبۇل قىلىپ تەكشۇرۇپ سوت قىلىش ئارقىلىق قەرز ئالغۇچى زاكىرجان كېرەمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سۈبھىدىن 50مىڭ يۈەن قەرز ئالغان، بۇ پۇلغا قارىتا زاكىرجان ۋە كېرەم بىرلىكتە تۇرۇپ قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن. كېرەممۇ قەرز ئالغۇچى سۈپتىدە ئىسمىنى يازغان.  كېيىن يېزىلغان 25مىڭ يۈەنلىك قەرز ھۆججىتىگە كېرەم قول قويغانلىقى ئۈچۈن، ھەم كېرەم زاكىرجان يازغان قەرز ھۆجىتىگە كېرەممۇ قول قويغانلىقى ئۈچۈن قەرز قايتۇرۇش مەجبۇريىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قاراپ: (1) زاكىرجان قەرز ئالغان 50مىڭ يۈەننى كېرەم ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەشكە، (2)داۋالاشقۇچىلارنىڭ باشقا تەلپىنى قانۇن بويىچە رەت قىلىشقا؛ دەۋا ھەققىنى كېرەم ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان. بۇ ھۆكۈمگە كېرەم قايىل بولماي ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بەرگەن. ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككىنجى سوت تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقىپ تەكشۇرۇپ سوت قىلىش ئارقىلق، ئەسلى سوت ھۆكۈمنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق. نارازىلىق ئەرزى قىلغۇچىنىڭ مەن قەرز بەرگۈچى سۈبھى بىلەن قەرز ئالغۇچى زاكىرجاننى ئۇچراشتۇرۇپ قويغان، قەرز پۇلنى مەن ئالمىغان دېگەن بولسىمۇ، لېكىن قەرز ئېلىشتا زاكىرجان بىلەن كېرەم قەرز پۇلنى بىرلىكتە تۇرۇپ ئالغان ۋە قەرز ھۆججىتىگە قول قويغان. شۇڭا، قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەسلى ھۆكۈمىدە پاكىتىنى بېكىتىپ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش توغرا بولغان. نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنىڭ ئاساسى بولمىغانلىنقتىن رەت قىلىش كېرەك دەپ قاراپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمنى كۈچگە ئىگە قىلىپ، كېرەمنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىشقا ھۆكۈم قىلىغان. بۇ ھۆكۈمگە كېرەم قايىل  بولماي يۇقرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا سوت قىلىش ھەققىدە ئىلتىماس ئەرزى قىلىغان، يۇقىرى سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرۇغۇزۇپ تەكشۇرۇپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ئەسلى سوت ھۆكۈمنىڭ پاكىىتى ئېنىق ئەمەس، قانۇننى تەدبىقلاپ دېلونى بىرتەرەپ قىلىشى مۇۋاپىق بولمىغان. بۇنى قانۇن بويىچە تۈزتىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ:(1) دېلونى ئالدۇرۇپ سوت قىلىشقا؛(2) يېڭىۋاشتىن قارىلۋاتقان مەزگىلدە ئەسلي سوت ھۆكۈمىنىنىڭ ئىجىراسىنى توختىىش ھەققىدە كېسىم چىقارغان. قايتا سوت قىلىش تەرتىپى بويىچە سوت قىلىش ئارقىلىق، 1996-يىلى 8-ئايدا ۋە 11-ئايدا زاكىرجان نامىدا يېزىلغان ئىككى پارچە قەرز ھۆججتىنى زاكىرجان ئۆز شىركىتىنىڭ نامى بىلەن يېزىپ بەرگەن شەخسى ھۆججەت، ھۆججەت مەزمۇنىدن قارىغاندا زاكىرجان قەرز پۇلىنى باشقلار بىلەن بىرلكتە تۇرۇپ ئالغان، لېكىن قەرز پۇل ئېلىم-بېرىمى ئۈستىدە تۇرغانلار گۇۋاھچى سۈپتىدە قول قويغان، ئەمما قەرز مۇناسىۋىتىگە قاتناشمىغان. ھۆججەتتىكى مەزمۇن خاسلىققا ئىگە بۇلۇپ، كېرەم قەرز مۇناسىۋىتىدە گۇۋاھچىلىق رولنى ئوينىغان، ئۇنى زاكىرجان بىلەن بىللە ئالغۇچى ياكى كېپىل بولغۇچى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. قەرز پۇل مۇناسۋىتىدە زاكىرجان پۇل قەرز ئېلىپ ئۆز نامىدىن سۈبھىگە قەرز ھۆججختى يېزىپ بەرگەن. كېرەم گۇۋاھچى قاتارىدا قول قويغان ۋە قەرز مۇناسىۋىتىدە تۇنوشتۇرغۇچىلىق رول ئوينىغان. شۇڭا، سۈبھى بىلەن كېرەم ئوتتۇرىسىدا ھەقدارلىق ۋە قەرزدارلىق مۇناسۋىتى شەكىللەنگەن دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ. ئەسلي سوت ھۆكۈمىلىرىدە پاكىتىنى بېكتىش، قانۇننى تەدبىقلاپ، دېلونى بىرتەرەپ قىلىش مۇۋاپىق بولمىغان. بۇنى قانۇن بويىچە تۈزتىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ: (1)1-2-سوت ھۆكۈمىنى كۈچىدىن قالدۇرۇشقا؛ (2) سۈبھىنىڭ دەۋا تەلپىنى رەت قىلىشقا؛ سوتلارغا تۆلىگەن دەۋا ھەققىنى سۈبھى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان.

[دېلودىكى قانۇنى مەسىلە]

    بۇ دېلودىكى ئاساسلىق قانۇنى مەسىلە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھەقدارلىق- قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى  شەكىللەنگەنمۇ، يوق، قەرز مۇناسىۋىتىدە تۇنۇشتۇرغۇچىلىق ۋە گۇۋاھچىلىق رولىنى ئوينىغان كىشنى قەرزدار دەپ بېكىتشكە بۇلامدۇ،يوق، سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشى مۇۋاپىقمۇ،يوق دېگەن مەسلىدىن ئىبارەت.

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر